ئالبېرت كاميۇ «كۈندىلىك خاتىرىلەر»دىن
ئەركىنلىك، بۇ- يالغان سۆزلىمەسلىك ھۇقۇقىدۇر. * * * مەن نېمە ئۈچۈن پەيلاسۇپ ئەمەس،سەنئەتكار ؟ چۇنكى مەن غايىلەر ئارقىلىق ئەمەس، سۆزلەرنىڭ ۋاسىتىسىدە پىكرقىلىمەن. * * * ھاياتنىڭ ئۇلۇغ سۇئالى بولسا، ئادەملەر ئارىسىدا قانداق ياشاش. * * * تراگېدىيە. ئا: دۇنيانى قايتا يارىتىش - ئەرزىمەس ۋەزىپە. ب: دۇنيانى ئەمەس، ئادەمنى قايتا يارىتىش لازىم. * * * پەقەت ئوبرازلار ئارقىلىق تەپەككۇر قىلىش مۇمكىن. ئەگەر پەيلاسۇپ بولۇشنى خالىساڭ، رومانلار ياز. * * * گرېنيې كومۇنىزم ھەققىدە: «ئەدالەت ئىدئىئالىنى دەپ بىمەنىلىكلەرگە رازى بولۇش كېرەكمۇ».بۇنىڭغا«شۇنداق»،دەپ جاۋاپ بېرىشكە بولىدۇ، بۇ- گوزەل.«ياق»،دەپ جاۋاپ بېرىشكىمۇ بولىدۇ، بۇ-ۋىجدانەن بولىدۇ.- پۈتۈن مەسىلە ئەنە شۇنىڭدا». * * * ئەركىن مەتبۇات ياخشى بولىشىمۇ، يامان بولىشىمۇ مۇمكىن. ئەركسىز مەتبۇات بولسا، پەقەت يامان بولىدۇ. * * * سەنئەتنى چۈشىنىش پەقەت ئاز بىر قىسىم ئادەملەرنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ. * * * يېزىش-مىننەتسىز ئەمگەك دېمەكتۇر. * * * ئۆلۈمدە ئويۇن ۋە قەھرىمانلىق ئۆزىنىڭ ھەقىقى مەناسىغا ئېگە بولىدۇ. * * * 1936-يىل مارت. مېنىڭ شادلىقىم چىگىراسىز. * * * 31- مارت. مەندە شۇنداق بىر تۇيغۇ باركى، گويا مەن بىرخىل ھالەتتە پەستىن ئۆرلەۋاتقامدەكمەن... * * * ماي. چەكسىز جەزىرىدە كۈن ئولتۇرىۋاتقاندا ئاياللار نەقەدەر گۈزەل. * * * 20- ئەسرنىڭ ئەڭ كۇچلۈك ئېھتىراسى- مالايلىقتۇر. * * * ئەڭ خەۋپلىك يولدىن ئېزىش: ھېچ كىمگە ئوخشىماسلىق. * * * مەن ھېچ نېمىدىن كۆز يۇمماسلىقنى ئەۋزەل بىلىمەن. * * * ھەمىشە ھەق بولۇشقا ئىنتىلىش-ئەقىل تەربىيە كۆرمىگەنلىكىنىڭ بەلگىسىدۇر. * * * ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئۇلۇغ تۇيغۇلار ئاز،بىتايىن ھىسلار كۆپ بولىدۇ... * * * شۇنداق، مېنىڭ ۋەتىنىم بار، ئۇ بولسىمۇ- فرانسۇز تىلى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-8 22:15
|