باش-ئاخىرى يوق ھېكايە
( ھېكايە )
ئابدۇشۈكۈر غوپۇر
ئالىم ، گۈلبوستان ۋە تۇماق ھاشىم ئۈچەيلەن ھېلىقى تۆت كىشلىك ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ خوشياقمىغاندەك قاچىلىرىنى مانتىلىشىپ ئولتۇرىۋەرسۇن ، ئەمدى گەپنى ئاۋۇ بۇلۇڭدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان بىر جۇپ قىز يىگىتكە يۆتكەيلى . سەل ئىگىزرەك كەلگەن، ساچلىرى ساغۇچ بۈدرە، چىرايى ئازراق تاتىراڭغۇ ، خېلى قاملاشقان پىگورىسى بار قىزچاقنىڭ ئىسمى ئاسىيە . مەن ئۇنى بۇرۇندىنلا تونۇيتىم .ھوي ، سىز كىمۇ ؟ دەۋاتامسىز ؟ مەن دەل مۇشۇ كاتتا ئاشپۇزۇلنىڭ داڭلىق تاڭجىڭى بولىمەن . ئىسمىم شۈكۈر ئاخۇن . ئاسىيە غىتمەكنىڭ (نىمىشقىكىن بىلىدىغان كىشىلەر ئۇنى شۇنداق دەپ چاقىرىشىدىكەن) ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان يېشىغا ماسلاشمىغان يوغان قوسىقى بار ، قاڭشارلىق ، ئالاپەت ئەركەككە خاس بۇرۇتى بار ، بويى تەخمىنەن 1.69 كېلىدىغان مۇنۇ قارامۇتۇق يىگىتنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئەزبىرايى خۇدا بىلمەيمەن . ئاسىيە غىتمەك (ئېغىر ئالمىساڭلار شۇنداق دەپ چاقىرىۋېرەي ھە) باشلاپ ئەكىلىدىغان يىگىتلەرنىڭ تولىسىنى تونۇيمەن . ئەنۋەر قاۋان، سادىق مۆرىمەس ئىككىسى بىلەن بىر ئىككى قېتىم بىرگە كەلگەن . موسا گولدۇڭ ، كېرمجان ماشىنچى ھەتتا ماۋۇ ھاشىم تۇماقمۇ بىرگە غىزالانغان مۇنۇ چىرايى تاتىراڭغۇ لېكىن قالتىس پىگورىسى بار غىتمەك بىلەن ..توۋا ! قانداق جاھان بۇ ؟ قارىسا شۇنداق مۇلايىم بۇ . بىراق يۇۋاشنىڭ مۈڭگۈزى ئىچىدە دەپ ...بىزنىڭ لوبەن خويمۇ ئامراق بۇ غىتمەككە . گەرچە لوبىنىمىز ئوخشاش جىنىسلىق مۇھەببەتلەشكۈچى بولسىمۇ (خەقلەر كەينىدىن ھوشۇر كوسا، ھېجىقىز دەپ تىللايدۇ تېخى)، بىرەر بىر ئاسىيە غىتمەكنىڭ ساغرىسىنى پاق پاق ئۇرۇپ قويۇپ <قالتىس سەتەڭ جۇمۇ ماۋۇ ؟ ! ھې ھې ھې> دەپ ھىجىيىدۇ پەقەتلا ئوغۇل دوستلىرىغا ھىجايغاندەك . چۈنكى بۇ غىتمەك ئاشپۇزۇلىمىزغا ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىدۇ ئەمەسمۇ ...ئىسمىڭىز نىمە ؟ ئالدىدىكى يارتە توخۇدىن قانغۇدەك ئېغىز تېگىۋالغاندىن كېيىن ئاسىيە غىتمەك ئاخىرى ئېغىز ئاچتى : ئىسمىڭىز نىمە ؟ قارا مۇتاق پار پار پاقىراپ تۇرغان پىشانىسىكى تەرلەرنى قولىنىڭ دۈمبىسى بىلەن ئېيتىۋېتىپ جىم تۇرۇپ قالدى ، بەلكىم كۆڭلىدە راست ئىسمىمنى ئېيتايمۇ ئېيتمايمۇ دەپ دىلىغۇل بولغان چېغى ..بەللى بەللى قارىغاندا بۇمۇ بىر خوتۇن بالىسى بار گۇي ئوخشايدۇ ، قوسىقىدا جىن بار بۇنىڭ ، سەل يېقىن سۈرۈلدۈم دە چاققانلىق بىلەن يېرىمداشقان پىيالىلىرگە چاي لىقلاپ قويغاچ گەپلىرىگە قۇلاق سالدىم ...
قارا مۇتۇق ئاخىرى زۇۋانىنى ئاچتى ،<ئىسمىم غالىپ ، دوستلىرىم مېنى غالىپ پەيدا دەيدۇ > دىدى- دە ، سەل ئوڭايسىزلانغاندەك پاتاڭغىچە قىزىرىپ كەتتى . ھۇ گۇي ! قاراپ تۇرۇپ ماۋۇ ئاسىيە غىتمەككە يالغان گەپ قىلىشقا پېتىندىڭ ھە ؟ بۇ كىمۇ بىلەمسەن ؟ بۇ مۇشۇنداق مۇلايىم ياۋاش تۇرغان بىلەن مۇشۇ شەدىكى نىنى ئالىقاناتلارنى ئالقىنىدا ئويناتقان غىتمەك بۇ ! سەندەك پەيدالارنى تونۇماي قالامتى راستلا مەۋجۈت بولساڭ ! يۈزدە يۈز ھۆددە قىلىمەنكى ماۋۇ قارامۇتۇقنىڭ خوتۇنى بار ! ئىچىمدىكىنى باشقىلارغا دىيەلمىگىنىمدىن سەل مەيۈسلىنىپ داۋاملىق ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سالدىم ..<مۇنداق دەڭ ، ئاجايىپ قىزىق لەقىمىڭىز باركەن ، نىمىشقا ئۇنداق دەپ چاقىرىدۇ سىزنى ؟> ئاسىيە غىتمەڭ بۇ قارامۇتۇقنى ئەمدى ئۇسۇلغا سالغىلى تۇردى ئەينا ، ئىچىمدە قارامۇتۇقنى مەنسىتمىگەندەك ھىجىيىپ قويدۇم . قارا مۇتۇق سەل پەل ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېين گېلىنى قىرىپ قويۇپ ھېكايىسىنى باشلىدى <مېنىڭ كاللام بەك ئىشلەيتى ، بىراق بەزىدە سەل ئۆزۈمنى كونتىرول قىلالمايتىم . چوڭلار تۇر دىگەن يەردە تۇرمايتىم ، كاللام قايغان پۇتام تايغان يەرلەردە قاڭقىپ يۈرەتتىم ، نەلەردە توخۇ سوقاشتۇرۇش ، تۇخۇم چېكىشىش، بورت ئويناش دەمدۇ ئىشقىلىپ ئاشۇنداق جايلارنىڭ ھەممىسىغىلا ئۈلگۈرۈپ بارىتىم ، قايسى بىر تەيگو توخۇسىنىڭ بۈگۈن يېڭىپ چىققانلىقىنى ، قايسىبىر ھىلىگەرنىڭ خىشنى تۇخۇمغا ئوخشاش ياساپ ، ئاندىن كېيىن چاندۇرماي بوياپ شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن تۇخۇم ئۇتىۋالغانلىقىنى ...چوڭ چوڭ تىكىشىپ ئوينىغان بورت مەيدانلىرىنى يادقا دەپ بېرەلەيتىم ..بىراق ئۆزۈم ئوينىمايتىم . كېيىنچە ماۋۇ ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقمۇ پەيدا بولدى . شۇندىن كېيىن مەنمۇ كۈندە ئېلىكتۇرۇنلۇق ئويۇنچۇقخانىدا پەيدا بولىدىغان بولدۇم . بىر كۈنى بىرسى ما پەيدا يەنە پەيدا بولدى دىمەسمۇ ..ھې ھې ھې شۇندىن كېيىن بۇ لەقەم سىڭىپ قالدى >. قارا مۇتاق ھىكايىسىنى تۈگەتكىچە تەرلەپ قىزىرىپ كەتكەن ئىدى . ئىچىمدە ئۇنى داۋاملىق مەسخىرە قىلماقتىمەن ..خوپ بولدى ! يالغان گەپ قىلماق ئاشۇنداق تەس نىمە ؟ مەن چېغىمدا خوتۇنۇمغا يالغان گەپ قىلسام ئاخىرىنى دەپ بولغىچە كۈلۈپ سالىمەن . سەن خېلى بوپقالىدىكەنسەن جۇمۇ پەيدا ؟...ھەي، چاي لىقلاپ قويىڭە . دىدى ئاسىيە غىتمەك پىيالىنى ئىما قىلىپ . ئۇ خۇددى ماۋۇ قارامۇتۇقنىڭ گېپىگە پۈتۈنلەي ئىشەنگەندەك قىياپەتتە ئۇنىڭ كۆزلىرىگە خۇمالىق تىكىلىپ ئولتۇراتتى . تۇرۇپ تۇرۇپ پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قوياتتى . توۋا ! مانا ! مانا ! كەسپى قويمىچى دىگەن باشقىچە بولىدىكەن . ھىچبولمىغاندا بۈگۈن ماۋۇ قارا مۇتۇقنىڭ يانىدىكى بار يوق پۇلىنى سىرىپ ئېلىپ ،قالغىنىغا نىسى قالدى دەپ قولىدىن ھۆججەت ئېلىۋالمىسا ماۋۇ مۇرەمنىڭ ئۈستىدىكى كاللامنى پىچان بىلەن چورتتىدا ئۈزۈپ بېرىمەن . شۇنداق قىلىدۇ بۇ ..بىر چاغدا قارا مۇتۇق ئاسىيە غىتمەككە سەل يېقىن ئىڭىشىپ بىر نىمە دەپ پىچىرلىغانتى ئاسىيە غىتمەك ئاغزىنى تۇتىۋېلىپ كۈلۈپلا كەتتى ، راست گەپ قىلسام ئۇ ئاجايىپ تاتلىق كۈلىدۇ ،بۇنى دىمىسەممۇ مۇشۇ ئاشپۇزۇلدىكى ئىشلەمچى بالىلاردىن تارتىپ شەھەردىكى ئاسىيە غىتمەكنى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ .ئاسىيە بېشىنى لىڭشىتىۋېدى ، قارا مۇتۇق يوغان قوسىقىغا ماسلاشمىغان چاققانلىق بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ پورتمالىدىن شارتتىدە قىلىپ يۈز يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى سۇغىرىۋالدى دە : ھېساباتنى قىلىۋېتەي دەپ باتەيگە بېرىپ لوبەنگە تەڭلىدى . ھوشۇر كوسا ھېساپلىغۇچتا بىرھازا ھېساپلىغاندىن كېيىن ھېلىقىدەك ھىجىيىپ تۇرۇپ : يەنە 6 سوم كاملايدىكەن ئۇكام . دىۋىدى ، قارامۇتۇق تۇرۇپ كېتىپ پورتمالىدىن يەنە ئون يۈەننى ئېلىپ تەڭلىدى ، ئەمىلىيەتتە ھوشۇر كوسا ئاز دىگەندىمۇ يىگىرمە ئوتتۇز يۈەننى ئارتۇق ئېلىۋالغان ئىدى ، بۇنى مەن بىلىمەن ، ئاسىيە غىتمەك ئەلۋەتتە بىلىدۇ ، ماۋۇ قارامۇتۇقنىڭ تەرلەپ تۇرغان پىشانىسى ۋە تۇرۇپلا قىزىرىپ كەتكەن مەڭزىدىن ئۇنىڭمۇ ھىس قىلغىنىنى سەزدىم . بىراق ئۇ ئاسىيە غىتمەكنىڭ ئالدىدا ئوغۇلبالىدارچىلىقىنى كۆز كۆز قىلمىسا بولمايدۇ دە ، شۇنداق قىپ ئۇلار ئىشىكتىن چىقىشتى . ئاسىيە غىتمەك قارا مۇتۇقنى قولتۇقلىۋالغان ئىدى،تۇرۇپلا ئۇ قارا مۇتۇقنى تېگى يوق بىر دوزاققا سۆرەپ ئەكىتىۋاتقاندەك ھىس قىپقالدىم . شۇنىڭ بىلەن خېلىدىن بېرى ئاسىيە غىتمەك بىلەن بىرەر ئاخشام پەيزى قىلىش ئىستىكىمدىن يانغاندەك بولدۇم .
دوزاق ، ئاجايىپ دەھشەت يەر دەپ ئاڭلىغان كىچىكىمدە مومامدىن ، ئۇ يەردە ھەر دەھشەت يىلان چايانلار ئاغزىدىن ئوت پۈركۈپ كىرگەن ئادەملەرنى كۈرمىڭ ئازاپلارغا سالىدىكەنمىش ..ئەجىبا مۇشۇ ئاسىيە غىتمەكمۇ ئاشۇ يىلان چايانلاردىن ئۆزگەرگەنمىدۇ ھە ؟ قارىسىلا شۇنداق مۇلايىم ، تاتىراڭغۇ يۈزىدە سەمىمىيلىك چىقىپ تۇرغان ، قاملاشقان پىگورىسى زە ...ھەي ،بولدىلا ئۈستەلنى يىغىشتۇراي ....
ھوي ! ئاۋۇ تۆت كىشلىك ئۈستەلدە ئولتۇرغانلار قاچان چىقىپ كەتكەندۇ ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-5 12:21