يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 943|ئىنكاس: 22

قاسىم سىدىق:ساقلانغىنى بولمايدىغان بىر مۇقەررەرلىك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ساقلانغىنى بولمايدىغان بىر مۇقەررەرلىك

قاسىم سىدىق

مۇبادا ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە مەۋجۆت دەپ پەرەز قىلىش ئورۇنلۇق بولسىلا، بۇ ھالدا نىيوتۇنچە مۇتلەق ،جىم ۋە چەكسىز بولغان ھەقىقى بوشلۇقنى ئىتراپ قىلماي چارە يوق.
ئىككىنجى قەدەمدە،ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچىلەر ئۆزىدىن كۈچ ئۇزاتقۇچى زەررىچە قويۇپ بەرمەيدىغانلىغى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ تۆزۆلۆشكە ئىگە زەررىچىلەرنى شەكىللەندۆرىشى ئۈچۈن بۇ ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچىلەرنىڭ ئۆزى سىتىخىيىلىك ھالدا ئەگرى ھەركەت قىلىدۇ دىمەي چارە يوق.
بۇنداق سىتىخىيىلىك ھەركەتنىڭ كونكىرىت سەۋەبى ئۆستىدە ئىزدىنىش، 29-41-تىئورمىلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ ئاساسىدۇر.مەندىن باشقا ھەرقانداق بىر كىشىمۇ «ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە مەۋجۆت»دىگەن تەپەككۆرنىڭ مەنتىقى رىۋاجىدىن بۇ ئىككى تىئۇرمىغا ئىرىشەلەيدۇ.بۇنىڭدىن باشقا تاللاشمۇ يوق.بۇ بىر مۇقەررەرلىك.

دىمەك، بۇ ئىككى تىئورمىغا ئالاقىدار بارلىق تالاش -تارتىشلارنىڭ تۆگۆنى «ھەقىقى مەنىدىكى قايتا پارچىلانمايدىغان ئاساسى زەرىچە بارمۇ -يوق؟»دىگەن مۇشۇ نۇقتىغا مەركەزلەشكەن.مۇشۇ نۇقتىدا نۇقتۇلۇق مۇھاكىمە -مۇنازىرە ئېلىپ بىرىش شەكىل نەزەريىسىنىڭ يۇقۇرقى ئىككى تىئورمىسىنىڭ ئۆردىكىنى ئۆردەك،غېزىنى غاز قىلىدىغان ئەڭ قىسقا ۋە ئەڭ تېجەشلىك يول.دىققىتىمىزنى دەل مۇشۇ نۇقتىغا مەركەزلەشتۆرەيلى!.

2013.8.1


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-1 09:33  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-1 09:46:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساختا 《چەكسىزلىك》ۋە ھەقىقى چەكسىزلىك

قاسىم سىدىق

بىز كۇندىلىك تۇرمۇشتا ۋە ئىلمىي ساھەلەردە دائىم "چەكسىز"، "چەكسىزلىك" ئاتالغۇلىرىنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ھالبۇكى، يۇقۇرىقى ساھەلەردە ئىشلىتىلىۋاتقان "چەكسىزلىك" نى تېخى ئۈزۈل-كېسىل ئسپاتلانغان مۇكەممەل ئۇقۇم دىيىشكە بولمايدۇ. قەدىمدىن تارتىپ ھازىرىغىچە غەرىب ۋە شەرىقتىكى نۇرغۇنلىغان مۇتەپەككۇرلەر بۇ نوقتىدا تالاش-تارتىش قىلىپ كەلدى ۋە بۇ مەسىلە شۇڭغىچە ھەل بولمىدى، ئالەمنىڭ چەكلىكلىكى بىلەن چەكسىزلىكى ئۇستىدە بەس-مۇنازىرە تارىخىي دەرۋەقە، تولىمۇ ئۇزۇن تارىخ.گېگىل سان ۋە ئۇلارنىڭ يىغىندىسىدىن كېلىپ چىققان نەتىجىنى، ھەقىقى چەكسىزلىك ئەمەس، بەلكى، "يامان چەكسىزلىك" دەپ ئاتىغان. "ئىنگلىس يامان چەكسىزلىك بىلەن ھەقىقى چەكسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى ئۇقۇمنى پەرىقلەندۇرگەن ئىدى"، "-ماتېماتىكىدا چەكسىز تىزمىنى قوللۇنۇش ئادىتى بولمىغان بولسا،-دەپ يازىدۇ ئىنگىلىس،-پۇتۇن خاتا تۇيغۇلارنىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ماتېماتىكىدا ئېنىق بولمىغان، چەكسىز نەرسىگە يىتىش ئۇچۇن، ئېنىق بولغان، چەكلىك نەرسىلەردىن چىقىپ ئىش قىلغىنىمىزدىن بارلىق ماتېماتىكىلىق تىزما، پىلۇس ياكى مىنۇس بولسۇن، ھەممىسى بىردىن باشلىنىش لازىم. بولمىسا ساناش مۇمكىن ئەمەس. لېكىن، ماتېماتىكاشۇناسلارنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى ئېھتىياجى ھەرگىز رىيال دۇنيا ئۈچۈن مەجبۇرىي قانۇن ئەمەس." يەنە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش زۇرۇركى: مەشھۇر ماتېماتىكا ئالىمى گائۇس ھەتتا: "-مەن ‹چەكسىزلىك› دىن ئىبارەت بۇ ئاتالغۇنىڭ ئىشلىتىلىشىگە قارشى تۇرىمەن. ماتېماتىكىدا  چەكسىزلىك  پۇت  قويۇپ  تۇرغىدەك زىمىن يوق" دەپ ئۇزۇپ ئېيىتقان ئىدى.

كۆرۇنۇپ تۇرۇپتۇكى، چەكسىزلىكنى ئىسپاتلاش ۋە ئۇنى مۇكەممەل ئۇقۇم دەرىجىسىگە كۆتۇرۇش مۇشكۇل، شۇنداقلا زۆرۈرى خىزمەت. بۇ مەسىلىنىڭ ئۇزۇل-كېسىل ھەل بولۇشى، ھەرقايسى پەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ساھەلىرىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. قولۇڭلاردىكى ئەسەر ئاپتۇرغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، يۇقارقى مۇددىئا ئاستىدا ئىزدىنىشنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى،كىتابخانلارنىڭ ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۇشىنى ئۆتۈنىمەن.

"چەكسىزلىك" نىڭ خۇسۇسيەتلىرى"چەكسىزلىك" ئومۇمەن تۆۋەندىكى خۇسۇسيەتلەرگە ئىگە:
1."چەكسىزلىك" نىڭ چېكى بولمايدۇ، چېكى بولىدۇ دىيىلسە، ئۇ ھالدا ئۇ چەكسىزلىك بولمايدۇ.
2."چەكسىزلىك" ئۆلچەمسىز (مىقدارسىز) بولىدۇ. ئۆلچىگىلى بولىدۇ دىيىلسە ئۇ چەكسىز بولمايدۇ.
3."چەكسىزلىك" ئۈزلۈكسىز بولىدۇ. ئۈزلۈكسىز بولمىغان شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى چەكلىك بولىدۇ.
4."چەكسىزلىك" يىگانە بولىدۇكى، تەڭدىشى بولمايدۇ. تەڭدىشى بولىدۇ دىيىلسە، ئۇھالدا ئىككى "چەكسىزلىك" كېلىپ چىقىدۇ-دە،ئۇلار بىر-بىرىگە چەك بولۇپ قالىدۇ.
5."چەكسىزلىك" نىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىشى بولمايدۇ. باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش بار ديىلسە ئۇ يەنىلا چەكلىك بولۇپ قالىدۇ.
6."چەكسىزلىك" شەكىلىسىز بولىدۇ. شەكىلگە ئىگە نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى چەكلىك بولىدۇ.
ئېنىقلىما:چەكسىزلىك-پايانسىز، مىقدارسىز، تەڭداشسىز ۋە باش-ئاخىرى بولمىغان مەۋجۇتلۇق.

"چەكلىكلىك"نىڭ خۇسۇسيەتلىرى:
1. "چەكلىكلىك" نىڭ ھامان پايانى (چېكى) بولىدۇ.
2. "چەكلىكلىك" نى ئۆلچىگىلى بولىدۇ.3. "چەكلىكلىك" شەكىلگە ئىگە.
4. "چەكلىكلىك" ئۈزلۈكسىز بولمايدۇ، تۇيۇق بولىدۇ.
5."چەكلىكلىك" نىڭ باش-ئاخىرى بولىدۇ.

ئېنىقلىما:"چەكلىكلىك"-پايانى، مىقدارى، شەكلى، باش-ئاخىرى بولغان، شۇنداقلا، تۇيۇق بولغان مەۋجۇتلۇق.  
     
      ئۇقۇمنىڭ چەكلىكلىكى:
1. مەيلى پۇتۇن ئىنسانىيەت ۋە مەيلى بىرەر مىللەت ياكى شەخس نۇقتىسىدىن ئېيتايلى، ئۇلار خالىغان پەيىتتە ئىگەللىگەن ۋە ئىگەللەيدىغان ئۇقۇم مىقدارى ھامان چەكلىك بولىدۇ.
2. مۇئەييەن ئۇقۇم ئاڭلاتقاندا مەنا (ئۇقۇمنىڭ مېغىزى) ھامان چەكلىك بولىدۇ.3
. ھەرقانداق ئۇقۇمنىڭ دائېرىسى (ھەجىمى) ھامان چەكلىك بولىدۇ.ئىنسانىيەت ھازىرغىچە دائىرىسى، مەناسى ۋە مىقدارى چەكسىز بولغان ئۇقۇم ،شۇنداقلا، ئۇقۇملار – سېستىمىسىنى كەشىپ قىلغىنى يوق.

    ئاكسىيۇما:ئۇقۇم ۋە ئۇقۇملار مىقدارى، دائىرىسى ۋە مەناسى ھامان چەكلىك بولىدۇ.  

  ساننىڭ چەكلىكلىكى:
سان-ئۇقۇم. دېمەك، مىقدارى، مەناسى ۋە دائىرىسى چەكسىز بولغان سان مەۋجۇت ئەمەس."سانسىز سان" مەۋجۇت ئەمەس، "سانسىز سان مەۋجۇت" دىيىلسە، ساننىڭ مەۋجۇتلىقى ئىنكار قىلىنىدۇ. نوقۇل سان بىلەن چەكسىزلىكنى ئىپادىلىگىلى ۋە ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ.  ئاتالمىش "چەكسىز سانلار قاتارى" پەقەت ئۆز گەۋدىسى ئىچىدە چەكلەنگەنلىگى ئۇچۇن، چەكسىزلىكنى ھامان سىرتىدا قالدۇرىدۇ. "چەكسىز داۋاملاشتۇرۇش" چۇشەنچىسى سانلار قاتارى گەۋدىسىنىڭ "چەكسىز"لىگىنى ئەمەس،بەلكى، ئىزچىللىغىنى كۆرسەتكىنىدە توغرا بولغان بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئاتالغۇنى ئۆزگەرتىش كىرەك. مۇبادا سانلار قاتارىنىڭ ئۆز گەۋدىسى چەكسىز بولىدۇ دىيىلسىە، ئۇنى يەنە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئىمكانىيىتى يوققا چىقىدۇ ۋە ئەھمىيىتى قالمايدۇ.كونكىرىت سان، مەنا، ھەجىم ۋە مىقدار جەھەتتىن چەكلىك ئىكەن، كونكىرىت سانلار ۋە ياكى كونكىرىت سانلاردىن تەشكىل تاپقان ھەرقانداق سانلار قاتارىمۇ چەكلىك بولىدۇ. چەكسىزلىك-مىقدارسىزلىقتىن ئىبارەت خۇسۇسيەتكە ئىگە ئىكەن، دېمەك، "چەكسىز سان"، "چەكسىز سانلار قاتارى" دىيىش، "سانسىز سان" ۋە "سانسىز سانلار قاتارى" دېگەن بىلەن باراۋەر بولىدۇ.قارىغاندا گىگىل، ئېنگىلىس ۋە گائۇستەك مەشھۇر شەخىسلەر بىھۇدە گەپ قىلمىغاندەك تۇرىدۇ.   

    شەكىلنىڭ چەكلىكلىكى :
ھەرقانداق شەكىل جەزمەن چەككە ئىگە، چەكسىز شەكىل مەۋجۇت ئەمەس، چۇنكى ھەرقانداق شەكىل مۇئەييەن ئارقا كۆرۇنۇش ئىچىدە چەكلىنىدۇ.تۈز سىزىق – شەكىل، دېمەك، "چەكسىز تۇز سىزىق"، "تۈز سىزىقنى چەكسىز داۋاملاشتۇرۇش" ۋاھاكازالارنىڭ ھەممىسى مۇمكىن ئەمەس. پەقەت تۈز سىزىقنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن، ھالبۇكى، "چەكسىزلىك" بىلەن"ئىزچىللىق" بىر ئۇقۇم ئەمەس.

ھەقىقى چەكسىزلىك قەيەردە؟:
1.ھازىرقى زامان فىزىكىسى ۋە ئالەمشۇناسلىغى، بارلىق ماسسا-ئېنىرگىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماددى ئالەمنى چەكلىك دەپ قاراش بىلەن بىرگە، مۇئەييەن شەكىل سۇپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ. ھەقىقىي چەكسىزلىك دەل موشۇ  ماددىي ئالەمنىڭ ئارقا كۆرۇنىشىدىن ئىبارەت. (ئاپتۇر بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ "ئالەمنىڭ غەيرى ماددا قاتلىمى – يوقلۇق" سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدا  توختىلىپ ئۆتكەن) .چەككە ۋە شەكىلگە ئىگە بولغان ماددى ئالەم ھامان چەكسىزلىك ۋە شەكىلسىزلىك سۇپىتىدە مەۋجۇتلۇق – "يوقلۇق"نى ئارقا كۆرۇنۇش قىلغان بولىدۇ.
2. ئاتالمىش "چەكسىز تۇز سىزىق" ئوخشاشلا يۇقارقىدەك ئارقا كۆرۇنۇش ئىچىدە تۇرىدۇ.
3. خالىغان پەيىتتە، ئىنسانىيەت ئىگەللىگەن ۋە ئىگەللەيدىغان ئۇقۇملارنىڭ مىقدارى، مەناسى ۋە دائىرىسى چەكلىك ئىكەن، بىزنىڭ روھى دۇنيارىمىزغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ھەقىقىي چەكسىزلىك دەل مۇشۇ ئۇمۇمىي ئۇقۇملار يىغىندىسىنىڭ سىرتىدا قالىدۇ.

بىلىش جەريانى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى ھەرقانداق پەيىتتە چەكلىك بولىدۇ. بىلىشنىڭ مەۋجۇتلىگى بىلمەسلىكنىڭ مەۋجۇتلىگىنى چەتكە قاقمايدۇ. بەلكى بىر-بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ.ئۇقۇملار سېستىمىسى مىقدارى، مەنا، دائىرە ۋە چەككە يېغىنچاقلىنىپ،بىلىشنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ھالبۇكى، بىلمەسلىك    ھامان بۇ گەۋدىنىڭ سىرتىدا قالىدۇ ۋە بۇ گەۋدىگە ئارقا كۆرۇنۇش بولىدۇ. دېمەك، بىلىشنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنىڭ سىرتىدا مەناسى، مىقدارى ۋە  چېكى بولمىغان ھەقىقى چەكسىزلىك ھامان مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

ماددا چەكسىز پارچىلانمايدۇ:
1. يۇقىرىقى نۇقتىئنەزەرلەر ئېتىراپ قىلىنغان ئەھۋال ئاستىدا، يەنىلا    "ماددا چەكسىز پارچىلىنىدۇ"، "ئاساسىي زەررىچىلەر مەۋجۇت ئەمەس" دىيىش توغرا ئەمەس. ماددى ئالەم تۇراقلىق ماسسىغا ئىگە چەكلىك ئالەم ئىكەن ئۇنىڭ چەكسىز پارچىلنىشىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. چەكسىزلىك-مىقدارسىزلىق ۋە شەكىلسىزلىك ئىكەن "ماددا چەكسىز پارچىلىنىدۇ" دىيىش ماددىنى مىقدارسىز ۋە شەكىلسىز دىيىشكە ئېلىپ كىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە "پارچە" ئۇقۇمى بىلەن "چەكسىزلىك" ئۇقۇمى سىغىشالمايدۇ.
2. گەرچە ئىنسانىيەتنىڭ بىلىش تارىخى بۇ جەرياننى ئورۇنلاپ ئۈلگۇرمىگەن بولسىمۇ، ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسىي زەررىچىلەر جەزمەن مەۋجۇت. ئاساسىي زەرىچىلەر مەۋجۇت ئەمەس دىيىش، ماددىي ئالەمنىڭ مەۋجۇتلىكىنى ئىنكار قىلىشقا ئېلىپ كىلىدۇ.

1990- يىل بۇلاق دادامتۇدا يېزىلدى .مەنبە: خوتەن جۈەنكې ئىلمىي ژۇرنىلى 1992-يىل 3-سان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-1 09:53  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-1 09:47:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-1 11:36:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-1 20:05:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-2 19:59:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

2012年10月23日 06:03 来源:解放日报 作者:彭德倩 选稿:华迎
http://sh.eastday.com/m/20121023/u1a6939656.html


ماۋۇ تېمىدىكى گەپلەر قولىقىمغا ئەجەپ خۆش ياقتى!.
بۇ ھادىسىدەيالغۇز يورۇقلۇق دەستىسىلا ئەمەس، فۇتون ئۆزىمۇ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىۋاتقان ۋە ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشىگە ئېغىۋاتقان ھالەتتە بولىدۇ.



ۋاقتى: 2013-8-3 12:45:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلانغىنى بولمايدىغان بىر مۇقەررەرلىك



قاسىم سىدىق
...................................
مەن ئالەمشۇمۇل چوڭ ئىشلارنى قىلالمىساممۇ تېمىنىڭ ئىنكاسسىز قالماسلىقى ئۈچۈن كۆز ئالدىمدا ئەمەلىي قىلغىلى بولىدىغان ئاۋۇ «ساقلانغىنى» دېگەن سۆزدىكى «ن» ھەرپىنى «ل» غا ئۆزگەرتىپ «ساقلانغىلى» قىلىپ تۈزەپ  قوياي! قاسىمكامنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ تېزراق روياپقا چىقىشىغا ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەب ئەمەس! ئەمما، بۇ تېمىنىڭ تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكى نۇسخىسىنىڭ ئىملاسىنى قاسىمكام ئۆزى تۈزىۋېلار! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-3 12:46  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-4 09:09:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-5 07:26:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقى مەنىدىكى ئىچكى تۆزۆلۆشكە ئىگە بولمىغان ئىلىمىنتار زەررىچە مەۋجۆت بولسىلا،بۇ زەررىچىگە زامان -ماكان ئەگرىلىگى ھاجەت ئەمەس.تېخىمۇ توغرىراغى ،بۇنداق زەررىچىلەر زامان - ماكان ئەگرىلىگىنى رەت قىلىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-6 01:26:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

季灏:狭义相对论实验的再思考 - 科学人网站http://www.sciencehuman.com/party/papers/papers2005/papers2005l.htm

بۇ،تارمەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ تەجىربە ئاساسلىرىغا ئالاقىدار مۇھىم ئۆچۆرلار بار تېما ئىكەن.





 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-9 14:18:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-4 21:50:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقى مەنىدىكى ئىچكى تۆزۆلۈشكە ئىگە بولمىغان ئىلىمىنتار زەررىچە("ئېن")بار دەپ قاراش شەكل نەزەريىسىنىڭ يادرولۇق يەكۈنى.ئۇلارنىڭ ھەجىمنىڭ يىغىندىسى ئالەمدىكى بارلىق ماسسا - ئىنىرگىيەنىڭ ھەجىمىنىڭ يىغىندىسى ۋە مۇتلەق ھەجىمى _ بىر تۇراقلىق مىقدار.29-41-تىئورمىلار دەل مۇشۇ "ئېن"لار ئۆستىدىكى تەپەككۈرنىڭ مەھسولى.بىز 29-تىئورمىچە ئېغىشنى ماكرۇ دۇنيادا كۆزەتتۇق.ئەمدى 2011-يىلىدىكىسىگە ئوخشىمايدىغان لايىھىدە  ۋاكىئومدا تەجىربە ئىشلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز.مەن ۋاكىئومدا 29-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ جەزمەن يۇز بېرىدىغانلىغىغا قەتئى ئىشىنىمەن.مۇبادا بۇنداق ئېغىش يۇز بەرمىسە ئىنىرىتسىيە قانونى ئۈستىدە قايتا ئويلۇنۇشقا توغرا كېلىدۇ.مۇبادا بۇنداق ئېغىش ۋاكىئومدا يۇز بەرمىسە ئاسمان جىسىملىرى،جىسىملار ۋە بىزنىڭ مەۋجۈتلىگىمىزنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۇرگىلى بولمايدۇ.

29- 41تىئورمىلارنىڭ تاشپولات مۇ ئەللىم يوللىغان بۇ تېما بىلەن مۇناسىۋىتى شۇ يەردىكى،دەل مۇشۇ 29-41-تىئورمىچە ئېغىش ئېينشتېيىن كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىدىن ئەگرىلىكنى تالىشىدۇ.يەنى،نىسبىلىك نەزەريىسى ماكان ئەگرى بولغاچقا ھەركەت ئەگرى بولىدۇ،دەپ قارىسا،شەكىل نەزەريىسى ھەركەتنىڭ خۇسۇسى خارەكتىرىنىڭ ئۇزى ئەگرى،دەپ قارايدۇ.

بۇ قېتىمقى تەجىربە بۇ مەسىلىنىڭ ئۇردىكىنى ئۇردەك-غېزىنى غاز قىلىدىغان تەجىربە.ئېھ ئاللاھ،مېنى خاتالاشتۇرمىغايسەن!.

__________ قاسىم سىدىق

2013،10.4




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-4 22:54  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-5 10:09:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-20 11:11:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جىسىمنىڭ تۆز سىزىقلىق ھەركىتى ئەڭ كەم بولغاندىمۇ تۆۋەندىكىچە شەرىت ئۈستىدە كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ:

سىزىقلىق ئىلگىرلەش يۆنىلىشىدە جىسىمنىڭ ھەممە نۇقتىلىرى ماس قەدەملىك ۋە ئوخشاش يۆنىلىشلىك بولۇش.

ئەگرى سىزىقلىق ھەركەتچۇ؟:

سىزىقلىق ئىلگىرلەش يۆنىلىشىدە جىسىمنىڭ ھەممە نۇقتىلىرى ئوخشاش يۆنىلىشلىك،ماس قەدەملىك بولماسلىق.سىزىقلىق تېزلىك پەرقىگە ۋە يۆنىلىش پەرقىگە ئىگە بولۇش.

بەزىلەر تۆز سىزىقلىق ھەركەتنىڭ شەرتىنى ئەگرى سىزىقلىق ھەركەتنىڭمۇ شەرتى دەپ قارىۋالغاچقا مانا مۇشۇنداق چۈشەنمەسلىك كېلىپ چىقىۋاتىدۇ.
29-تىئورمىچە ئېغىشنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى مانا مۇشۇنداق خاتالىققا يول قويدى.

ئەگرى سىزىقلىق ھەركەتتە مەيلى تاشقى كۈچ تەسىرىدىن بولسۇن،مەيلى ئىچكى كۈچ - ئىنىرىتسىيىلىك كۈچ سەۋەبىدىن بولسۇن يۇقۇرقىچە سىزىقلىق ئىلگىرلەش يۆنىلىشىدە جىسىمنىڭ ھەممە نۇقتىلىرى ئوخشاش يۆنىلىشلىك،ماس قەدەملىك بولماسلىق.سىزىقلىق تېزلىك پەرقىگە ۋە يۆنىلىش پەرقىگە ئىگە بولۇش ھالىتى كاپالەتلەندۆرۆلگەن بولىشى كىرەك.ھالبۇكى، ئەگىرىلىك زەررىچە ۋە جىسىمنىڭ  ئەسىلى ئۇزىدە بار خارەكتىر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-20 11:12  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-20 11:47:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى  2015-1-20 11:11
جىسىمنىڭ تۆز سىزىقلىق ھەركىتى ئەڭ كەم بولغاندىمۇ تۆۋە ...



بۇنداق “بىردەك بولماسلىق”29-تىئورمىچە ئېغىشنى ئىسپاتلايدىغان بارلىق تەجىربە ۋە كۇزۆتۈش نەتىجىلىرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئاخىرىغىچە ھەر بىر كونكىرىت پەيتتە ئىپادىلەنگەن بولىدۇ.مەيلى بېكھامچە يايىسىمان توپ،مەيلى ۋاكىئومدا ئەركىن تاشلانغان شارچە،مەيلى سىرتقى قېپى پېقىرىمايدىغان ئىلىكتىر مۇتۇرنى باش قىلىپ ئىشلەنگەن ماياتنىك تەجىربىسى،سو قاچىلانغان ئىدىشتا ئېلىپ بېرىلغان ئاغقۇچى شارىك تەجىربىسى،شىرە يۇزىدە ئېلىپ بېرىلغان نۇر(پېقىرىغۇچ)تەجىربىسى...ۋە مەيلى چاق ۋە دېسكىلارنى ئايلاندۇرۇپ ئېلىپ بېرىلغان پېرىتسىيە-ئانتى ئېغىرلىق كۈچى تەجىربىلىرىدە بولسۇن،ھەممىسىدىلا فىزىكىلىق قانۇنىيەت ئوخشاش،ھەممىسىدىلا “بىردەك بولماسلىق” قانائەتلەندۇرۇلگەن.

ئۇز ئوقىدا ئايلىنىدىغان ھەم تىرايىكتورىيىگە،ئوربىتىغا ئىگە بولغان بارلىق زەررىچە ۋە ئاسمان جىسىملىرىدا بۇنداق  “بىردەك بولماسلىق” ئىپادىلەنگەن بولىدۇ.مىنىڭ قارىشىمچە ،بۇنداق  “بىردەك بولماسلىق”نى تەبىئى بىر قانۇنىيەت سۈپىتىدە تونۇشقا بولىدىغاندەك قىلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-20 12:36  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش