كۆرۈش: 86|ئىنكاس: 2

مۇئەللىمگە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1108
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 445
تۆھپە : 0
توردا: 54
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 18:00:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇئەللىمگە
رابىگۈل ئىبراھىم ئاسىم

gul.jpg


1


مۇئەللىم __
ئۇ ،ئۇقۇتۇش مۇنبىرىدىن پارلىغان قۇياش ، نادانلىققا ئوت ئىچىش ئۈچۈن ئاپىردە بولغان.سەبىي دىللارغا ئىلىم نۇرىنى  چېچىپ، كەلگۈسىنىڭ سۈزۈك سەھىرىگە باشلايدىغان. ئاددىي، پاكىزە ئۈستىباش ئىچىدىكى نۇرانە ۋۇجودىدىن ئادىمىلىك خىسلەتلەرنى تارقىتىدىغان.
مەۋجودلۇق ئارمانلىرىنى مەرىپەت مۇنبىرىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ،ماددىي مەئىشەت بورانلىرىدا تۇغراقتەك تىك تۇرالايدىغان.
سەبىلەر ئۈچۈن ھەممە ئۇخلىغان تۈن كىچىدە ئىشچان ھەرىدەك،ئەتىدىكى دەرسىگە توم كىتابلار ئىچىدىن جەۋھەر يىغىدىغان.
ھەر كۈنى بۈيۈك تاڭنىڭ مۇققەدىمىسىدە مۇنبەردىكى روھىيەت سەھىرىنى باشلاپ، مەرىپەتكە تىۋىنغان قەلىبلەر ئۈچۈن ئاپپاق بوردىن باھار چىچەكلىرىنى ئېچىلدۇرىدىغان.
شۇڭا، مۇئەللىم ئىنسانىيەتنىڭ ھۈرمەت تەختىدە. ھەممە ئۇنى «سەبىيلەرنىڭ بەخىت قۇياشى» دەپ ئاتىشار، « ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى »دەپ نام بېرىشەر.
مۇئەللىم تونىغا ئورىلۋىلىپ مائاشچى بولۇپ كۈن ئۈتكۈزگەنلەر ئۇقۇغۇچىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشەر،
ئەلنىڭ ئىچىدە ھۈرمەت-ئىناۋىتى بولماس. ئۇنداقلار سەبىيلەرنىڭ ئالتۇن ۋاقتىنى ئۇغۇرلىغان مۇناپىقتۇر. مۇناپىقنىڭ كىينلىكى لالما ئىتتەك خارلىقتا ئۈتەر.


2

مۇئەللىم __
بۇ ئۇلۇغ كەسىپ ____ كەسپىي مەسئولىيەت بىلەن ئادىمىيلىك خىسلەتنىڭ بىرلىشىشىدىن چاقنار. ئۈزۈكسىز تىرىشىپ، بىلىم يىڭلاشتىن نۇرلىنار. ئۇقۇغۇچىلار ئەھۋالىنى كۆزۈتۈشكە ماھىر بولۇپ،ئەھۋالغا قارىتا يىتەكلەشتىن چىچەك ئاچار.ئانىدەك مىنەتسىز ئەجىر قىلىشنى ، ئاتىدەك مەسئولىيەتچانلىق بىلەن پىداكار بولۇشنى تەلەپ قىلار.
بۇ شەرتلەرنى ئۆزىدە ھازىرلىيالىغان مۇئەللىم مۇنبەردىن كۈتۈرۈلگەن قۇياش بولۇپ، كەلگۈسىنىڭ يۇلتۇزلىرىغا ئىلىم سۆيگەن روھىدىن نۇر بىرەر.خىزىر بولۇپ،جاھالەت چاڭگال سالغان تەمتىرگەن سەبىيلەرنى مەرىپەتلىك قوللىرىدا يىتلەپ، بەخىت شەپىقى كۈتۈرۈلگەن ئۈمۈتلۈك يوللارنى كۆرسىتەر. ئۆز شەخسىيىتىنى ئۇنتۇپ، بارلىقىنى ئەۋلارتلار ئۈچۈن تەغدىم ئىتەر. ئۇ  كۈتۈرگەن مەرىپەت مەشئىلى زۇلمەنى قۇغلاپ ھەممە يەرنى يورىتار.
ئۇنىڭ جايىدا بېرىلگەن ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى ئىشەنچىسىنى يۇقاتقان ئوقۇغۇچنىڭ قەلبىگە ئۈمۈت ئۇرۇغىنى چاچار. ھەر بىر ئېغىز سۆز_ ھەركىتى ھىكمەت بولۇپ نەقىشلىنەر. ئۇ سەبىيلەر قەلبىدە گۈزەل ئىستەكلەرنى ئويغاتقۇچى بولۇپ كامالەت يولىغا باشلار.
«ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى تەربىيە بىلەن ھەل قىلىنىدۇ» ، ئەۋلاد تەربىلەشنى ئۈستىگە ئالغان مۇئەللىم ئۆز كەسپىنى ئەقلى، قەلبى ۋە ۋىجدانى بىلەن سۆيۈشى زۈرۆردۇر. ئىلىم –پەن تەرەققىياتىنى مۆلچەرلەپ   كەسپىنى دەۋىر تەرەققىياتىغا ماسلاشتۇرۇش كېرەكتۇر.
ئەگەر مۇئەللىم بولغۇچى  ئۇيۇن تاماشا، پاراغەت سورۇنلىرىغا قىزىقىپ قالسا ، كۆزگە كۆرۈنمەس راك ۋىروسىدەك ئىلىم تەشنالىقىدا تەلمۈرگەن سەبىيلەرنى ئاستا-ئاستا زەھەرلەپ بىر تۈركۈم نىشانسىز ماڭقۇرتلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقار. بۇنداق سۆگەلسىمان مۇئەللىملەرنى يىلتىزىدىن قۇمۇرۇپ تاشلاش زۈرۆردۇر.
شۇڭا ئەي مۇئەللىم ، ئەل سىزگە قەلىب تۆرىدىن ئورۇن بەرسە ،سىزنى ئەۋلىيادەك كۆرۈپ ھۈرمەتلىسە ئۆز ئوبرازىڭىزنى خۇنىكلەشتۈرمەڭ. قىلدەك قىيىق كەتكەن قەدىمىڭىز ئەۋلاتلارنىڭ كەلگۈسىدىكى رىقابەتلىك پىلسىرات كۆۋرىكىدىن چۈشۈپ كىتىشىگە سەۋەبچى بۇلار.
سىز مىللىي مەدىنيەتنى ئەۋلات قەلبىگە چەككۈچى،ئىلم-ئىرپان ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى ياراتقۇچى، ئىنسانىي پەزىلىتىڭىز بىلەن ئادەم قىلىپ تەربىيلىگۈچى.
قۇياش مەۋجودلۇقنىڭ سىرىتىنى يورۇتۇپ، جىسىمىنى ئىللىتسا ، مۇئەللىم،سىز ئىنسانىيەتنىڭ قەلبىنى يورۇتۇپ،ئەقىل كۆزىنى ئىچىپ، روھىنى يالقۇنجىتىسىز.
مۇئەللىم، باسقان ئىزىڭىزدىن ھەر دائىم نۇرچاقنىسۇن ئەۋلادقا، ئەقىيدىڭىز باغلانسۇن ئۇلۇغ كەسپىكە ئەبەدكە...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-4 18:49  


mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  227
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1070
تۆھپە : 0
توردا: 119
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-1

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 23:37:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە بۇ  دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە يېتەرلىك قەدىر - قىممەتكە نائىل بولالمايۋاتقان مېھنەتكەش ئوقۇتقۇچىلارنى تەرىپلىگۈچىلەرمۇ ئوخشاشلا قەدىرلىكتۇر!

ھەقىقەت مەشئىلى كۆپ ھاللاردا كۆتۈرگۈچىنىڭ قولىنى كۆيدۈرىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1558
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 447
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 10:51:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى قەدىرلىك ئىنسان،بىراق ئۆز قەدرى قىممىتىنى ئۆزى بىلىشى ھەم قوغدىشى كىرەك،شۇنداق قىلغاندىلا ئىسمى-جىسمىغا لايىق قەدىرلىك ئىنسان بولىدۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش