ئەلۋىدا
(شائىر ئىبراھىم قۇربان ۋاپاتىغا مەرسىيە)
t+ ]( y- n4 j" f5 ^! c2 Dمۇختار داۋۇت ئۆزيول
% b, v: J Y' h( {0 T. Hئاھ! ئەجەل يەتتى بۈگۈن قۇربانىغا*،
چارە نە بار كاج پەلەك ئۇۋالىغا.
0 O6 p6 @" ~3 Q- q6 F$ bمۆلجەر تېغى مۇسىبەتتە ئەگدى باش،
چىدىيالماي يىغلىغان ئەل زارىغا.
, l* |1 c X( F
ئىشقى يالقۇن شائىرىمىز كەتتى دەپ،
توۋلىدۇق بىز دوست-ياران، جانانىغا.
; s% q' O2 B; @% V
ئورنىدىن دەس تۇرغىنىدا «يەتتە قىز»*
بوزلىدى ئاسمان-زېمىن ئاھ-زارىغا.
2 T6 l% E0 T; B6 ?
چىدىغايمۇ تەگسە ئۈششۈك بىتۇيۇق،
ئاشىقى-شەيدالىرى گۈلزارىغا.
0 Y% l% O( `! L# N: |. Y2 aئۇ مېڭىپ كەلگەن تالاي يىل ياندىشىپ،
شېئىرىيەت بوستانىنىڭ ئۇدارىغا.
O0 C& |& G7 w' l«تەڭرىتاغ»دىن ئىزدىگەن «پەرىشتە»* نى،
كۈي قېتىپ بۇلبۇل بولۇپ ئىزھارىغا.
7 A1 N! ~4 s+ T- K# Y" u' d
پۈتكىنى نەزمە ئىدى ئەل قەلبىگە،
سازلىۋالدى نەغمىكەش دۇتتارىغا.
8 n; x; D" ^% l+ B* B1 V/ p
قانچە ئاشىق يادلىشىپ، شۇ نەزمىدىن
قەترىلەرنى سۇنغىنى راست يارىغا.
' }5 k$ Y8 C- }; \6 x! l
ئايلىنىپ كەتكەنىدى سۆيگۈ بىلەن،
قۇرلىرىنىڭ ئاشىقى-ھەمكارىغا.
' r, ?( f6 M0 wساددا خۇي-پەيلى بىلەن پاكىز ياشاپ،
ھېچ ئەيىپ تەگكۈزمىگەن ۋىجدانىغا.
. q$ {5 y: E9 c. @
بار ئىدى كۆڭلىدە نۇرغۇن ئويلىغان،
بۇ ئەجەل يەتكۈزمىدى ئارمانىغا.
% y* t0 }$ Q% F1 {1 ~# j Z3 R! |ئەلۋىدا دەپ ياشلىدى ئۆزيولمۇ كۆز،
ئېھتىرام بىرلە قاراپ داستانىغا!....
2013-يىل3-ئاۋغۇست،ئۇچتۇرپان
- K; r% b, p4 j) U7 ? `/ |
) S, X# R m# s( e *خەلقىمىزنىڭ ھارماس كۈيچىسى، مۆلجەرتاغ دىيارىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ـــ شائىر ئىبراھىم قۇربان 2013-يىل 8-ئاينىڭ 3-كۈنى (شەنبە) ئۇچتۇرپاندىكى تۇرالغۇسىدا كېسەللىك سەۋەبى بىلەن مەڭگۈلۈككە كۆز يۇمدى.
**مەرھۇم شائىرنىڭ «يەتتە قىزلىرىم» ۋە «تەڭرىتاغ پەرىشتىلىرى» ناملىق داستانلار توپلىمى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۆزيول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-19 09:54
3 B) R: I8 V& `1 z9 l8 K; c' u/ Y' ~# x5 q