ئەلۋىدا
(شائىر ئىبراھىم قۇربان ۋاپاتىغا مەرسىيە)
; R9 X. ?, g$ E7 w. v# _2 ~' Z' oمۇختار داۋۇت ئۆزيول
' V: r* B* I8 r S' K- k" b+ d1 {+ gئاھ! ئەجەل يەتتى بۈگۈن قۇربانىغا*،
چارە نە بار كاج پەلەك ئۇۋالىغا.
5 L+ j* n0 S7 n' B
مۆلجەر تېغى مۇسىبەتتە ئەگدى باش،
چىدىيالماي يىغلىغان ئەل زارىغا.
" d. u& n- T% Bئىشقى يالقۇن شائىرىمىز كەتتى دەپ،
توۋلىدۇق بىز دوست-ياران، جانانىغا.
1 H0 Y+ d+ H G+ D6 Q+ rئورنىدىن دەس تۇرغىنىدا «يەتتە قىز»*
بوزلىدى ئاسمان-زېمىن ئاھ-زارىغا.
* p, _: Q1 z' h& b0 ~
چىدىغايمۇ تەگسە ئۈششۈك بىتۇيۇق،
ئاشىقى-شەيدالىرى گۈلزارىغا.
$ S8 h# m( C: u3 `8 x/ L
ئۇ مېڭىپ كەلگەن تالاي يىل ياندىشىپ،
شېئىرىيەت بوستانىنىڭ ئۇدارىغا.
* W. J: ?8 R* T" w! G& R) m, P7 g
«تەڭرىتاغ»دىن ئىزدىگەن «پەرىشتە»* نى،
كۈي قېتىپ بۇلبۇل بولۇپ ئىزھارىغا.
' H; ?; s5 W. o8 q W
پۈتكىنى نەزمە ئىدى ئەل قەلبىگە،
سازلىۋالدى نەغمىكەش دۇتتارىغا.
. X7 g8 q: S: ~- jقانچە ئاشىق يادلىشىپ، شۇ نەزمىدىن
قەترىلەرنى سۇنغىنى راست يارىغا.
" c- ?, E& H/ mئايلىنىپ كەتكەنىدى سۆيگۈ بىلەن،
قۇرلىرىنىڭ ئاشىقى-ھەمكارىغا.
0 x$ |* ?" \! l. C! t: xساددا خۇي-پەيلى بىلەن پاكىز ياشاپ،
ھېچ ئەيىپ تەگكۈزمىگەن ۋىجدانىغا.
. W/ F3 \" ^, `; n) P' e( nبار ئىدى كۆڭلىدە نۇرغۇن ئويلىغان،
بۇ ئەجەل يەتكۈزمىدى ئارمانىغا.
2 s4 w9 j0 P4 c) S% ]9 |ئەلۋىدا دەپ ياشلىدى ئۆزيولمۇ كۆز،
ئېھتىرام بىرلە قاراپ داستانىغا!....
2013-يىل3-ئاۋغۇست،ئۇچتۇرپان
2 b( w# c) p3 l/ D
( A2 d1 s V+ E- `' a& z *خەلقىمىزنىڭ ھارماس كۈيچىسى، مۆلجەرتاغ دىيارىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ـــ شائىر ئىبراھىم قۇربان 2013-يىل 8-ئاينىڭ 3-كۈنى (شەنبە) ئۇچتۇرپاندىكى تۇرالغۇسىدا كېسەللىك سەۋەبى بىلەن مەڭگۈلۈككە كۆز يۇمدى.
**مەرھۇم شائىرنىڭ «يەتتە قىزلىرىم» ۋە «تەڭرىتاغ پەرىشتىلىرى» ناملىق داستانلار توپلىمى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۆزيول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-19 09:54
3 U. J, @2 h. R0 @- |% Z) f& J$ n) h- K" \