بەزىلەر
قۇسۇر ئىزدەپ ھەممىدىن قاخشاپ يۈرەر بەزىلەر،
تۈپ-تۈز يولدا يېقىلىپ ئاقساپ يۇرەر بەزىلەر.
قۇت تىلىمەي باشقىغا ھالال ياشاپ يول تاپسا،
بىلەپ پىچاق قوينىدا ساقلاپ يۈرەر بەزىلەر.
تەلەي كېلىپ بىر كۈنى باي بولغاندا پۇل تېپىپ،
ياخشى يولغا ئىشلەتمەي يەپ تۈگىتەر ئوڭ يېتىپ.
مال-مۈلكىدىن ماختىنىپ يۈرەر دائىم پو ئېتىپ،
قولدىن كەتسە تەغدىردىن باتناپ يۈرەر بەزىلەر.
كەلمەس قولدىن ياخشىلىق يۈلەش دىگەن باشقىنى،
قىلچە يەتمەس تۇغقانغا ئىتقا قالار ئاشقىنى.
بالىلىرى بەك ئورۇق تۇلۇم گويا چاشقىنى،
شۇنداق تۇرۇپ ئۆزىنى ماختاپ يۈرەر بەزىلەر.
كېتىپ يۈزى،ھۆرمىتى،ئىناۋىتى تۆكۈلسە،
باي ۋاقتىدا تاشلىغان زاغر قەدرى ئۆتۈلسە.
خوتۇن-بالا تاپىسى پاتىڭىغا يۈدۈلسە،
سەۋەپ تېپىپ ئۆزىنى ئاقلاپ يۈرەر بەزىلەر.
كۆنۈپ قالغاچ تەييارغا قول ئۇزارتماس كەتمەنگە،
توققۇزى تەل تۇرۇپمۇ ھال-مۇڭ بولمسا دەرتمەنگە.
تەۋرەپ قويماس قىلچىلىك ھەتتا سالام ئەتكەنگە،
ئەل شاللىسا كۆزىنى ياشلاپ يۇرەر بەزىلەر.