قىزىمنىڭ ئارمانلىرى
شىئېر
خاسىيەت ئابلىمىت
ئالما يۈزلۈك شۇ ئوماق قىزىم ،
يۈرىكىگە تېڭىپ قونچاقنى ،
چۈشەپ يۈرەر ئانىسى ئوخشاش ،
كۈيۈمچان بىر ئانا بولماقنى .
ئۈچ يېشىنى بارماقتا ساناپ ،
چاچلىرىنى سىلىقلاپ تاراپ ،
ئەينىكىگە ۋىلىقلاپ قاراپ ،
ئىزدەمدىكىن گۈزەل بولماقنى .
بۇدرۇققىنا بارماقلىرىدا ،
تۇتقان قەلەم ، قەغەز ئالدىدا ،
« ئا »نىڭ ئىزى قالدى ئاق تامدا ،
خالامدىكىن ئالىم بولماقنى .
مىدىققىنىە قوللىرى بىلەن ،
تۈگرە تۈگۈر ئەپچىللىك بىلەن ،
(قىزى بولسا نىمە دىگەن بەلەن !)
كۆزلەيدىكەن مىنى باقماقنى .
كۆكتە ئۇچسا گەر ئايرۇپىلان ،
يەردە تۇرۇپ يوللايدۇ سالام ،
بار ئۇنىڭدا كاتتا بىر پىلان ،
كەلگۈسىدە ئايغا قونماقچى .
كىتاپ كۆرسەم ، قاراپ تۇرمايدۇ ،
ئۆزىچە - ئۇ بىكار قالمايدۇ ،
كىتابداننى كىزىپ ھارمايدۇ ،
ئويلاپ تۈزۈك ئادەم بولماقنى .
چاي قوشىقى چۈشمەس ئاغزىدىن ،
تىلى تاتلىق سۆزلىسە ئاندىن ،
كىرسە - چىقسا ھال سورار ئالدىن ،
ئويلامدىكىن غەمخور بولماقنى .
دەيدۇ بۈگۈن :« ئەي تاتلىق ئاپا ،
ئۇكام بولسا خۇدا بۇييۇشا ،
بۇلماق بىيىپ باقاتتىم تاژا! »
ئارمانلاپتۇ قاياش بولماقنى .......
مەنبە : خاسىيەت ئابلىمىت قەلىمى
2013- يىل 7- ئاينىڭ 31- كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ساجىدە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-31 17:28