ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 11:47
بۇنداق “بىردەك بولماسلىق”29-تىئورمىچە ئېغىشنى ئىسپا ...
بۇنداق بىردەك بولماسلىق مۇئەييەن مەنىدە ۋە مۇئەييەن چەك ئىچىدە سىممىتىرىيىلىكنىڭ بۇزۇلۇشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.بىز بىردەكلىكىنى سىممىتىرىكلىكنىڭ ساقلىنىشى دەپ قارىغىنىمىزدا دەل شۇنداق بولىدۇ.مەسىلەن ،ھەركەت مىقدارى ۋە ھەركەت يۆنىلىشنىڭ بىردەك بولماسلىغى.
دەۋرىلىك گويا سىممىتىرىلىكنىڭ ساقلىنىشىدىن دېرەك بەرگەندەك قىلىدۇ.لىكىن،يەنىلا ئۇنىڭدا سىممىتىرىكلىك ئۇزۇل كېسىل مەنىدە ،مۇتلەق مەنىدە ساقلانمايدۇ.بۇ يەردە مۇناسىپراق كېلىدىغان ئاتالما شۇكى، سىممىتىرىكلىك ئىزچىل ھالدا ئاجىز بۇزۇلۇش ھالىتىدە ساقلىنىدۇ.يەنى،سېممىتىرىكلىك سىممىتىرىكلىكنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئىزچىل تەكرارىلىغى ۋە دەۋرىلىگى شەكلىدە ساقلىنىدۇ.
مۇبادا سىممىتىرىكلىك مۇتلەق مەنىدە ساقلانسا بۇ ھالدا پەقەت تۇرغۇن ئالەم مودىللىرىلا ئورۇنلۇق بولسا بولىدۇ.ئەپسۇس ،پاكىتلار بۇنداق مودىلنى رەت قىلدى.ئالەملا ئەمەس،قوياش سېستىمىسىدىكى پىلانىتلار ھەر كىتىدىمۇ سىممىتىرىكلىكنىڭ بۇزۇلۇشى تىپىدىكى ساقلىنىشى مەۋجۈت.مەسىلەن،پىلانىتلار ئىلگىرى تويۇق بولغان ئىللىپىسىمان ياكى چەمبەرسىمان ئوربىتىدا ھەركەت قىلىدۇ،دەپ قارىلىپ كەلگەن.ھازىر بۇنداق قاراشنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىغى ئاشكارە بولدى.پىلانىتلارنىڭ ئوربىتىسى ئوچۇق ئىللىپىسىمان ئوربىتا.ئاسمان جىسىملىرى بىر قېتىملىق دەۋرى ئالەمدەئىلگىرىكى ئورنىنىڭ نەق ئۇزىگە،يەنى ئىلگىرى تۇرغان نىيوتۇن بوشلىغىنىڭ ئەسلىدىكى نەق ئورنىغا قايتا كېلەلمەيدۇ.ئەسلىدىكى ئورنىدىن يۆتكىلىپ كەتكەن بولىدۇ.
يۇقۇرقىلاردىن بىز سىممىتىرىكلىكنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ يالغۇز مىكرۇ دۇنيانىڭلا پاتىنتى ئەمەسلىكىنى كۇرۇۋالالايمىز.مۇبادا سىممىتىرىيىلىك بۇزۇلمىسا ئالەم تۇرغۇن بولۇشى،ھېچنەرسە يارالماسلىغى ۋە ياكى ئۇلمەسلىكى كېرەك.ئالەمنىڭ پارتىلىشى،كېڭىيىشى قاتارلىقلار ،ھەر بىر كونكىرىتلىقتىكى فىزىكىلىق،خېمىيىلىك،بىئولۇگىيىلىك ئۇزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى سىممىتىرىكلىكنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
سىممىتىرىيىلىك ئەسلى ئىستېتېكا ئۇقۇمى،فىزىكلار ئۇز دۇنياسىنى بېزەش ئۈچۈن بۇ ئۇقۇمنى فىزىكىغا ئېلىپ كىرگەن.ماھىيەتتە بۇ بەك زۇرۇرى ئۇقۇممۇ ئەمەس.ئۇ بىر تەسۋىرلەش،شەرىھلەش تىلىدىنلا ئىبارەت.لىكىن،نەزەريىۋى قەسىرلەرنى بۇنداق ئۇقۇملار بىلەن بېزەش كىشىگە ئازادىلىك ۋە پاساھەت ئاتا قىلىدۇ.