ھىجران سۆيگەن بەخىت رابىگۈل ئىبراھىم ئاسىم
سېنى سۆيگەن شۇ كۈندىن باشلاپ،ھىجران چۈلىگە پالانغىنىمنى بىلىپ تۇرساممۇ ، ھەر سەھەر تاڭ شەپىقى بىلەن تەڭ ئۈمۈتكە لىق تۇلىدۇ قەلبىم. قۇياشنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ،قىزارغان لالىرەڭ ئۇپۇققا تاقەتسىزلىك بىلەن قاراپ –قاراپ قۇيىمەن. ھەممىگە ھاياتلىق نۇرلىرىنى تۈكىۋاتقان قۇياشتىن سەن بىلەن تەڭ بەھىرلەنگىنىمگە سۆيۈنۈپ قاينام ـ تاشقىنلىققا تولغان يىڭى كۈنىمگە شۇڭغۇيمەن.
«قۇياش ئەزەلدىنلا باشقىلارنى سۆيگەن لىكىن باشقىلاردىن سۆيگۈ تەلەپ قىلىپ باقمىغان» دەر سۆيگۈگە تولغان قەلبىم ماڭا خىتاب قىلىپ.قۇياشنىڭ سېخىيلىق بىلەن چاچقان نۇرلىرىدىن ئەنداز ئالغان ۋۇجودۇم قەيسەرلىشەر. ھىجراننىڭ ئازابلىق موڭلىرى سۆيگۈ ھېسلىرىمغا چاڭگال سالالماس. ھەسرەت ياشلىرىنى سۈرگۈن قىلىۋەتكەنمەن قەلبىمدىن. مەندە قالغىنى پەقەت ھىجراندىن ھاسىل بولغان گۈزەل كۆتۈش، ئوتلۇق سېغىنىش، ئۇلۇغ بىر ئىنتىلىش، يالقۇنلۇق سۆيۈش ئىچىدىكى ئۆزلۈك كۈرىشى.
مۇھەببەتلىك يۈرۈكۈم ھەر سۇقۇشىدا ئىسىمىڭنى زىكرى قىلار. ھەر كۈن مەيىن شاماللارنىڭ ئىللىق ئالقانلىرىغا ئوتلۇق سۆيۈشلىرىمىنى ئاۋايلاپ قۇيۇپ، ساڭا يولايمەن. كۈندە ساڭا سۆيۈلۈش بەختىنى ئەۋەتكىنىمدىن بەخىتلىكمەن.
مەن شۇنداق سۆيۈش مىنوتلىرىنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ، مۇھەببەت سىياھىدا ھاياتىمنى سىزىۋاتىمەن...ئالەمچە سېھىر، تۈگمەس سىرلار يۇشۇرنىغان كۆزلىرىڭدە سىماھىمنى كۆرۈش ئۈچۈن پۈتۈن ئىشتىياقىم بىلەن سېنى سۆيۈشتىن ھاسىل بولغان غەيرىتىمدە بېرىلىمەن خىزمەتكە، ئۆگىنىشكە، ئارمانلىرىمغا.
دائىم تىنىمسىزلىقتىن ھالسىراپ ، سېغىنىشتىن ئۈكسۈپ قالغىنىمدا ،سىماھىڭ ماڭا كۈچ ئاتا لار .
بادام دوپپاڭ قۇندۇزدەك قاپقارا چاچلىرىڭغا ھۆسۈن قۇشقان ، ئارمانلاردىن چاقناپ، بىلىم ئىستىدادىڭدىن نۇر چاقنىغان ئۈتكۈر كۆزۅڭ يىراققا تىكىلگەن ،تاغدەك تىك قەددىڭ بىلەن كۈرەش سىپىدىكى باھادىردەك يەلكىلىرىڭ ئەرلىك مەسئولىيەتنى ئۈستۈڭگە ئالغان سىياقىڭدا كۆز ئالدىمدا زاھىر بولىسەن. نازۇك تېنىمغا پاتمىغان سۆيگۈم بىلەن ئاياللىق ھايا تويغۇمدا ساڭا باقىمەن يىنش-يىنىشلاپ.كۈچلۈك سېغىنىش ھېسلىرىم دۇلقۇنلاپ ، ئوتلۇق لەۋلىرىم بىلەن سىماھىڭنى تاۋاب قىلىمەن.
سېنى بارلىقىم بىلەن سۆيىۋاتقان مىنوتلار ماڭا ئالەمنىڭ گۈزەللىكىنى سوۋغا قىلار. شۇ گۈزەللىك ئىچىدە ئەتراپىمدىكى بىر-بىرىدىن مېھرى ئىسسىق كىشىلەرگە قاراپ تەبەسسوم قىلىمەن كۆزلىرىمدە مېھىلەر چېچىپ.
سىنى سۈيۈشتىن ھاسىل بولغان كۈچ ئۆزەمنى ئىزدەپ بېسىلغان ھەر بىر قەدىمىگە مەدەت بېرىپ، مېنى قايتىدىن ئاپىردە قىلماقتا. قەلبىمدىكى سەندىن يارالغان مۇھەببەت قۇياشى ۋۇجودىمغا ياشلىق ، گۈزەللىك، قەيسەرلىك ، سىرلىقلىق بېغىشلاپ ، خۇلىقىمغا لاتاپەت، قەدەملىرىمگە نىشان ، كۈنلىرىمگە مەنا سوۋغا قىلغان.
قۇياش ئاستا تاغ كەينىگە مۈككىنىدە ئارمانلىرىم ئۈچۈن يالقۇنجاۋاتقان روھىم تەن قەپىزىمنى سۈكۈتكە باشلايدۇ. سۈكۈت ئىچىدە كۆزلىرىمنى قۇياشنى يۈتۈپ كەتكەن تۈن قوينىغا تىكىپ، ئەتىكى قۇياشنى ئىزدەيمەن. قۇياش تۈن قوينىنى يېرىپ ھامان بالقىپ چىقار، كۈتۈشلىرىم ئۆزلۈك ئۈچۈن ماڭغان يوللىرىمىزدىكى ۋىسالنى ئاپىردە قىلار.
كۈندە قەلبىمگە ئۈمىد بىلەن سۆيگۈ سىياھىدا بۈگۈنىمنى يېزىپ مېڭۋاتىمەن. كىملىكىم نۇرلانغان بىر كۈنى قارچوغۇڭدا ئوبرازىمنى كۆرالىسام شۇ مېنىڭ بەختىم . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-5 06:34
|