كۆرۈش: 127|ئىنكاس: 3

ئېزىز تۇرسۇن: قوناق بىلەن چۈژگۈن(مەسەل) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1881
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 532
تۆھپە : 0
توردا: 157
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 15:56:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوناق بىلەن چۈژگۈن
        (مەسەل)
كىتىپ بېرىپ ئېتىز بېشىدا،
بىر ئەھۋالغا دۇچ كەلدىم بۈگۈن.
ئازار بىرەر ئىدى قوناققا،
بىكاردىنلا بەڭباش چۈژگۈن؛

«-قاراپ باققىن ماڭا ئەي قوناق،
چاچلىرىممۇ خۇددى قۇندۇزدەك.
نى گۈزەللەر ماڭا يىتەلمەس،
كۆزلىرىممۇ يانار يولتۇزدەك.

ساڭا باقسام سېرىق چىرايىڭ،
بەكلا ئاۋاق تۇرىسەن ئۆزۈڭ.
باشلىرىڭمۇ تازلارنىڭ بېشى،
چاپاق باسقان ۋە يەنە كۆزۈڭ!»

نەزەر سالسام ئىككى رەقىپكە،
ئۆسكەن ئىدى ئۇلار بەك يېقىن.
چۈژگۈن شوراپ قوناق رىسقىنى،
بولۇپتىكەن ئۇنىڭغا چېقىن.

پارازىت بوپ ياشاپتۇ چۈژگۈن،
بوي تارتىپتۇ قوناق بىلەن تەڭ.
تېخى يەنە قانائەت قىلماي،
سوقۇشۇشقا تۈرىۋاپتۇ يەڭ.

بىر «ئۇھ!»تارتىپ سۆزلىدى قوناق؛
«-ئېيىتقىنا مەن ساڭا نېمە قىلدىم؟
ئوزۇقۇمدىن بەردىمغۇ ساڭا،
خوشنىلىقنى كۆپ ئەلا بىلدىم.

شۇنداقتىمۇ بەرگىنىمگە مەن،
ئەزبىرايى مىننەت قىلمىدىم.
شۇڭا ياخشى ئۆستۈڭ سەن بۈگۈن،
مەن بولارنى رەشىك بىلمىدىم!

ئۆزۈڭ بۈگۈن ئاغزىمنى تاتىلاپ،
يۈرىگىمگە كۆپ ئازار بەردىڭ.
ئېيتىپ باققىن،مەن ئاڭلاپ باقاي،
بۇ «تىكەن»نى نەلەردىن تەردىڭ؟

شۇنداق قىلىپ مېنىڭ بىلەن سەن،
ھېچقاچانمۇ ياشىيالمىدىڭ ئەپ.
ئۆزۈڭ شۇنچە تەمبەل ۋە لىكىن،
بەرمىدىڭغۇ ئەلگە قىلچە نەپ!؟»

«-ۋاتىلدىما!»-دىدى چۈژگۈن،
«-ئۆزۈڭچە سەن ماڭا ئۇستازمۇ؟
ئويناپ كۈلۈپ ياشايمەن شۇنداق،
ھازىر ئەمەس، قىشىچە يازمۇ.

دەل شۇ چاغدا قوناقلىق ئىچى،
شىلدىرلاشقا باشلىدى ئەنسىز،
لىكىن چۈژگۈن سۆزلەيتى يەنە،
شىلتىڭ ئېتىپ ئۆزىچە غەمسىز.

شىلدىرلاشلار يېقىنلاپ بىردىن،
«گۈس-گۈس»دەسسەپ كەلدى بىر دېھقان.
ئۇدۇل بېرىپ يۇلدى چۈژگۈننى،
چۈژگۈن يىغلاپ قىلدى كۆپ پىغان...

كۆرەڭلىگەن چۈژگۈنباي ئەنە،
سالپىيىپلا قاپتىغۇ كۆرۈڭ.
تەييارتاپنىڭ قىسمىتى شۇنداق،
ئىشلەپ يەيلى! ئادىشىم يۈرۈڭ.




mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  830
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 739
تۆھپە : 0
توردا: 125
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 17:32:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەسەلگە يەنە بىر ئىشلەپ بېقىڭ. بولسا يېرىمى قالسۇن...

مۇنۇ مىسراغا يەنە بىر قاراپ بېقىڭ:«ئۆزۈڭ شۇنچە تەمبەل ۋە لىكىن»...

چۈژگۈننىڭ تېنى تەمبەلمۇ ياكى؟

ئاناتىلىمىزنىڭ پەش-چېكىتلىرىنىمۇ ئىسراپ قىلمايلى!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1881
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 532
تۆھپە : 0
توردا: 157
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 12:47:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن پەقەت قوناقنىڭ رىسقىنى چۈژگۈننىڭ يەۋېلىپ، ۋاقتىنچەقوناققا قارىغاندا بەكرەك ئاينىپ كەتكەنلىكىنى دىمەكچى...

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1911
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5677
تۆھپە : 8
توردا: 407
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-9 15:36:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارغا نەپ بېرەلىگىدەك ياخشى مەسەل بولۇپتۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش