كۆرۈش: 159|ئىنكاس: 2

ئەقىدە ھەققىدە رىۋايەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  830
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 736
تۆھپە : 0
توردا: 122
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 14:24:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەقىدە ھەققىدە رىۋايەت

سۆزلەپ بېرەي مەن بىر ھېكايەت،
ئەجدادلاردىن قالغان تەۋەرۈك.
قۇلاق سېلىپ يۈرگۈزۈڭ پىكىر،
بولسا سىزدە ئەقىدە بۈيۈك.
*             *            *
تەكلىماكان - قەدىمكى جاڭگال،
ماكان ئىكەن ھايۋانات-قۇشقا.
ياشايدىكەن بۇندا بىر ئوۋچى،
كۆنۈپ قالغاچ شۇنداق تۇرمۇشقا.

ئۆتەر ئىكەن كۈنى ئوۋ بىلەن،
چېچىۋەتكەچ رىسقىنى ئىگەم.
بىخەۋەركەن پانىي دۇنيادىن،
ياشايدىكەن ئۇ شۇنچە بىغەم.
  
يېمەكلىكى گۆشسىز ئەمەسكەن،
سېلىنچىسى ئىكەن كۆك قۇملۇق.
يېپىنچىسى ئىكەن كۆك ئاسمان،
ۋۇجۇدىدا يوق ئىكەن شۇملۇق.
  
ئىچىملىكى شورتاڭ سۇ ئىكەن،
ئۆزى كولاپ يەردىن چىقارغان.
شۇنچە بەتتام بولسىمۇ، لېكىن-
لەززەت ئىكەن، يۈرەك ياشارغان.

كۈنلەر ئۆتۈپ تەكلىماكاندا،
يېغىپتۇمىش چېلەكلەپ يامغۇر.
ئوۋچى بۇدەم يىراقتا ئىكەن،
پۇت-قولىدا قالماپتۇ ماغدۇر.

ياغقان يامغۇر توختىماستىن ھېچ،
داۋام قىپتۇ بىر كېچە-كۈندۈز.
قونالغۇغا قايتالماي ئوۋچى،
شۈمشىيىپتۇ-ساناپتۇ يۇلتۇز.
  
ئەتىگەندە ئېچىلىپ ھاۋا،
ئوۋچى خۇشال چىقىپتۇ يولغا.
ئاچ قورساقلا بارخانلار ئارا،
نەزەر سېلىپ ئوڭغا ھەم سولغا.
  
كېتىپ بارسا ئۇچراپتۇ ئاڭا،
يامغۇر سۈيى يىغىلغان كۆلچەك.
ئاچ ھەم ئۇسسۇز ئوۋچى شۇ تاپتا،
خۇشاللىقتىن ئېتىپتۇ تېپچەك...

ئىچىپتۇ ئۇ سۇنى ئوچۇملاپ،
گاھىي قانماي، ھەتتا دۈم يېتىپ.
ھەيھات، بۇ سۇ شۇنداق سۇ ئىكەن،
ئاڭا بەكمۇ كېتىپتۇ تېتىپ.
  
ئويلاپ قاپتۇ ئوۋچى شۇ دەمدە،
«لەززەت بارمۇ بۇنىڭدىن ئارتۇق؟
سوۋغا قىلىپ پادىشاھىمغا-
خەزىنىدىن ئالايچۇ تارتۇق»...
  
شۇ ئوي بىلەن يامغۇر سۈيىنى،
تولدۇرۇپتۇ كىچىك قاپاققا.
تەييارلىقنى پۈتتۈرۈپ پۇختا،
«يا رەببىم» دەپ جۆنەپتۇ ئاستا.
  
قىرىق كېچە-كۈندۈز يول مېڭىپ،
يېتىپ كەپتۇ ئوۋچى شەھەرگە.
شاھ ئوردىسى ئالدىغا يېتىپ،
كەپتۇ قۇتلۇق بىر تاڭ سەھەردە.

جۇلدۇر كېپەن، قولىدا قاپاق،
كەپتۇ ئوۋچى ئۇشبۇ سىياقتا.
چاپارمەنلەر سوراپتۇ ئۇندىن:
ئەي قەلەندەر، مەنزىل قاياققا؟

تەمتىرىمەي ئېيتىپتۇ ئوۋچى:
«شاھىم بىلەن كۆرۈشتۈر مېنى،
ئاڭا كاتتا سوۋغات ئەكەلدىم،
كىرگۈزىۋەت ئىچىگە قېنى؟»...

ئىشەنمەستىن چاپارمەنلەر ھېچ،
قايتۇرماقچى بوپتۇ ئىتتىرىپ.
شۇ ھامانلا بىرسى ئەھۋالنى،
مەلۇم قىپتۇ شاھقا تېز بېرىپ.
  
«كىرگۈزۈڭلار!» ئەمىر قىپتۇ شاھ،
چاپارمەنلەر يالاپ كىرىپتۇ.
«نېمە سوۋغا ئەكەلدىڭ قېنى»
ئوۋچىدىن شاھ شۇنداق سوراپتۇ.
  
سالام قىپتۇ ئوۋچى جاۋابەن،
دەپتۇ: «شاھىنشاھىم بول ئامان.
دۆلىتىڭىز زىيادە بولغاي،
تاكى مەشرىق-مەغرىپلەر تامان.
  
ئېلىپ كەلدىم كاتتا ئۇسسۇلۇق،
ئۆمرىڭىزدە ئىچىپ باقمىغان.
سىزنى ئويلاپ سىقىلدى گېلىم،
مەندىن ئۆزگە تېتىپ باقمىغان»
  
ئاڭلاپ ئوۋچى سۆزىنى بۇ شاھ،
مىيىقىدا كۈلۈمسىرەپتۇ.
تەبەسسۇمدا خۇشھاللىق بىلەن،
«ئەكەل قېنى سوۋغىنى» دەپتۇ.
  
ئالتۇن جامغا قۇيۇپ مۇلازىم،
ئۇزىتىپتۇ ئۇنى شاھىغا.
دوغ سۇ دېمەي ئىچىپتۇ شاھمۇ،
شۇ ئوۋچىنىڭ بېقىپ رايىغا.

  ھەممە سۈكۈت ئىچرە تۇرۇپتۇ،
غەزەپ قىلار ئەمدى شاھىم دەپ.
شۇ ئوۋچىغا ھەممە قاراپتۇ،
ئەھۋالىدىن خەۋپ-ۋايىم يەپ.
  
كۈتۈلمىگەن ئىش بولۇپ شۇئان،
خۇشاللىقتىن چاۋاك چاپتۇ شاھ.
تەكلىپ قىپتۇ ئوۋچىنى تۆرگە،
ئېھتىرامدا تۇرۇپتۇ ئۇ گاھ.

مېھمان قىپتۇ يەتتە كۈن ئۇنى،
بەكمۇ كاتتا نازۇ-نېئمەتتە.
يۈكلەپتۇ بېرىپ قىممەتلىك ئالتۇن،
نەچچە ئاتلىق، ئەشۇ پۇرسەتتە.
  
شاھ يېنىدا ئىشرەتتە بوپتۇ،
ئوۋچى شۇنداق مەئىشەت سۈرۈپ.
بىر كۈنى شاھ ئوۋچىغا دەپتۇ:
«دەريالارنى بېقىڭچۇ كۆرۈپ»
  
شاھ ئوردىسى كەينىدە دەريا،
ئاقار ئىكەن زۇمرەت چاچرىتىپ.
كۆرۈپ ئوۋچى شۇ ھالنى شۇدەم،
كەپتۇ سۇنى باققۇسى تېتىپ.

ئىچكەن ئىكەن ئۇچۇملاپ سۇنى،
پاھ-پاھ، تامشىپ كېتىپتۇ بەكلا.
«ھەسەلمۇ بۇ، ۋەياكى زەمزەم،
ئەمدى مەن بىر قارا يۈز، رەسۋا...»
  
شۇ ئوي بىلەن بېشىنى تۆۋەن-
ئېگىپ كەپتۇ شاھنىڭ ئالدىغا.
سوۋغىتىم دەپ دوغ سۇنى بۇياق،
ئەكەلگىنى يېتىپ يادىغا.

سوراپتۇ شاھ: «خۇشلۇقۇڭ قېنى،
چۈشۈپتۇغۇ بېشىڭ تۆۋەنگە؟
سوۋغاڭ ئاددىي، ئەقىدەڭ بۈيۈك،
ھېساب ئەمەس بۇلار ئىۋەنگە!»
*                *                *
بولدى بەس  قىپ، توختايمەن ئەمدى
تەپەككۈر قىپ يېتىڭ تېگىگە.
بولمىسا گەر  ئەقىدە بۈيۈك،
مەۋجۇدلۇقۇڭ ھېساب نېمىگە؟



مەنبە:

(ئاڭلىغان بىر رىۋايەتكە ئاساسەن يېزىلدى)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.توختى سەببەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-3 14:28  


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2006
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 373
تۆھپە : 0
توردا: 98
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 17:34:14 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Yahxi yezipsiz  yana bir tahrerlap bakkan bolsgez

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1908
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5639
تۆھپە : 8
توردا: 404
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-9 09:46:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش