ئۆيلەنگىن
روزى سايىت
راۋاققا چىقىۋېلىپ ماراپ قويماي،
نازىدا قاش ئېتىپ، چاچ تاراپ قويماي،
"سۆي" دېسە، مەشۇق ئەمەس، ئالۋاستى ئۇ،
كەتكۈلۈك پەشنى قېقىپ قاراپ قويماي
.
بېنىغا تارتمىسا يا كەتكۈزمىسە،
"سۆي!" دېسە، گۈلىدىن شاخ ئەگكۈزمىسە،
ئېغىزى پۇرامدىكىن كاساپەتنىڭ،
سۆيگەندە لەۋلىرىگە لەۋ تەگكۈزسە.
"تاپانغا سۆي!" دېگىنى ساراڭلىق ئۇ،
زاتىغا ئىبلىس چاپقان ھاراملىق ئۇ.
ھىدلاشما ئازاب، نۇمۇس، سۆيۈش تۈگۈل،
نىجاسەت دەسسەپ يۈرگەن داۋاملىق ئۇ.
سۆيمىسەڭ چەيلەمدىكەن پەسكە چۈشۈپ،
تېرەڭنى ئەيلەمدىكەن قەستكە چۈشۈپ؟
قورقمىغىن، تىترەيدۇ ئۇ راۋىقىدا،
ئورنىشىپ ئولتۇرۇشمۇ تەسكە چۈشۈپ.
گېپىڭچە "تاز" بولسىمۇ، "غاز" بولسىمۇ،
سۆيدۈرسە سۆيگۈدەكسەن "ماز" بولسىمۇ..
بىلىپ قوي، بەت ئەھلىنىڭ كۆڭلى سۇيۇق،
سەن- بىزدىن گۈل قىزغىنار ياز بولسىمۇ
.
گېپىڭچە كېنىزەكلەر باسقاندا باش،
تاپانغا سۆيدۈرمەككە چاغلاپ ياۋاش.
"ياق" دەپسەن، كۆنەلمەپسەن، سۆيەلمەپسەن،
سۆيگۈڭ بار، ئىشق يۈكىنى ئېتىپ باغاش.
شۇڭا ئۇ كەچمەيدۇ، سەن كېچەلمەيسەن،
ئۇ "پەس"كە، سەن "ئېگىز"گە كۆچەلمەيسەن.
سەن دەيسەن: ئىككى قولدىن چىقسۇن چاۋاك،
ئۇ دەيدۇ: مۇزلاپ، كۆيدۈڭ، ئۆچەلمەيسەن!
ئاڭلىسام، "ئۆيلەنمەيمەن!" دەپ يۈرۈپسەن،
"تاق"لىقتىن مۇراد ئىستەپ چۈش كۆرۈپسەن.
نۇرغۇنغۇ بويتاق "سايىم" يۇرتىمىزدا،
خوتۇن ئال، ئالما ئۈزگىن يەڭ تۈرۈپ سەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مېھرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-9 12:40
|