كۆرۈش: 215|ئىنكاس: 2

زوردۇن سابىرنىڭ « خىرە دېرىزە » ناملىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1159
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 164
تۆھپە : 0
توردا: 19
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 17:29:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

زوردۇن سابىرنىڭ « خىرە دېرىزە » ناملىق پوۋېسىتىنى ئوقۇپ


مۇيىياڭ

(ئابدۇرېشىت ئوسمان تەرجىمىسى)


مەن « خىرە دېرىزە » گە قاراپ خىيال سۈرىۋاتىمەن. مەيىن شامال قويۇق مىللىي تۇرمۇش پۇرىقى ۋە مىزىلىك كاۋاپ ھىدىنى دىماققا ئۇرماقتا. بۇ ئەسەردە جانلىق، ئوبرازلىق، يۇمۇرىستىك بايان ۋە دىئالۇگلار ئۆزگىچە تەپەككۇر ۋە قىزغىن ھېسسىيات بىلەن زىچ باغلانغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرگە بۇ ئەسەرنى پەقەت شۇ مىللەت يازغۇچىسىلا يازالايدىغاندەك تەسىرات ئاتا قىلىدۇ.
35 مىڭ خەتلىك بۇ ئەسەر قارىماققا ئانچە ئۇزۇن كۆرۈنمىسىمۇ، ئوقۇش جەريانىدا پات - پاتلا ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى قوزغايدۇ. مودا سۆز - جۈملىلەرنى ئىشلىتىش جەھەتلەردىن بۇ ئەسەرنى باشقا يازغۇچىلارنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ئەسەرلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندىمۇ، ھەتتا خەنزۇلارنىڭ داڭلىق يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندىمۇ خېلى ياخشى يېزىلغان ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنداقتا، يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسى تەرەپتىن ئېيتقاندىچۇ ؟ شۇنداق ئويلاپ باقساق ئەسەرنىڭ ھەجىمى بىلەن سەھىپىسىنىڭ بىر - بىرىگە تولىمۇ ماس كېلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز.
قويۇق مىللىي پۇراق ۋە قايناق ھېسسىيات چوقۇم شۇ مىللەت يازغۇچىلىرى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغاندا كەم بولسا بولمايدىغان شەرت. بۇنداق شەرت ۋە تەلەپنى كۆپلىگەن يازغۇچىلار ئۇرۇندىيالايدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر پروزا ئىجادىيىتى سەۋيىسىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان زوردۇن سابىر ئەنە شۇنداق يازغۇچىلارنىڭ بىرى. بىز كۆپ ھاللاردا يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەم قويۇپ، قۇسۇر ئىزدەش نەزىرى بىلەن باھالايمىز. بىز ئەڭ ياخشىسى ئادىل، ھەققانىي پرىنسىپ بويىچە باھالىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئۇ يازغۇچى ۋەكىللىك قىلغان شۇ مىللەتنىڭ پروزا ئىجاديىتىگە پايدىلىق.
بۇ پوۋسىتتا ئىسراپىل ئىسىملىك بىر بۇۋاي كونا ئۆيدە ئولتۇرىدۇ، ئەتراپتا باشقا كونا ئۆيلەر يوق، بۇ ئۆي ئىككى بىنانىڭ ئارلىقىغا جايلاشقان. شەھەر مۇھىتىنى باغچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلۇش ئىدارىسى بۇ ئۆيگە يۇقىرى تۆلەم ھەققى بېرىپ چاقماچقى بولىدۇ. بۇ ئۆينىڭ ئورنىغا گۈللۈك ياساپ، ئۆي ئىگىسى ئىسراپىل بۇۋاينى شۇ گۈللۈككە ئىش ھەققى بېرىپ قاراتماقچى بولىدۇ، يېقىن ئەتراپتىكى ئائىللىكلەر بىناسىنىڭ 2 - قەۋىتىدىن ئۆي بەرمەكچىمۇ بولىدۇ، بىراق ئىسراپىل بۇۋاي « ئويلىنىش » نى باھانە قلىپ، بۇ كونا ئۆيدىن زادى كۆچمەيدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ بۇ ئۆيدە ئولتۇرغىنىغا 50 نەچچە يىل بولغان بولۇپ، بۇ ئۆي ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن. شەھەر باشلىقىمۇ ئالايتەن ئىسراپىل بۇۋاينى يوقلاپ كىلىپ، كۆچۈپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ، بىراق ئىسراپىل بۇۋاي تۈرلۈك باھانە – سەۋەب كۆرسىتىپ بۇ ئۆيدىن كۆچمەيدۇ. تېخى بۇ كونا ئۆينى رېمۇنت قىلىپمۇ ئۈلگۈرىدۇ. چۈنكى ئىسراپىل بۇۋاي شەھەر باشلىقىنىڭ ئۆزىنى بۇ ئۆيدىن مەجبۈرىي كۆچۈرەلمەيدىغانلىقىغا، بۇنداق قىلىشقا قانۇننىڭمۇ يول قويمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.
بۇ ئەسەردە بايان قىلىنغان ئارقا كۆرۈنۈشلەرگە قارىغاندا يازغۇچى ئىسلاھات بىلەن ئەنئەنىۋىلىك، يېڭى مەدەنىيەت بىلەن كونا مەدەنىيەت ئېڭى، دۆلەت مەنپەئىتى بىلەن شەخسى مەنپەئەت ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت - توقۇنۇشنى يېزىپ، بۇ ئىشنى مۇرەككەپ بولغان مىللىي سىياسەت ۋە ھېسسىياتنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا سۇنغان ئىدى. ئەگەردە ئەسەر مۇشۇ يۆنىلىش بىلەن راۋاجلانغان بولسا، ئەسەر مۇۋاپپىقيەتلىك بولغان بولاتتى. ئومۇمنىڭ مەنپەئىتى ۋە شەھەر مۇھىتىنىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈن شەھەر باشلىقى ئىسراپىل بۇۋاينى ھامان كۆچۈرەتتى. ئىسراپىل بۇۋايمۇ ئالدىراپ بۇ ئۆيدىن كۆچمەيتتى، نەتجىدە ئوت بىلەن سۇ چىقىشالمىغاندەك يېڭى زىددىيەتلەر تۇغۇلاتتى. ئەپسۇس، يازغۇچى ئۆتكۈر ئىجادىيەت كەتمىنى بىلەن بۇ بايلىق كانىنى چوڭقۇرلاپ قېزىشتىن ۋاز كېچىدۇ، يازغۇچى گەرچە ياخشى تېمىنى تۇتۇۋالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تېمىغا چوڭقۇرلاپ كېرەلمىگەن. جاپادىن قۇتۇلۇش، زىددىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشتەك ئۇسۇللار بىلەن زىددىيەت – توقۇنۇشنى ئاسان ھەل قىلغان. ئەسەردىكى شەھەر باشلىقى ئەسەردىن غايىپ بولىدۇ. زىددىيەت – توقۇنۇشنىڭ يىپ ئۇچى ئۇزۇلىدۇ. بۇ ئەسەرنىڭ كۆپ قىسمى باش پېرسۇناژ ئىسراپىل بۇۋاينىڭ ئۈچ قوشنىسى ئوتتۇرسىدىكى ھەر خىل مۇناسىۋەت ۋە ئۇلارنىڭ باي بولۇش ئۈچۈن قوللانغان ھەر خىل ۋاستىلىرىنى نۇقتىلىق ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. يەنى ئۆي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابلەتنىڭ شەخسىيەتچىلىكى، قانۇنسىز قىلمىشلىرى، باش پېرسۇناژ ئىسراپىل بۇۋاينىڭ مۇرەككەپ ئائىلە ئەھۋاللىرى تەسۋىرلىنىدۇ. ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا ئىسراپىل بۇۋاينىڭ كونا ئۆينىڭ چىقىلغانلىقىدەك نەتىجە بىلەن ئەمەس، بەلكى كىچىك دۇككان ئاچىدىغان قوشنىسى قۇدىرەت ئاخۇننىڭ ئىسراپىل بۇۋاينى بوزەك قىلىپ، ئۇنى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۇرۇپ قويغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئىسراپىل بۇۋاي ئاخىرى ئۆينى چېقىش ئارقىلىق قۇشنىلىرىنى كۆچۈرۋەتمەكچى بولىدۇ، بىراق ئۆزى كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئوغلى مىركامىل ئاخىرى ئۆينى چاقىدۇ، ئەسەردە ئادالەتسىزلىك ۋە مال – دۇنياغا ھەددىدىن زىيادە بېرىلىشنى تەنقىد قىلىپ، ئىسراپىل بۇۋايدىن ئىبارەت بۇ پېرسۇناژنىڭ تراگېدىيىلىك تەقدىرىگە ئېچىنغان.
ئەسەرنى مۇشۇنداق يېزىش گەرچە كونىراق شەكىل بولسىمۇ، ئەمما رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئىسلاھات بىلەن ئەنئەنىنىڭ زىددىيتىنى ئەسەرگە ئارقا كۆرۈنۇش قىلىدۇ ؟ بۇ ئارقا كۆرۈنۇش بولمىسا، ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ۋە ھېكايىچانلىقى گەۋدىلەنمەمدۇ ؟ ئاپتۇر ئەسەرنى يېزىشتىن بۇرۇن ئىپادىلىمەكچى بولغان ئوبېيكىتنى چىڭ تۇتالىغانمۇ – يوق ؟ ياكى قارىغۇلارچە خىيالىغا نېمە كەلسە شۇنى ئىپادىلىگەنمۇ ؟ ياكى قېيىنچىلىقتىن، زىددىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرغانمۇ ؟
ئەسەردىكى پېرسۇناژ پۈتۈنلەي تېپىكلەشتۈرۈلگەن ئوبراز ئەمەس، بۇ خىل پېرسۇناژ يازغۇچىنىڭ باشقا ئەسەرلىرىدە ياكى باشقا يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە كەم ئۇچرايدۇ. ئەسەردە ئىسمىمۇ تىلغا ئېلىنمىغان شەھەر باشلىقى ئوقۇرمەنلەردە ياخشى تەسىر قالدۇرغان. بىر نەچچە دىئالوگ ۋە قىسقا ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق ئۇ پېرسۇناژنىڭ پرىنسىپچان، سەزگۈر، سىياسىلىققا مايىل، خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلىگەن. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، شەھەر باشلىقى بىر يىپ ئۇچى تۇرۇقلۇق، كېيىن ئەسەردە قايتا تىلغا ئىلىنمايدۇ. بۇنداق تەسۋىرلەش ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ ؟ شەھەر باشلىقىنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى يارىتىش ئارقىلىق بۇ ئۆي چىقىش ۋەقەسىنى يورۇتۇپ بەرگىلى بولامدۇ؟ ئەسەردىكى شەھەر باشلىقىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم پېرسۇناژ يازغۇچى قەلىمى ئاستىدا بولسىمۇ بولىدىغان، بولمىسىمۇ بولىدىغان ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. ئەمەلىي تۇرمۇشتا شەھەر باشلىقىنىڭ ئۆزى كىشلەرنىڭ ئىشىكىگىچە بېرىپ، ئاددىي بىر شەھەر پۇقراسىدىن ئۆي كۆچۈشنى تەلەپ قىلىش ئانچە كۆپ كۆرۈلمەيدۇ. ئەسەردىكى زىددىيەت – توقۇنۇش باشتىن – ئاخىر ئۆي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابلەت بىلەن ئىسراپىل بۇۋاي ئوتتورىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە شۇنداقلا ئىسراپىل بۇۋاي بىلەن ئۇنىڭ ئايالى ھاشىخان، قىزى سانىخان ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مەسىلىلەردىن راۋاجلانغان.
ئاپتۇر بۇ ئەسەردە ئوقۇرمەنلەرگە ئىسلاھاتنىڭ مۇقەررەرلىكىنى، ئۇنىڭ چوڭ يۈزلىنىش ئىكەنلىكىنى، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىدىكى ئەنئەنىۋى، كونا ئاڭنىڭ ئاسان يوقالمايدىغانلىقىنى، بىراق جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدىغانلىقىدەك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرغان.
ئەسەردە ئىسراپىل بۇۋاي بىلەن ئايالى ھاشىخان ۋە قىزى سانىخان ئوتتۇرسىدىكى نازوك مۇناسىۋەت پۈتۈنلەي ماسلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ خىل قورۇلما ئەسەر سىيۇژىتنىڭ قانات يايدۇرۇلىشى ۋە پىرسۇناژ ئوبرازىنىڭ يارىتىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئەسەرنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقى ئالاھىلىكىنى تىخىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئىسراپىل بۇۋاي دەسلەپ ئايالى ھاشىخان ۋە قىزى سانىخاننى ئېتراپ قىلمايدۇ. ئاپتور ئىسراپىل بۇۋاينى ئەنسىرەش ۋە ئازاپقا دۇچار قىلىدۇ. بۇ نوقتىنى ئاپتور ئىسراپىل بۇۋاي بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى مىركامىلنىڭ دىئالوگى ئارقىلىق يورۇتۇپ بەرگەن.
ـــ بىلگىڭ بارمۇ؟ دادا، - دىدى ئوغلى بىر پەستىن كېيىن، - ھاشىخان ئانام ماڭا ھەممىنى دىدى.
ـــ نېمىنى دىدى؟
ـــ سەن بىزدىن يوشۇرۇپسەن!
ـــ سەن ئۇنى ئانا دەپ چاقىردىڭمۇ؟ توغرا، سەن ئونى ئانام دىيىشىڭ كېرەك.
ـــ بىراق مېنىڭ ئەزەلدىنلا ئانام يوق !
يۇقارقى دىئالۇگدىن كۆرېۋىلىشقا بولىدىكى، ئىسراپىل بۇۋاينىڭ ئەنسىرىگىنى دەل ئۇنىڭ ئۈمىد، ئارزوسى ئىدى. ئوغلى مىركامىل ھاشىخاننى ئانا دىيىشتىن نومۇس قىلمايدۇ، بىراق ئۆز ئانىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن قاتتىق ئازاپلىنىدۇ. چۈنكى مىركامىلنىڭ ئۆز ئانسىنىڭ ئۆلۈمى ئىسراپىل بۇۋاي بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مىركامىل بىلەن ئىسراپىلنىڭ نەۋرە قىزى ئابىدىخاننىڭ مۇھاببىتىگە بېرىپ چىتىلىدۇ. ئىسراپىل بۇۋاي ئوغلىغا ھەقىقى ئەھۋالنى ئىيتىمىسا بولمايتتى. چۈنكى بۈگۈنكى دەۋىر ياشلارنىڭ مۇھەببەت، نىكاھ ئىشلىرىغا ئۈچىنچى بىر كىشىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىغا يۇل قويمايدۇ. بۇنى ئىسراپىل بۇۋايمۇ ئىنىق بىلىدۇ، ئىسراپىل بۇۋاي دائىم « ئەگەر ئۇلار ئوتتۇرىسىدا مۇھەببەت ھىسسياتى شەكىللەنسە مېنىڭ ئاللاھ ئالدىدا گۇناھىم تېخىمۇ ئېغىرلايدۇ» دەپ ئويلايدۇ. ئوغلى مىركامىل ھەقىقى ئەھۋالنى بىلگەندىن كىيىن ئىسراپىل بۇۋاي ئوغلىغا :
ـــ مەن بۇ ئىشلارنى ساڭا ئازاپ ئېلىپ كەلمىسۇن دەپ يۇشۇرغان، - ئىدىم دەيدۇ. ئىسراپىل بۇۋاي ئوغلى مىركامىل بىلەن نەۋرە قىزى ئابىدىخاننىڭ ئوتتۇرسىدىكى قىرىنداشلىق مۇناسىۋەتنىڭ تاغىسى بىلەن جىيەنى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىكەنلىكىنى ئىيتسا ئوغلىغىلا ئەمەس، نەۋرە قىزىغىمۇ ئازاپ ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ!؟ بۇ خىل لوگىكىلىق تەپەككۇر كىشىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ. ئىسراپىل بۇۋاي ئۆزىنىڭ تۇغقىنىنى ئىتراپ قىلماسلىقىنى سانىخانغا قىلغان ئىقتىسادى بېسىمىنى نېمە دىگۈلۈك. ئۇنىڭ شۇنچە كۆپ پۇلى بار تۇرۇقلۇق قىزى سانىخان يۈز يۈەن ئۈچۈن قۇدرەت ئاخۇن بىلەن زورىخان قاتارلىقلارنىڭ ئازاپلىغانلىقلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ئاڭلىماسلىققا سىلىۋالىدۇ. سانىخاننىڭ خىزمەت تېپىش ئۈچۈن قاتىراپ يۈرگەنلىكىنى بېلىپ تۇرۇپ بىلمەسلىككە سىلىۋالغانلىقىنى قانداق چۈشەنگۈلۈك. بۇ ۋەقەلەر ئاپتورنىڭ قەلىمى ئاستىدا ئىنتايىن ماھىرلىق بىلەن تەسۋىرلەنگەن.
ئەسەرنىڭ ماۋزوسى « خىرە دېرىزە » بولۇپ، سيۇژىت راۋاجىدا كۆپ قىتىم دېرىزىنىڭ خىرەلىكى تىلغا ئېلىنغان. مەسىلەن، « سانىخاننىڭ ھازىرقى ھالىتى خىرە دېرىزىگە ئوخشاش »، « مەن دېرىزىنىڭ بارغانسىرى خىرەلىشىۋاتقانلىقىنى، كاللامنىڭ چارچاپ، كۆزۈمنىڭ خىرەلىشىۋاتقانلىقنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندەك بولدۇم، مېنىڭ دېرىزەم خىرەلەشمەكتە، تەپەككۈرۇم قالايىمقانلاشماقتا. ....» بۇ بايانلار ئەسەر ماۋزوسىنى تېخىمۇ ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈپ بىرىدۇ.
بىز بۇ « خىرە دېرىزە » دىن « دېرىزىدىكى خىرەلىك » نى كۆرىۋالدۇق. يازغۇچىنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىنى، پىرسۇناژ ئوبرازىنى يارىتىشنى، سيۇژىت ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئەسەر قورۇلما ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.
بىز زوردۇن سابىرنى ھازىرقى زامان ھايات نەسىردىن ئەپەندىگە ئوخشىتىمىز. ئەسەر ھەقىقەتەن ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەت دولقۇنغا ئوخشايدۇ. يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭلا ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ئەمەلىيەتتە بەزى يازغۇچىلار ياخشى ئەسەردىن بىر، ئىككىنى يېزىپ قويۇپلا يوقاپ كېتىدۇ. زوردۇن سابىر زېھنى قۇۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان يازغۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى« تارىم » ژورنلىنىڭ 1991 - يىللىق 6 - سانىدا ئىلان قىلىنغان. زوردۇن سابىر ئۆز ئەدەبىي ئىجادىيىتىدە نۇرغۇن ياخشى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان. مەن ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى يازالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. يازغۇچى كەسپى ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىپ، ياخشى ئىجادىيەت ئىستىلىنى جارى قىلدۇرسىلا، ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسەتسىلا ئىجادىيەت دېڭىزنىڭ دولقۇنلىرى ئىچىدە تاۋلىنىپ بايراقدار يازغۇچى بولالايدۇ.

(خەنزۇچە « مىللى يازغۇچىلار » ژورنىلىنىڭ 1992 - يىللىق 3 - سانىدىن تەرجىمە قىلىندى )


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-2 18:16  


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  141
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 274
تۆھپە : 0
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 18:44:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       زوردۇن سابىر تەتقىقاتىغا كۆپ كۈچ سەرپ قىلىۋاتىسىز مۇئەللىم! سىزنىڭ تەۋرەنمەس ئەقىدە بىلەن ئىزدىنىش روھىڭىزنى ئۈلگە قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
     ئوبزورنىڭ ئۆزىگە كەلسە: مەنچە، بۇ ئوبزوردا زامانننىڭ چەكلىملىكى مانا مەن دەپلا بىلىنىپ قاپتۇ. ئۇ پوۋېستنى كونا ئەندىزە، كونا قاراش بىلەن تەھلىل قىپتۇ. بەلكىم بۇ ئوبزور 90-يىللارغا نىسبەتەن يامان ئەمەس ئوبزور ھېساپلىنىشى مۇمكىن. ئەمما، بۈگۈننىڭ ئۆلچىمى بويىچە قارىغاندا لاياقەتسىز ئوبزور دېيىشكە بولىدۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1729
يازما سانى: 876
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2057
تۆھپە : 10
توردا: 496
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئاسىيا كىندىكى» دىكى  تەرجىمىڭىزمۇ ياخشى چىقىپتىكەن.

يىگىت يۈرىكى مىسلى كائىنات،
سىغار ئۇنىڭغا جىمى مەۋجۇدات.
                       -ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش