كۆرۈش: 96|ئىنكاس: 2

ئۈزۈك-ئۈزۈك تىنىقلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  583
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 145
تۆھپە : 0
توردا: 31
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 21:14:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                  
93293d42ed62bebb1ec124eb5f31945b05b84b6d_m.gif

بىر باھارنى ئۇزاتقىنىڭدا ئۇنىڭ خۇشپۇراق ھېدلىرىغا قىيالماي يەنە بىر باھارنىڭ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىسەن، كۈنلىرىڭ ئەنە شۇنداق كۈتۈش بىلەن ئۆتىدۇ. بىلەمسەن دوستۇم سەن كۈتۈش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئەشۇ ۋاقىتلار ھاياتىڭنىڭ بىر قىسمى ئەمەسمۇ؟ باھار قايتىپ كېلىدۇ، لېكىن ھاياتلىق قايتىلانمايدۇ. ئېسىڭدە بولسۇنكى ھاياتلىقلا بولىدىكەن ساڭا كۈندە باھار!
***
ھايات ساڭا ئاچچىق مۇئامىلە قىلغاندا ئاچچىق يۇتساڭ قەلبىڭ يارىلىنىدۇ، ئارقاڭغا چېكىنسەڭ بالىلىغىڭغا قايتىسەن، ئەڭ ياخشىسى ئىككىلەنمەي تەبەسسۇم بىلەن ئالدىڭغا قاراپ ماڭ. بۇ دۇنيادا سەن بېسىپ ئۆتەلمەيدىغان تاغ-داۋان، چۆل-جەزىرە يوق. مەنزىل ھامان ئالدىڭدا.
***
سەن مۇھەببەت ئۈچۈن ياشىماقچى ئەمەسمىدىڭ؟ ئۇنداقتا ئۇنىڭ سېھرى كۈچىنى ھېس قىلالىدىمۇ؟ ئۇ سېنىڭ ھۇجۇدىڭدا، ساڭا ھەممىنى كۆرسىتىۋاتقان كۆزلىرىڭدە، سۆيگۈنىڭنى باغاشلاتقان قۇچاقلىرىڭدا، مەنزىلىڭگە يەتكۈزەگەن قەدەملىرىڭدە، يېقىملىق كۈيلەرنى ئاڭلىتىۋاتقان قۇلاقلىرىڭدا، نىمەتلەردىن لەززەتلەندۈرۈۋاتقان ئېغىزىڭدا، سوغۇقتىن تىترەۋاتقان، ئىسسىقتىن كۆيۈۋاتقان ۋۇجۇدىڭدا.
***
ئانا پىشانەمنى سىلاپ تۇرۇپ مېھرىڭ بىلەن ئېيىتقان« بالام»دىگەن ئەشۇ بىر ئېغىز سۆزىڭگە قانچىلىك ھېكمەتلەر يوشۇرۇنغان ھە؟ ھەر قېتىم شۇ سۆزۈڭنى ئاڭلىغىنىمدا شەرىقتىن پارلاپ چىققان نۇرلۇق قۇياش، چەكسىز بوشلۇقتىكى سانسىز يۇلتۇزلار كۆز ئالدىمدا پەيدا بولىدۇ. قۇياشنىڭ تەپتىدە سېنىڭ ئىللىق مېھرىڭ بار، يۇلتۇزلارنىڭ ئارىسىدا كۆزلىرىڭ بار، ئالەمنىڭ كەڭلىكلىرىدە باغرىڭنىڭ سىماسى بار، ساڭا تىل تەگمىسۇن سۆيۈملۈك ئانا...
****
گۈلۈم ھېجران ئازاۋىدا زار بولغۇنۇم ئۈچۈن كېپىنەك بولۇپ ئۇچۇپ باردىم، بەرىق ئۇرغان جامالىڭغا قاراپ ۋىسال شارابىنى ئىچەي دىسەم زەھەر تىككەنلىرىڭنى سانجىپ غېرىپلىق چۆلىگە بەنىت قىلدىڭ.ئىشىق ناۋاسىنى ياڭرىتىپ بۇلبۇل بولۇپ باردىم،كۈلپەت لەشكەرلىرىڭنىڭ ئوقياسىدا تېنىمنى مەجرۇھ قىلىپ مەڭگۈلۈك پەرۋازىمدىن ئايرىدىڭ.مەۋجۇتلىغىڭنىڭ پەرۋىشكارى گۈلچى بولۇپ باردىم مېھنەتلىرىمدىن پۈتكەن لوڭقامغا شۇم بۇيىنى سېلىپ بېرىپ يولغا سالدىڭ.تومۇرلىرىڭدا ئاقاي دەپ سۇ بولۇپ باردىم،پۇت-قوللىرىڭنى يۇيىۋىلىپلا يۇندا ئازگىلىغا تۆكتىڭ.شەبنەم بولۇپ باردىم غەزەپتىن سىلكىنىپ قارا يەرگە دەپنە قىلدىڭ،شامال بولۇپ باھارنىڭ ھېدلىرىنى ئېلىپ كەلدىم مېنى قۇيۇنغا ئايلاندۇرۇپ ئارقىدىن ماڭا قاراپ قاھ قاھلاپ مەسخىرىلىك كۈلدۈڭ،ئاخىرى ئوت بولۇپ بېرىپ كۈلۈڭنى كۆككە سورۇدۇم.
***
مەن قىزىل گۈلگە قاراپ توختىما سايراۋاتقان بۇلبۇل بار دەرەخنىڭ قېشىغا كېلىۋىدىم، بۇلبۇل پۇررۇدە ئۇچۇپ كەتتى،بىردەمدىن كېيىن بىر توپ قۇشقاش دەرەخكە كېلىپ قونۇپ توختىماي ۋىچىرلاپ ئارامىمنى قويمىدى، مەن دەرەخ قېشىدىن ئايرىلدىم،شۇندا كۆككە قاراپ ئىختىيارسىز نالە قىلدىم:ئەي پەلەك قاچانمۇ قۇشلار مەندىن، مەن قۇشلاردىن قاچمايدىغان زامان كېلەر ھە؟
***
مېنىڭ قېرىنداشلىرىم،قەلىبداشلىرىم! مەن ئۆلگەندە قەۋرە بېشىمغا قىزىل گۈل تىكىپ قويۇڭلار مەن بۇلبۇلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ياتاي،چۈنكى مەن ئۆلگەن بىلەن مېنىڭ يۈرىگىم ئۆلمەيدۇ!ئەگەر ماڭا ئاتاپ دوئا قىلماقچى بولساڭلار«ئى پەرۋەردىگايىم ئەشۇ قەبرىنى مەڭگۈ باھارنىڭ ھېدلىرىغا پۈركەپ تۇرغايسەن» دەپ دۇئا قىلىڭلار!!!

مەنبە: ئۆز قەلىمىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sandal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-8 21:17  


mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72
يازما سانى: 452
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1349
تۆھپە : 2
توردا: 279
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-10 22:30:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم. ئىجادىيىتىڭىز تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغاي.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1108
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 453
تۆھپە : 0
توردا: 54
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 21:00:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەپەككۈرىڭىزگە، قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن.

1- پارچىڭىزنى بەكمۇ ياقتۇردۇم.

كىتاب ئوقۇمىغان مىللەت گۇمرانلىقتا قالىدۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش