5 E9 a, u5 t+ R: b0 Z
چۈشلەردىن ئىزدىگەن ۋىسال مۇقەددەس.
8 Q* D7 o$ n4 Z; L, F
ئابدۇسالام مۇھەممەد بەگزات
5 c8 f0 q; @, u1 w; O2 J! ?
8 v! @! X' k8 n
9 U: P- r$ K* v7 Y: H! e
تۈنلەردىن ساقىغان كۈنلەر بىپايان،
ئالەمنىڭ چېكىگە تۇتاشقانمىكىن.
سىمايىڭ تاڭلارغا بولۇپ يانمۇ يان،
نىھايەت روھىمغا ئۇلاشقانمىكىن.
3 K7 G' V+ J7 Z
قارايغان ئاسمانغا يېيىلغان گۇگۇم،
ھېسلىرىم قېتىغا چىللىغان كۈتۈش.
ئاشىقلار ئاھىغا ساقلىمىغىن غۇم.
سۆيگۈڭدىن بەرمىسەڭ مەيلى بىر ئۈلۈش.
' s4 W' t( N) F: p8 ^/ h4 |
ئىزتىراپ چۇلغىغان خىياللار تونۇش،
ئەسلىگەن دەملەرگە شاھىت ھەر نەپەس.
كۆزلىرىڭ جىسمىمدىن يوقاتقاندا ھۇش،
چۈشلەردىن ئىزدىگەن ۋىسال مۇقەددەس.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بەگزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-5 13:30
I1 A! ^6 o1 \$ b8 s( R: }6 h$ r v: r+ V5 D) Y# ~$ N b