ئاپتۇرنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن تورغا يوللاندى.
مۇسىبەتنامە
سالى ئىبراھىم خالىس
(شائىر دوستۇم ئىبراھىم قۇرباننىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن)
& S4 d4 l8 Z1 o+ o+ lخۇش! دىمەي كىتىپ قاپسەن ئۇ دۇنياغا،
ماڭغانسەن يولدا يەنە شىئېر يېزىپ.
كەلگەندە خىيالىڭغا نازىنىنلەر،
ئۆزۈڭنى باسالمايتتىڭ ئوتتەك قىزىپ.
تەڭرىتاغ ئەسىر بۇدەم مۇسىبەتكە،
مۆلجەر تاغ ئاسمىنىدا چېقىپ چاقماق.
مۇڭلۇنۇپ ئېقىپ توشقان دەرياسىمۇ،
بۇلدۇقلاپ يېشىن تۆكتى توققۇز بۇلاق.
بېغىغا چىللىغانمۇ پەرىشتىلەر،
مەرھابا دىبان تۆھپە-ئەجرىڭ ئۈچۈن.
مەنسۇپدۇر ئۇ دۇنيادا جەننەت ساڭا،
ئىجاددىن ئەلگە بەرگەن بەھرىڭ ئۈچۈن.
پۈتۈلەر نامىڭ تارىخ بەتلىرىگە،
ئۆچمەسكە باسقان قەدەم-ئىزلىرىڭ بار.
بارغۇچى كېلىچەككە سىنى ئېلىپ،
پەرىشتە سۈپەتلىك پاك قىزلىرىڭ(1) بار.
چىقامدۇ ئەستىن يارقىن ئەسلىمىلەر،
ئوينىغان بىللە تارىم بويلىرىدا.
تەڭ كۆرگەن ئەمەسمىدۇق ئەجدات ئىزىن،
كۇچانىڭ سىرلىق جىلغا، تاغلىرىدا.
خوش بولغان ئەمەسمىدىڭ تون كەيگەندە،(2)
يۇمۇرلۇق قىلغان دوستلۇق چاقچىقىمدىن.
مەسىنىپ -سۆيۈنەتتىڭ قېرىنداشتەك،
غۇرۇرلۇق، ۋىجدانلىق ھەم پاكلىقىمدىن.
خوش! ساددا، ئاپئاق كۆڭۈل شائىر دوستۇم،
تارىخى داستانلىرى نادىر دوستۇم.
تىلەيمەن ساڭا جەننەت تەڭرىمىزدىن،
بولغاچ سەن ياخشى نامغا نائىل دوستۇم.
2013-يىل 4-ئىيول كەلپىن
(1) مەرھۇم ئىبراھىم قۇرباننىڭ « تەڭرىتاغ پەرىشتىلىرى » ناملىق تارىخى داستانلار توپلىمى كۆزدە تۇتۇلغان.
0 G0 [1 ^' h0 d" ?1 {(2) 1997-يىلى 18-ئۆكتەبىردە ئۈچتۈرپاندا ئېچىلغان «ئىبراھىم قۇربان ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ 40 يىللىق مۇھاكىمە يىغىنى» غا تەكلىپكە بىنائەن كەلپىندىن تۇردى جاپپار بىلەن ئىككىمىز سوۋغاتقا بىر بادام دوپپا ئېلىپ بارغان ئىدۇق. يىغىن باشلىنىشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن شائىر ئابلىز ئوسمان ماڭا «سالىكا دوستىڭىزغا بۈگۈن تون كەيدۈرلىدۇ ئۇنىڭغا بىر چاقچاق قىلسىڭىزچۇ» دىدى، مەن ئابلىز ئوسماننىڭ گىپىنىڭ تۈرتكىسىدە بىر كۇبلىت شىئېر ئويلاپ قويدۇم مۇراسىم باشلىنىپ سوۋغا تەقدىم قىلىش نۆۋىتى كەلپىن ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كەلگەندە مەن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىبراھىم قۇربانغا بادام دوپپىنى كەيدۈرۈپ يېرىم سائەت بۇرۇن ئويلاپ قويغان.4 z* O1 Y+ [- c% f9 \
يەتتە قىزنى چوڭ قىلغان ئاتا،
مۇناسىپتۇر زەر تون كىيىشكە.
قىزى بارنىڭ دۆلىتى باركەن،
پاكىت ئېنىق شۇنداق دىيىشكە.
دىگەن شئېرنى ئۇقىۋىدىم زالدا گۇلدۇراس ئالقىش ياڭراپ كەتتى. مەن ئەسلى بۇ شئېرنى ئىبراھىم قۇرباننىڭ بۇ قېتىمقى تون كىيىشىگە مەنبە بولغان « يەتتە قىزلىرىم» داستانىنى كۆزدە تۇتۇپ ئوقۇغان ئىدىم ئەپسۇس مەرھۇمنىڭ ئالتە قىزى بارلىغىنى ئەسلا بىلمەيتتىم، ئەتىسى ئۇ قېرىنداش ناھىيەلەردىن كەلگەن ۋەكىللەرگە ئۈيىدە قوي ئۆلتۈرۈپ زىياپەت بىرىشكە تەكلىپ قىلدى. بىز ئۇنىڭ ھويلىسىغا كىرگەندە خانىمى ئالتە قىزى بىلەن بىزنى كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن. ئۇ ئالدىمغا ئىتتىك كېلىپ قولۇمنى قىسىپ« ھەي ئاداش! ئاخشام مېنى ئوسال قىلدىڭ ئەمەسمۇ، مىنىڭ ئالتە قىزىم بار ئەمەسمىدى، مانا كۆردۇڭمۇ» دەپ بىر توپ قىزلارنى كۆرسىتىپ مەڭزىنى مەڭزىمگە يېقىپ قۇچاقلاپ كەتكەن ئىدى. ئەھۋالنى كۆرگەن خانىمى، قىزلىرى ھەم ۋەكىللەرمۇ قاقاقلىشىپ كۈلۈشۈپ كەتكەن ئىدى.
8 e* h' F( t+ N2 ]/ q# ^ئاپتۇر: كەلپىن ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ پىنسۇنېرى
2 y$ B' J! b. W- h6 Sتېلىفۇن: 15309975106
& a" B" R* K6 }( s: c$ v