كۆرۈش: 102|ئىنكاس: 0

ئوكيان : ئايال (ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3350
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 59
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 10:51:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                    ئايال
                                                                 
                                                                 (ھېكايە)
                                                     
                                                        ئالىم ماھىر قەۋمىدىن


كېچىچە  ياغقان يامغۇردىن كېيىنكى تاڭ قۇياشى ئۇپۇققا ھۆكۈمران بۇلۇتلارنى پارە – پارە قىلىپ ، باشقا ۋىلايەتلەرگە تۇتاشقان يول بويىدىكى ئۆتەڭگە ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى باياۋانغا قىزغۇچ نۇرلىرىنى سەپتى. سېنتەبىر ئېيىدا ياغقان يامغۇردىن كېيىنكى باياۋاننىڭ ھاۋاسى تەننى شۈركەندۈرگۈدەك سوغۇق،لېكىن، شۇنداق ساپ ئىدى. تاڭ شامىلى يولنىڭ جەنۇبىدىكى كۆز يەتكۈسىز ئۇزاققا سوزۇلغان قىزغۇچ يۇلغۇنلار ۋە چۆل ئۆسۈملۈكلىرىدىن نەمخۇش پۇراقلارنى ئېلىپ كېلەتتى .
تاڭ ئاتقان بولسىمۇ ئاشخانا،رېمونتخانا،سارايلاردىن تەشكىل تاپقان ئۆتەڭ شۇنداق جىمجىت،ئىشىك ئالدىلىرىدا بىر كۈنلۈك تېرىكچىلىك ئۈچۈن مىدىرلايدىغان بىرمۇ ئادەم يوق.يامغۇرلۇق كېچىدە ئۇيقۇغا پاتقان تىجارەتچىلەر تېخىچە شىرىن ئۇيقۇدا بولسا كېرەك.ئۆتەڭنىڭ جىمجىتلىقىنى يولدىن پات – پات ئۇچقاندەك ئۆتكەن ئاپتوموبىللارنىڭ گۆكىرەشلىرىلا بۇزۇپ تۇراتتى .
بىر چاغدا ئۆتەڭنىڭ ئوتۇرىسىدىكى ئاشپۇزۇلنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ،چاپىنىنى يېپىنچاقلىغىنىچە سېمىز،ئورتا بوي بىر ئەر كىشى ھويلىغا چىقتى . ئۇ سوغۇق ھاۋادىن ئەندىكىپ چاپىنىنى ئۇچىسىغا تېخىمۇ پۇختا ياپتى،ئاندىن قوللىرىنى سايىۋەن قىلىپ قان رەڭ ئۆتكۈر قۇياش نۇرى چېچىلغان باياۋانغا بىر ھازا قارىۋەتكەندىن كېيىن ،ئاشپۇزۇلنىڭ كەينىدىكى ھاجەتخانىغا قاراپ ئالدىراپ پايپاسلاپ ماڭدى .ئۇنىڭ كەينىدىنلا ئاشپۇزۇلدىن ئورۇق،ئىگىز يەنە بىر ئەر چىقتى . ئۇ چىقىپلا كەينى – كەينىدىن نەچچىنى چۈشكۈرىۋېتىپ ،لەمپىنى تىرەپ تۇرغان ياغاچ تۈۋرۈك قېشىدىكى ئاپتۇۋۇدىن سۇ قويۇپ يۈزىنى يۇيدى .
_ ئەجەپمۇ قاتتىق يېغىپتۇ بۇ يامغۇر _ ھاجەتخانىغا كەتكەن كىشى بەلبىغىنى ئەتكەچ قايتىپ كېلىپ غۇتۇلدىدى _ ھاۋا نىمداق سوغۇق،ھەممە يەر چۆپ – چۆپ ھۆل،تاماق ئېتىش تۇرماق ئۇچاققا ئوت قالاشمۇ خوشياقمايۋاتىدۇ ،ئادەمگە.
_ جان باققۇڭ بارمۇ يا،ئىش قىلماي قانداق قىلاتتىڭ؟غۇجايىندىن دەككەڭنى يىگۈڭ كەلدىمۇ؟ماڭ، ئۇچاقنىڭ كۈلىنى تازىلاپ ئوت ياق! _ دىدى ،يۈزىنى يۇيغۇچى ،كىرلىشىپ كەتكەن لۆڭگىنى ياغاچ تۈۋرۈكتىكى مىخقا ئىلغاچ .
ھاجەتخانىغا بارغان ئەر كىشى يۈزىنى چالا – پۇچۇق يۇيۇپلا ئۇچاق يېنىغا ئۆتتى – دە ، يايراپ كەتتى:
_ خۇداغا شۈكرى،ئوت بار ئىكەن،ئوبدانلا يېلىنجاپ تۇرۇپتۇ _ ئۇ ئۇچاققا ئېسىلغان قاسقاندىن سۇس ھور كۆتۈرىلىۋاتقانلىقىنى  كۆرۈپ ،قاسقاننىڭ ئاغزىنى ئېچىپلا خوشاللىقىدىن توۋلىۋەتتى _ ۋاھ! يەنە مانتىمۇ پىشىپ بوپتۇ ئەمەسمۇ!
ئۇنىڭ ھەمرىيى تېز قەدەم بىلەن ئۇچاق يېنىغا كېلىپ قاسقانغا ھەيرانلىق بىلەن قارىغاندىن كېيىن ، قولىنى ئۇزۇتىپلا قىزىق مانتىدىن بىرنى ئالدى.
_ چىلانخان بەلەن خوتۇن جۇمۇ!ئەر خەق ھەر نىمە قىلغان بىلەنمۇ ئۇچاق بېشىدا خوتۇن خەققە تەڭ كېلەلمەيدۇ! _ ئورۇق ، ئىگىز كەلگەن ئەر شۇنداق دىگەچ قىزىق مانتىنى ئاغزىدا نەچچە چۆگىلىتىۋېتىپ ئىككى يالماپلا يۇتۇۋەتتى ۋە ھەمرىيىغا دىدى _ بۇ چاغدا خېرىدارمۇ كەلمىگۈدەك، غۇجايىنمۇ كېچىچە چىلانخان دىگەن خوتۇننىڭ پەيزىنى سۈرۈپ بولۇپ ھەقىچان ئېزىلىپ ئۇخلاۋاتىدۇ،ئۇ ئويغانغۇچە بىز ماۋۇ مانتا بىلەن قوسۇقىمىزنى توقلىۋالمايلىمۇ؟
_ ماۋۇ گېپىڭلار بەلەن بولدى!
ئىككى خىزمەتكار قاسقاندىن بىر لىگەن مانتا ئېلىپ ،لەمپە ئاستىدىكى ئۈستەللەرنىڭ بىرىگە قويۇپ ئولتۇرغىنىچە ھوزورلىنىپ يىيىشكە باشلىدى .
_ سېنڭچە  چىلانخان ئەمدى غۇجايىننىڭ ئاشنىسى بولۇپ ئۆتىۋېرەرمۇ؟ ئۇ ئەمدى ئېرىنى ئىزدىمەسمۇ؟ _ سورىدى سېمىز ئەر.
_ ھىچنىمە بىلمەيدىغان گۇيدە سەن ،سېنىڭچە ئۇ راستىنلا ئۆزى ئېيتقاندەك ئىشلەپ پۇل تاپىمەن دەپ ئۆيدىن چىقىپ ئىز – دېرىكى بولمىغان ئېرىنى ئىزدەپ يۈرگەن خوتۇن ئىكەن- دە؟
_ ئەمىسە ئۇنداق ئەمەسما؟
_ نەق بۇزۇق خوتۇننىڭ ئۆزى ئۇ! ھازىرقى بۇزۇق خوتۇنلارنىڭ باھانىسى تولا. مەن يۇرت ئوينىغان چاغلىرىمدا ئۇنداقلار بىلەن كۆپ ئۇچراشقان. ئۇلاردىن " نېمىشقا بۇنداق يولغا ماڭدىڭ؟بىر ئوبدان چىرايىڭ بار ئىكەنغۇ؟" دەپ سورىساڭ ،گاھىلىرى "ئېرىم يوقاپ كەتكەن،مانچە بالىمىز بار،بالىنى باقمىساق تېخى،شۇڭا ئېرىمنى ئىزدەپ بارمىغان يۇرت  قالمىدى ،يول خىراجىتىدىن قىسىلىپ مۇشۇنداق ئىشنى قىلىشقا مەجبور بولدۇم" دىسە،بەزىلىرى "مەن ئارىلاشقان ئەر مېنى بۇزدى،كېيىن مېنى تاشلىۋەتتى.شۇنىڭ بىلەن يۇرتۇمدا يۈزۈمنى كۆتىرەلمەي ياقا يۇرتلاردا مۇشۇ ئىش بىلەن جان بېقىپ يۈرۈيمەن" دەپ باھانە كۆرسىتىشىدۇ.بەزىلىرىنىڭ دىيىشىچە ئېرى باشقا ئاياللار بىلەن يۇشۇرۇن ئۆي تۇتىۋالغاچقا  "ئويناشنى مەندىن ئۆگەن ، مانا ئەمىسە!" دەپلا مۇشۇ كوچىغا  كرىپتۇمىش. كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك ياپ  ياش بىر سەتەڭ " ئېرىم قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلدى، شۇنىڭ دەردىگە چىدىماي مۇشۇنداق قىلدىم" دەيدۇ تېخى ،ۋىييەي! ۋىييەي! يەنە بىر خوتۇن ماڭا ئاچچىقلاپ "سىلى ساقچى بولمىغاندىن كېيىن ،ماز سۇئاللارنى سورىماي ئويناشلىرىنى بىلمەملا دەيدۇ قارا ....
ئورۇق ئەر ۋالاقلىغاچ مانتا قىيمىسى ئىچىدىن چالا توغرالغان بىر پارچە ماينى ئىلغاپ ئېلىۋەتتى _ ئاناڭنى! ئەجەپ مايلىق گۆش توغراپتۇ،مانتا قىيمىسىنىڭ تەمىمۇ باشقىچە،قىيمىنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا قىپتۇ: پىيىزى ئاز،گۆشى جىق،توغرىشى قوپال،زىرە ، كاۋاۋىچىنمۇ قوشماپتۇ، تۇزى كەم ،يىسە ئادەمنىڭ كۆڭلى ئېلىشقۇدەك مانتا بوپتۇ.
_ لېكىن ،مېنىڭچە چىلانخان دىگەن بۇ ئايال راستىنلا تۈزۈكتەك قىلىدۇ _ دىدى سېمىز ئەر.
_ ھىم؟ _ ئورۇق،ئىگىز كەلگىنى سۇئال نەزىرى بىلەن ھەمرىيىغا قارىدى.
سېمىز ئەر ئۆي تەرەپكە ئېھتىيات بىلەن قارىۋەتكەن كېيىن، ئالدىغا ئېڭىشىپرەك ،مانتا قىيمىسى يۇقۇپ قالغان توم كالپۇكلىرىنى مىدىرلىتىپ پەس ئاۋازدا سۆزلەشكە باشلىدى_  چىلانخان يېڭى كەلگەندە غۇجايىن بىزگە "ئۇنىڭ ئېرى پۇل تاپىمەن دەپ يۇرتتىن چىقىپ كېتىپ بىر يىل بوپتۇ،ئۆيگە قايتىپ كەلمەپتۇ،بۇ ئايال ئېرىنى يۇرتمۇ – يۇرت ئىزلەپ پۇلى تۆگەپ كېتىپتۇ.بىزنىڭ ئاشخانىدا ئىشلەپ يول خىراجىتى تېپىۋالاي دەيدۇ.مۇشۇ يەردە ئىشلىسۇن" دېمىدىمۇ؟ ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن غۇجايىن زورلۇق بىلەن ئۇنىڭ نومۇسىغا تەگدى .
ئورۇق ئەر ئاغزىدىكى لوقمىنى چايناشتىن توختاپ ،سۆزلىگۈچىگە ھاڭۋىقىپ قاراپ قالدى .
_ ئۇ چاغدا سەن "ئانامنى يوقلاپ كېلەي" دەپ يۇرتقا كەتكەن ئىدىڭ.ئارقاڭدىن غۇجايىن مېنىمۇ"ئۆيۈڭنى يوقلاپ كەل " دەپ ناھىيەگە يولغا سالدى . ئۆيدە بىر كۈن تۇرۇپلا دادام بىلەن جىدەللىشىپ قېلىپ خاپىچىلىقتا بالدۇرلا قايتىپ كەلدىم.بۇ يەرگە كېلىپ ،تۇردى ناۋاي بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئاز – پاز ئىچىشكەچ كېچە بولۇپ كەتكىنىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن . ئاشخانىغا كەلسەم تىجارەت يوق،ئىشىكلەر ئېتىكلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتتىق بوران چىقىۋاتىدۇ .ئىشىكنى چېكەي دەپ تۇرغىنىمدا ئۆي ئىچىدىن كارۋاتنىڭ قاتتىق غىچىرلىغان،ئايال كىشىنىڭ بوغۇلۇپ نالە قىلغان ،يالۋۇرغان،ئىلتىجا قىلغان ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتىدۇ . نالە – پەريادنىڭ نەق چىلانخاننىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىنى قىينالمايلا پەرق ئىتەلىدىم.لېكىن ،ئۇنىڭ ئاۋازى " چاڭ – چۇڭ " قىلغان شاپىلاق ئاۋازى ۋە ئالىقانداق زورلۇق كۈچ ئىشلەتكەنلىكنى بىلدۈرىدىغان ئاۋازلار بىلەن ئېچىنىشلىق ئېڭىراشقا ئۆزگىرىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۆچتى . كېسىپ ئېيتالايمەنكى ، غۇجايىن بۇ ئايالنى ۋەھشىلەرچە ئۇرۇپ بويسۇندۇردى . ئىشىك ئالدىدا نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي بىر ھازا تۇردۇم.غۇجايىننىڭ ۋەھشىلىكى ساڭىمۇ ئايان: ئىلگىرى بىرسىنى پىچاقلىۋېتىپ تۈرمىدە ياتقان.شۇڭا،جېنىمنى ئاياپ غىپپىدە كېتىپ قالدىم .
_ مۇنداق ئىشمۇ بار دە! _ دەۋەتتى ئورۇق ئەر ھەيرانلىقتا. ئۇ بىر ئۇھ تارتىۋەتكەندىن كېيىن _ چىلانخان ھامان شۇنداق يولغا كىرىپ قالاتتى،بۇنداق چىرايلىق ئايال يۇرت كېزىپ يۈرسە ساق قالاتتىمۇ، ئەگەر ياۋاشراق بولغان بولسا بۇنداق قاتتىق تاياق يەپ يۈرمەس ئىدى .كاساپەت ، بەكمۇ چىرايلىق ھە! بىر قېتىم  ئۇنىڭغا مەنمۇ نىيىتىمنى بۇزغان دىگىنە.
_ نىمە؟! _ سېمىز ئەر ھەيران بولۇپ قىزىقىپ سورىدى _ قېنى دىگىنە،قانداق بولدى؟
_ ئۇ كۈنى چىلانخاننىڭ كەيپىياتى باشقىچىلا،كۆزلىرىنىڭ نۇرى ئۆچكەن،چاچلىرى چۇۋۇق،پۇت قولىدا جان يوقتەكلا مېڭىشلىرى .قارىغاندا سەن ئېيتقان ھېلىقى ۋەقەدىن كېيىنكى ۋاقت ئوخشايدۇ. بىر كۈنى كېچىسى چىلانخاننى چۈشەپ قاپتىمەن دىگىنە.چۈشۈمدە چىلانخان ماڭا قاراپ نازلىنىپ كۈلۈپتۇدەك.ئۆزۈمنى باسالماي ئۇنى شۇنداقلا قۇچاقلىشىمغا ،قولىدىكى چىلەك يەرگە تاراڭڭىدە چۈشۈپ كېتىپ چۈچۈپ ئويغۇنىپ كەتتىم. ئۇنى ئويلاپ كېچىچە ئۇخلىيالمىدىم.ئەتىسى ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئىمكانىيەت بولسىلا ياردەملىشىپ ،يېقىنچىلىق قىلىپ،خۇددى قوينىڭ پېيىگە چۈشكەن قوچقاردەك ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشقا پۇرسەت ئىزدىدىم. پۇرسەت ئاخىرى كەلدى . ئۇ ئامبار ئۆيگە گۆش ئالغىلى كىرگەندە نەپسىم تاقىلداپ كەينىدىنلا كىردىم. ئۇ كاناردىن يوغان بىر پارچە گۆشنى ئالغىلىۋاتقان ئىكەن."ياردەملىشەيمۇ؟" دىگنىمچە ئۇنىڭ قېشىغا باردىم.گۆشنى كاناردىن ئېلىۋېتىپ قوللىرىمىز تېگىشتى . شۇنچىلىك تېگىپ كېتىشتىنمۇ بەدىنىمگە ئېيتقۇسىز لەززەت تاراپ ،ئۆزۈمنى باسالماي بېلىدىن كاپپىدە قۇچاقلىۋالدىم. چىلانخان توشقاندەك  بىر يۇلقۇنۇپلا قۇچۇقۇمدىن چىقىپ كەتتى . غۇۋا يورۇق ئۆيدە ئۇ قاتتىق ئاغرىنغان ھالدا ھاسىراپ تۇرۇپ "ئاكا ، مەندەك ئاجىز مەزلۇمنى بوزەك قىلىشقا ۋىجدانلىرى قانداق ئۇنىدى؟دىللىرىدا ئىمان يوقمۇ سىلىنىڭ؟ يۈرەك – باغرىنى يېرىپ سىلىنى تۇغقان ئانىلىرىمۇ ماڭا ئوخشاش مەزلۇمغۇ؟" دىدى.يۈزلىرىم كۆيۈشۈپ تۇرۇپ قالغىنىمدا  چىلانخان يۈگىرىپ دىگۈدەك ئامباردىن چىقىپ كەتتى .
ئىككى ئەر خىزمەتكار بىر ھازا جىمىپ كەتتى.جىمجىتلىقنى ئۇلارنىڭ ماچىلدىتىپ مانتا يېيىشى بۇزۇپ تۇراتتى.
_ ئايال خەق نىمىلا دىگەن بىلەن ئاجىز-دە _ دىدى سېمىز ئەر غۇدۇڭشىغاندەك قىلىپ.
_ ئاجىز بولاتتىمۇ! نەق شەيتاننىڭ ئۆزى ئۇلار! _ ئورۇق ئەر سارغىيىپ كەتكەن ئىككى چىشىنىڭ ئارىسىدىن يەرگە "چىرت" قىلىپ تۈكۈردى _ ئۇلار كۈچسىز كۆرۈنگىنى بىلەن، ئويناپ تۇرغان كۆزلىرى،ناز – كەرەشمىلىرى ، تولغىنىپ تۇرغان بەدەنلىرى بىلەن جاھاننى چۆرگىلىتىدۇ.ئالەمنى مالەم قىلغان يۈز بالانىڭ  توقسان توققۇزىنى خوتۇن خەق قاش – كۆزىنى ئوينىتىپ تاپىدۇ.نىمە دەيدۇ ماۋۇ ئاداش.
_ لېكىن ،چىلانخاننىڭ غۇجايىن ئالدىدا ئۆزىنى قوغداپ قارشىلىق كۆرسىتىشىدىن ئۇنىڭ ئىپپەتلىك ئايال ئىكەنلىكىنى......
_ شۇنىمۇ چۈشەنمىدىڭمۇ؟ئېنىقكى غۇجايىندىن ئوينىغانغا پۇل تەلەپ قىلغان گەپ.بەلكىم تەلىپى ھەددىدىن ئاشقان بولسا تايىقىنى يېگەندۇ.
_ سەن ئۇنىڭغا سۈركەلگەندە قارشىلىق قىلىپ ئېيتقان سۆزلىرىچۇ؟
_ مېنىڭ يانچۇقۇمدا ئۇنىڭغا بەرگۈدەك ئىككى تەڭگەم بولمىسا ماڭا ئۇنامتى.شۇڭا ،ئۆزىنى پاك كۆرسەتكىنى ئۇنىڭ.بولدى،بولدى،مانتىنى تېزرەك يەپ ئىشىمىزنى قىلايلى،ھېلى غۇجايىن چىقىپ ئەدىپىمىزنى بېرىدۇ بىكار.
ئىككىيلەن مانتىنى ئالدىراپ يېيىشكە باشلىدى .
_ ساراڭ خوتۇن! مانتا قىيمىسىغا سۆڭەكنىمۇ قوشۇپ توغراپتۇ! _ دىدى،تۇساتتىن"گاچ" قىلىپ سۆڭەك چاينىۋالغان ئورۇق ئەر _ تۈفى!
ئورۇق ئەر ئاغزىدىكى سۆڭەكنى ئۈستەلگە تۈكۈردى.سۆڭەك ئۈستەلگە توككىدە چۈشۈپ ،نەچچە دومىلاپ سېمىز ئەرنىڭ ئالدىدا توختىدى. سېمىز كەلگىنى ئالدىدىكى سۆڭەككە مۇنداقلا قاراپ قويۇپ يەنە ئۇدۇلىدىكى ھەمرىيىغا گەپ قىلماقچى بولدىيۇ،ئىختىيارسىز يەنە ئالدىدىكى سۆڭەككە قايتىدىن دىققەت بىلەن چەكچىيىپ قارىدى. ئاندىن ئۇنى قولىغا ئېلىپ سىنچىلاپ يەنە بىر قېتىم قاراپلا ،چىرايى تۇتۇلۇپ،خۇددى چوغ تۇتىۋالغاندەك ئەندىكىپ قولىدىكى سۆڭەكنى ئۈستەلگە تاشلىدى .
_ نىمە بولدى؟ نىمىكەن ئۇ؟ _ ئورۇق ئەر شۇنداق دىگەچ قاڭقىپ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كەلگەن سۆڭەككە سىنچىلاپ بىر قارىۋېتىپ،بىردىنلا ئارقىغا داجىدى.تويۇقسىز مۇدھىش تۈس ئالغان كۆزلىرى ھەمرىيىغا تىكىلىپ، يېرىم ئېچىلغان كالپۇكلىرى ئارىسىدىن چالا چاينالغان لوقمىلار تۆكۈلدى.
سېمىز ئەرنىڭ ئاغزىدىن مۇنۇ سۆزلەر ئېتىلىپ چىقتى:
_ ئادەمنىڭ بارمىقى!....ئادەمنىڭ بارمىقى!.....مانتىنىڭ قىيمىسى ئادەم گۆشىدە قىلىنىپتۇ!.....بىز ئادەم گۆشى يەپتىمىز! ئاھ خۇدا ! بىز ئادەم گۆشى يەپتىمىز!!!....
ئىككى خىزمەتكار ھويلىدا دەھشەتلىك ھەم ساراڭلاردەك ۋاقىراشقا،شاقىرىتىپ قۇسۇشقا باشلىدى .
بىر سائەتتىن كېيىن،چىقىراق ئاۋاز چىقىرىپ ساقچى ماشىنىلىرى ئۇچقاندەك يېتىپ كەلدى.ئاشخانا دەرھال قامال قىلىندى. ساقچىلار يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئاشخانا ئالدىغا بىرمۇنچە ئادەم توپلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ،مانتىنىڭ ئىچىدىن ئادەم بارمىقى چىققانلىقىنى ئاڭلىغان كىشىلەرنىڭ ھىچقايسىسى ئاشخانىغا كىرىشكە پېتىنالمىغانىدى. كىشىلەرنىڭ كۆزى ھېلىمۇ ئۈستەلدە _ بىرنەچچە دانە مانتا قالغان لىگەننىڭ يېنىدا تاشلىنىپ تۇرغان ئادەم بارمىقىغا ئەيمىنىش بىلەن تىكىلگەن ئىدى . ھويلىدا نە ئاشخانا غۇجايىنى ،نە ياقا – يۇرتتىن كەلگەن خىزمەتكار ئايال كۆرۈنمەيتتى.ئاشخانىنىڭ ئىككى ئەر خىزمەتكارى ئاشخانا تېمىغا يۆلىنىپ، ئېلىشىپ قالغان ئادەمنىڭكىدەك تۈس ئالغان كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىكىپ ،باشلىرىنى ساڭگىلاتقىنىچە ئولتۇراتتى. ئېغىزلىرىدىن شۆلگەي ئېقىپ تۇراتتى.جاۋغايلىرى،چاپىنىنىڭ ئالدى ،ئىشتىنىنىڭ پۇچقاقلىرى ۋە ئاياقلىرى قۇسۇق بىلەن بۇلغانغان ئىدى .
تولۇق قوراللانغان ساقچىلار چاقماق تېزلىكىدە ئاشخانىنىڭ ئۆيلىرىنى تەكشۈرىشكە كىرىشتى. لېكىن،خېرىدارلار كۈتۈلىدىغان ئۆي ۋە ياتاق ئۆيلەردىن ئاشخانا غۇجايىنى بىلەن ئايال خىزمەتكارنى،شۇنداقلا باشقا ھەرقانداق ئادەمنى تاپالمىدى. ساقچىلار ئاخىرقى بىر ئۆي _ ئامبار قىلىنغان ئۆينىڭ ئىشىكىنى بىر تېپىك بىلەن ئاچتى. ئىككى ساقچى سوغۇق پارقىراپ تۇرغان تاپانچىسىنى قوش قوللاپ چىڭ تۇتقىنىچە ئامبار ئۆيگە باستۇرۇپ كىردى. كىردىيۇ ئەندىكىپ كەينىگە داجىشتى. توپا باسقان تۆۋەن ۋاتلىق چىراق غۇۋا يورۇتۇپ تۇرغان ،ئانچە چوڭ بولمىغان ئامبار ئۆينىڭ ئىچىنى قويۇق قان ھىدى قاپلىغان ئىدى .يەر قانغا بويالغان ئىدى . قانغا بويالغان كىيىملەر بىر چەتكە قالايماقان تاشلىنىپ تۇراتتى. ساقچىلارنىڭ مىقتەك قادالغان كۆزلىرىنىڭ ئۇدۇلىدا _ ئامبار ئۆينىڭ تۆۋەن تەرەپتىكى تېمىغا يېقىن قويۇلغان گۆش ئاسىدىغان كاناردا تېخىمۇ دەھشەتلىك مەنزىرە نامايەن بولۇپ تۇراتتى .
ئەھۋال تېزلا ئېنىق بولدى: ئاشخانا غۇجايىنى ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن؛ئايال خىزمەتكارنىڭ ئىز – دېرىكى يوق ئىدى. ساقچىلار ئىز – دېرەكسىز يوقالغان ئايال خىزمەتكارنى بۇ قاتىللىق دېلوسىدىكى ئەڭ زور گۇماندار دەپ بېكىتىپ،تېزلىكتە گۇماندارنى ئىزدەشكە ئاتلاندى . ساقچىلار كىشىلەردىن جىنايەت گۇماندارىنىڭ قېچىپ كېتىشىگە ئالاقىدار ھىچقانداق يىپ ئۇچىغا ئېرىشەلمىدى.تۆت ئەتراپنى يېرىم كۈن ئىنچىكە تەكشۈرۈش  ئارقىلىق ئاخىرى ،گۇماندارنىڭ تاشيول بويلاپ غەربكە بىر كىلومېتىردەك ماڭغاندىن كېيىن،يولنىڭ جەنۇبىدىكى چۆل ئۆسۈملۈكلىرى قاپلىغان باياۋانغا قاچقانلىقى ئاياق ئىزىغا قاراپ جەزم قىلىندى. ساقچىخانا كۈچ تەشكىللەپ جىنايەت گۇماندارىنى ئىزدىدى.لېكىن،كەچ كىرگۈچە تاپالمىدى.ئەتىسى ئىزدەش خىزمىتى يەنە جاپالىق داۋاملاشتۇرۇلدى. لېكىن قاچقۇن تېپىلمىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىزدەشنىڭمۇ ھىچقانداق نەتىجىسى بولمىدى .
ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئىگىلىگەن يىپ ئۇچى ۋە دەلىل – ئىسپاتلار ئارقىلىق تۇرغۇزغان دىلو ماتىريالىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: گۇۋاھچىنىڭ (ئاشخانىنىڭ ئىككى ئەر خىزمەتكارىنىڭ بىرىنىڭ ھۇش – كاللىسى جايىدا بولمىغاچقا،يەنە بىرىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى ئېتىۋارغا ئېلىندى) گۇۋاھلىق سۆزىگە ئاساسلانغاندا ،ئاشخانا خىزمەتكارى چىلانخان ئىلگىرى ئاشخانا غۇجايىنى تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان.بەلكىم ،كېيىنكى كۈنلەردىمۇ كۆپ قېتىم ئاشخانا غۇجايىنىنىڭ باسقۇنچىلىق قىلىشىغا ئۇچرىغان بولىشى مۇمكىن.شۇڭا، چىلانخاننىڭ ئاشخانا غۇجايىنىغا  قارىتا قاتتىق ئاداۋەت تۇتۇش ۋە قاتىللىق قىلىش ئېھتىمالى زور.قاتىللىق ۋەقەسىدىن كېيىن ئاشخانا خىزمەتكارى چىلانخاننىڭ ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى،نەق مەيداندا ئايال كىشىنىڭ كۆپلىگەن ئاياق ئىزىنىڭ قالغانلىقى بۇ نۇقتىنى ئەقىلغە مۇۋاپىق دەلىللەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭا، ئاشخانا خىزمەتكارى چىلانخان  بۇ دىلودىكى ئەڭ زور جىنايەت گۇماندارى دەپ قارالدى. قانۇن دوختۇرىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللىشىگە قارىغاندا ،زىيانلانغۇچى ئۆلۈشتىن بۇرۇن مىقداردىن ئاشۇرۇپ ھۇشسىزلاندۇرۇش دورىسى يىگەن(ياكى يىگۈزىلگەن) . گۇۋاھچىنىڭ سۆزى ،ماددى ئىسپاتلار ۋە نەق مەيداندا قالغان ئىزلارغا قاراپ شۇنداق ھۆكۈم قىلىش مۇمكىنكى، جىنايەت گۇماندارى شۇ كۈنى يامغۇرلۇق كېچىنى پۇرسەت قىلىپ ،ھىلە ئىشلىتىپ ئاشخانا غۇجايىنىغا ھۇشسىزلاندۇرۇش دورىسى ئىچكۈزۋەتكەن.غۇجايىن ئەس – ھۇشىنى يوقاتقاندىن كېيىن ،ئۇنى  بىر ئاماللار بىلەن تۇيدۇرماي ئامبار ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ ،پىچاق بىلەن ۋەھشىلەرچە بۇغۇزلىۋەتكەن،ھەتتا،ئەسەبىيلىشىپ ئۆلگۈچىنىڭ گۆشىدە قىيما قىلىپ مانتا پىشۇرغان. جىنايەتچى كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق ھالدا قاتىللىق قىلىش ۋە جەسەتنى پارچىلىۋېتىشتەك قەبىھ ھەركەتلەرنى ھىچكىمگە تۇيدۇرماي ئورۇنلىغان .
ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ،ئۆتەڭدە يۈز بەرگەن بۇ دىلو تېخىچە پاش بولمىدى. كىشىنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرگىدەك ھەم جىنايەت تارىخىدا ئاز كۆرۈلىدىغان ۋەھشىيانە قاتىللىق قىلغان بۇ ئايال جىنايەت خاتىرىسى بىلەن ئىز – دېرەكسىز يوقالدى .
ئاپتورى : تۇرپان خەلق رادىئو ئىستانسىسىدىن،مۇخبىر.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش