1
سېغىن جېنىم،مەن سېغىنغاندەك گويا سېنى ،سەنمۇ ھەم مېنى!
سېنى سېغىنغان كۆزلىرىمدە ياش يوق،نەپرەت يوق، بار مۇھەببەت.ياشلارنى ئاخشامقى مۇڭدىشىشنىڭ سۈيۈنۈشلىرى سۈرتۈۋەتكەن، نەپرەتلەرنى ئارمانغا بۆلەنگەن ئۇچۇرلار ئۇچۇرۇۋەتكەن. قىپقالغىنى يۈرەكلەرگە پاتماي ئاجىز تەننى تىنماي سىلكەندۈرۈۋاتقان مۇھەببەت جېنىم.
ئايغا قارا دىدىڭ،قارىدىم ئايغا، كۆردۈم شولاڭنى.ئىككى يەردە تۇرۇپ ئايغا قاراپ ئايدىكى شولىنى سۆيۈش ئىككىمىزگىلا خاس بولغان مۇھەببەتنىڭ ۋىسالى ئىدى.
بىر ئەسىرنى ئۇزاتتۇق ھە ئاخشام دىيىشتۇق سەھەردىكى ساباھلاردىن سالام يوللىغاندا
ھەر كېچىدە بىر ئۈمىد تۇغۇلاتتى كېچىدە
ھەر كېچىدە بىر ئۈمىد ئاخىرلىشاتتى يەنە شۇ كېچىدە
باھاردا توزىغان گۈللەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن .ئەمما بىلىمەن ئۇ گۈللەرنىڭ سەنسىز ياشاۋاتقان ھەر بىر كۈنۈمدىكى مېنىڭ رەڭگىمدە ئىكەنلىكىنى.
ئىشىك چېكىلدى،يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاچتىم،ئاھ ھەممىسىنى كۆردۈم سەندىن باشقا،ئارقامغا قايتتىم سۇلدۇم ،تولدۇم كۆز ياشقا
ماڭا ئوخشاش مەندىن باشقا ھىچكىمنى كۈتمەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن.كۈتۈپ كۈتۈپ ئىككى يەردە قارا كېچىلەردىن ئىككى قارا تاش قالىدۇ چوقۇم دەپ يېزىپ قويدۇم خاتىرەمگە،
مېنى سېغىنىپ تۇرۇپ ئازابىمغا ئۈسسۈپ كىرىۋاتقانلىقىڭدىن مەمنۇن بولىمەن سېنى سېغىنىپ تۇرۇپ
يامغۇردا كۆيۈپ كېتىۋاتقان ئىككىمىزنىڭ دۇنياسىدا پەقەت ئىككىمىزلا راسىت ئىدۇق،ئەتراپتىكىلەرنىڭ كۈلكىلىرى يالغان ئىدى،ئۇلار كۈلۈپ تۇرۇپ ئۆلەلەيىتتى،بىز كۆيۈپ تۇرۇپ ياشىيالاتتۇق.بۇ يالغانچىلىقلاردا پەقەت ئىككىمىزلا بىر-بىرىمىزنى راستىن سېغىنىۋاتاتتۇق.
يېغىۋاتقان يامغۇردىن ئىس كۆتۈرۈلدى، باشقىلار ھەيرانلىقتا قاراشتى، سەنمۇ مەنمۇ كۈلۈمسىرىدۇق . چۈنكى يامغۇردا ئىككى يەردە ئىككى تەن كۆيۈۋاتاتتى.بۇ بىر سىر ئىدى. بۇنى ئىككىمىزنىڭ سېغىنىشىغا گۇۋاھچى بولغان ھاۋا بىلگىنى ئۈچۈن تېنىڭدىن تارىغان ئىسقا تېنىمدىن تارىغان ئىسنى قوشماقچى بولاتتى ..
يېغىۋاتقان يامغۇرغا يۆلۈنۈپ تۇرۇپ كۈنلۈكسىز كوچىلاردا ساراڭ ئاتىلىپ سېنى سېغىنماقتىمەن جېنىم.
سېغىن جېنىم،مەن سېغىنغاندەك گويا سېنى، سەنمۇ ھەم مېنى!
2
كەل باھار!
توۋلىدىم،ئايازنىڭ باغرىدا تىترەپ تۇرۇپ..نە قىسمەت ھە..باھارنىڭ باغرىدا ئايازنىڭ قۇچىقىغا يىقىلغىنىم...
سېغىندىم دىگەن شىۋىرلاشلارنىڭ قۇلىقىمغا ئۇرىلىشلىرى ئاتا قىلدى ئازغىنە دەرمان،بولمىسا بولار ئىدى نە ھال،قالار ئىدى مۇزدەك يەرگە باغرىنى يېقىپ ئارمان.
كەل باھار!
شىۋىرلىدىم مەن،
ماڭا ئاتا قىلىدىغان شۇ ئىشتىياقلىرىڭنى سېغىندىم،قىزارغان ئۇپۇقلاردا جۇلالانغان سەرۋى نازۇكلىقىڭنى سېغىندىم شۇ تاپ، مۇڭلار سىڭگەن نالىلەرنىڭ باغرىمنى تىلغاشلىرىنى يېقىملىق ھىدلىرىڭ يۇتۇپ كەتسىكەن دىگەن تىلەكلەر باغرىغا يۆلەندىم.مىھىرسىز،مىھىرسىرىغان كۆڭۈللەردە تېنەپ يۈرگەن زىمىننى ئال باغرىڭغا،قۇتۇلسۇن ئايازنىڭ مۇزدەك تۇمشۇقلىرىنىڭ ئۆزىنى چوقۇشلىرىدىن.
مەن باھارنى سېغىندىم!
ئاداققى ۋىسال ئۈچۈن،سەھەر سەلكىنلىرىنىڭ نوقۇشىدا تەۋرىنىپ،
خىيالىي دۇنيارىمنى سەن ۋە مەننىڭ ئەسلىمىسىگە تولدۇرۇپ،
كۆككە لەۋ سۇنغان قارغايلار كەبى ئۇيغىنىپ،
سۇلكەتسىز گۇلچى قولىدىكى گۈللەرنىڭ تىنىچلىقىدىن سۆيۈنۈپ...
قەلبىمنىڭ ئوچۇق ئىشىكىدىن كىرىپ كەلگەن كىم؟
باھارنىڭ چىچەكلىرىدىن گۈلچەمبىرەك ئاسقان بىرى ئاستا سوقۇلۇپ ئۆتۈپ كەتتى.كەيندىن قارىدىم ئۇزاق،بۇ يەردە قىپ قالغاندەك بىر نەرسىسى...
ئەي باھار،سېغىنىشىمنىڭ ئازابلىق ئىسەدەشلىرى سىرلىق تۈنلەردە يۈرەكنى جىغىلدىتاتتى.غايەت زور سۇكۇناتنىڭ ئەسىر قىلىشىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ،ساڭا تەشنا دىل ھىسلىرىمدا نەپەس ئېلىۋاتاتتىم.ئوتقاشلار بىلەن ئورالغان ئىپتىخار قۇشلىرىڭنىڭ باغرىغا باش قويۇشۇم ئۈچۈن چىدام غەيرەتنى يۈرىكىمگە تېڭىپ ياشاۋاتاتتىم.
مەن باھارنى سېغىندىم!
سۆيگۈ ئىنئامىڭ بولغان يامغۇر تامچىلىرىڭغا چىلىنىپ
كۈنلۈكسىز كوچىلاردا ساراڭ ئاتىلىپ
يارنى ئېلىپ كەل دەپ چاچلىرىمنى سىلىغان شاماللار قولىغا ئېسىلىپ
كەلمىش يار دىدارىغا باغلىنىپ
تىنىقىڭدىكى ئاخىرقى گۈل ياپرىقىدىكى بىر تامچە شەبنەمگە ئايلىنىپ
ئەي باھار، سېنى بۈگۈن كۆيدۈرۈپ تۇرۇپ،كۆيۈپ تۇرۇپ سېغىندىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-5 11:16