يىلان كۆندۈرگۈچى
$ X( u/ a4 n7 E& x3 j* d4 t' m4 L! X" o. u+ p' ^
سايرايسەن ئىشىكى ئوچۇق قەپەزدە،
نى چۈنكى ئۇ يەردىن چىقىپ باقمايسەن.
ھىجرانغا كۆنۈككەن يۈرىكىڭ يارا،
ۋىسالنىڭ سۈيىدە ئېقىپ باقمايسەن.
8 X I5 W+ C9 z
9 Y, H% C. A# q: J
تەقىپتىن يۈرىكىڭ تىترەيدۇ دىر- دىر،
ئەلەملىك خۇرسىنىش ئەڭ زور تەسەللىي.
تۇزۇغان بىر چېچىڭ سۆزلەر مىڭ كەچمىش،
گاھىدا مۇلايىم، گاھى ئەسەبى.
7 w( D: t: j4 ^/ S% x' x6 a0 q9 d. `8 R! @- b$ {" D$ M* I/ z
ئەينەكتە كۆرگىنىڭ ئۆز كۆزۈڭ ئەمەس،
قايتقان نۇر مىخ بولۇپ سانچىلار دۇنيا.
تويۇقسىز تولغىنىپ كېتەر ۋۇجۇدۇڭ،
زەھەرلىك بىر يىلان چاققاندەك گويا.
% i" X& i# B8 Q- ^* K# g S
, R+ L1 N6 j7 c ]; sقەلبىڭدە بىخ سۈرگەن ياشاش ئىستىكى،
كۈنىگە نەچچە ۋاخ يۇتىدۇ زەھەر.
قاچۇرۇپ كۆزۈڭنى يىلان كۆزىدىن،
چوڭقۇرلاپ بارىسەن ھىجرانغا قەدەر.
( O5 |1 K- n% d# R+ R9 d& ?
8 Q$ \" M( W6 D3 z
كۆنگەندەك بىلىنگەچ ساڭا بەزىدە،
ئۇنتۇيسەن يىلاننىڭ تەبئىتىنى.
تويۇقسىز ئۇرغاندا باغرىڭغا نەشتەر،
كەچمەكچى بولىسەن يا كېچەلمەيسەن،
ئىچىڭگە يۇتىسەن ھەممە، ھەممىنى.
3 T% U% p7 Q% p9 h
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-7 20:43 / \4 Z$ F3 Z0 m# @; Z$ Y
" |; w1 P. D$ Q! u8 U" R0 C, _2 `