ئانامغا
{2 ?3 B. U7 Z9 h! g( {/ s) m& Jئۈمىدجان قادىرى
+ V6 |# |4 A% H7 c7 K) v4 e* Sقەدىردانىم ئانا سەندەك جاھان-ئالەمدە غەمخان يوق،
ئۆزىن پەرزەنتكە بەخش ئەتكەن ۋۇجۇدى مۈلكى گۈلخان يوق،
مەگەركى بار دېسەم بىر دەم،سېنىڭدەك ياندا ھەر ئان يوق،
ئۇلۇغلۇق بابىدا بىر سەن،سېنىڭدىن ئۆزگىگە سان يوق،
ساڭا مەنسۇپكى ئىخلاسىم،يۈرەكتە باشقا ئارمان يوق.
. @ D" f- c. ?4 p, O1 Dجاپا-مۈشكۈلدە قالسام گەر ئۆزۈڭ چەت قالمىدىڭ بىر رەت،
قولايغا تارتمىدىڭ يۈزنى،جاپادا تالمىدىڭ بىر رەت .
بالام دەپ بەردىڭا بارنى،يېنىڭغا سالمىدىڭ بىر رەت،
بىلىپ-بىلمەيلا رەنجىتسەم،كۆڭۈلگە ئالمىدىڭ بىر رەت،
ئانادىن كۆرمىگەن شەپقەت جاھاندا بىرمۇ ئىنسان يوق.
! ~; l9 l" L" |
نىشاننى كۆرسىتىپ يارقىن،كۈنۈڭنى ئال دېدىڭ ئوبدان،
يېرىڭنى ئاق پېتى قويماي كۆچۈرگىن تال دېدىڭ ئوبدان،
ئەجىردە بار قىلىپ يوقنى،تېتىپ باق بال دېدىڭ ئوبدان،
دىلىڭدىن ئەندىشەڭ يىتسۇن،دۇتارىڭ چال دېدىڭ ئوبدان،
ئىكەن راست ئويلىنىپ كۆرسەم،بۇنىڭدىن ياخشى ئىمكان يوق.
9 q8 }! @7 I' E+ u6 q
) r" }5 N1 ]3 D3 C4 U& |
ئۆتۈپ كەلدىڭ «بالام!»دەپلا توساقلار بولسىمۇ ھەر-ھەر،
سۈرۈپ چەتلەرگە بەدبۇينى،دىماقلارغا تۆكۈپ ئەنبەر،
سىمايىڭ زەر قۇياش بولسا،سۆزۈڭ دۇردانىسى جەۋھەر،
بولۇپ كەلدىكى مىزانىڭ ۋۇجۇد چاڭقاقىغا كەۋسەر،
مۇبادا بولمىساڭ،بولغاي ئېدى تەنلەردە دەرمان يوق.
* O( n. B2 I8 G, v/ `. W H# F7 T
ئىتەرمەن ئۈشبۇ نەزمەمدە كۈنۈڭ مەۋلۇتىنى تەبرىك،
يېلىنجاپ ئۆكسىمەس مەڭگۈ مېھىرنىڭ ئوتىنى تەبرىك،
ئاشۇ مېھرىڭ ئېلىپ كەلگەن شەرەپ-شان قۇتىنى تەبرىك،
ئۇتۇقتا ساننى ئاۋۇتقان ھېسابات چوتىنى تەبرىك،
سېنىڭ مېھرىڭ كەبى تاشقان جاھاندا ئۆزگە فۇنتان يوق.
" Q9 e) @! s' H5 l8 t
. K9 [1 y7 ^% p0 b
(«خوتەن گېزىتى»2007.يىل 17.ماي)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تىمسال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-9 09:04 " v+ W* x- y( U# Y. J
8 ?' g& h1 J Z. T