ئاسلاقچاق
مىياۋ- مىياۋ ئاسلانچاق،
قىلىقىڭ ئوماق.
جۈپ كۆزلىرىڭ بەك ئۆتكۈر،
شۇنچىلىك ئويناق.
ئوينىشىسەن مەن بىلەن
يامىشىپ سەكرەپ.
ئويناپ-ئويناپ ھارغاندا،
كېتىسەن ئەسنەپ.
گاھى بولۇپ "چامباشچى"
گاھىدا "ئەسكەر".
ئويۇنۇڭدىن چوڭ-كىچىك،
ھەممە سۆيۈنەر....
مەن مەكتەپكە كەتكەندە،
مومامغا ھەمراھ .
ھىس قىلمايدۇ يالغۇزلۇق،
سەن بولغاچ،ئەسلا...
چوڭايماقتا يېشىڭمۇ،
بولغىن سىپايە.
جىم ئولتۇرۇپ، مەن بىلەن
ئاڭلا ھېكايە...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-5 15:45