كۆرۈش: 256|ئىنكاس: 25

خۇسرەۋ پەرۋېز ۋە شېرىن داستانى(‹‹شاھنامە››11-بۆلۈم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 21:51:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇسرەۋ پەرۋىز ۋە شىرىن داستانى
‹‹شاھنامە››11-بۆلۈم
مۇقەددىمە (داستاننىڭ باشلىنىشى)
كۆپ ئۆمۈر كۆرگەن بۇ قەدىمىي داستان راست سۆزلەر نەقلىنى ھىكايە قىلىدۇ.تاغ يۈرەك مەردلەردىن يادىكار بولۇپ قالسۇن دەپ يېڭى بىر داستاننى يېزىشنى ئىختىيار قىلدىم.بۇ داستاننىڭ غەمگۈزار شايەستە سۆزلىرى120مىڭ مىسرادۇر.ئۇنىڭدىن زەئىپ بىيىت ئاختۇرغان ئادەم شۈبھىسىزكى 500دىن كەمنى تاپالار.شۇنداق ئالىي ھىممەتلىك،ئالەم شاھلىرى ئىچرە بەختىيار،سېخىي شەھرىيار ئۇشبۇ داستانلارغا نەزەر قىلمىدى.غەيۋەتچىلەرنىڭ بەدگۇي ھەسەتلىرى ئىشىمغا توسالغۇ بولۇپ، تۈگىمەس غەيۋەتلەر سەۋەپلىك  شاھتىن كەلگەن مۇكاپات فىردەۋسىنىڭ قاپقارا بەختىدىن ئەسەر بەرمەكتە.شاھ ئالدىدا بازىرىم كاسات بولدى.ئەگەر شاھ ئالغان نەقىللىرىمدىن بۇنى چۈشەنسە،دانالىققا مەشغۇل بولۇپ تازا ئەقىلدە ئەجرىمنى-تازا ئەمگىگىمنىڭ قىممىتىنى بىلسە مال-دۇنيا بىلەن مۇكاپاتلىمىسىمۇ شادىمان بولۇر ئېدىم.بۆھتانچى يامانلار ئۇنىڭدىن يىراق تۇرسا،ئەقىلدار دانالار شاھقا ئەمگىگىمنى ئەسلەتسە، نىھايەت  بۇ دەرتلەردىن قۇتۇلغان بولۇر ئېدىم.
  ئۇنىڭ تاجى ھەم تەختى داۋام قىلسۇن.بەختى ھەر كۈنى كۈلۈپ بېقىپ قۇياشتىنمۇ يورۇقراق پارلىسۇن.بىلىمدان قېرى قىسسىچى ئۇۋالچىلىق تارتىپ تۈگىمەس دەرتكە مۇپتىلا بولسىمۇ يەنىلا شۇنداق دەيدۇ.بىلىم-ئۇ چىن دەرتكە قۇۋۋەت بەرگۈچى.ھاياتلىق ئالىمىدە كىشىگە- غەمنىمۇ، شادلىقنىمۇ كۆرمەكلىك،تەلەي مىۋىسى ۋە بەرباتلىقنىمۇ تېتىماقلىق كېرەكتۇر.ھەر مەردكە ئۆگەنگەن ھۈنىرىنى سىنىماقلىق زۆرۈردۇر.ھۈنىرى ئۈستۈن بولسا گۆھەر كانى ئېچىلغاي.
بەسكى،پەرۋىزنىڭ ئاتىسى چېغىدا قەھرىمانلاردىن بولسىمۇ لېكىن ئۆزى ناپاك نەۋقىرانلاردىن ئېدى.ئۇنىڭغا يەر يۈزىدە گۈل يۈزلۈك شېرىن دوست ئېدى.ئۇنىڭمۇ شېرىنغا يوشۇرۇن كۆڭلى بار ئېدى.جاھاندا ئۇنىڭدىن باشقىنى پىسەند قىلمايتتى.خىيالىنى ھېچبىر گۈزەل بەند قىلالمايتى.بەختى كېلىپ ئۇ جاھانغا سۇلتان بولدى.بىر مۇددەتكىچە شېرىندىن سىرت تۇرغان بولدى.جاھان ئىچىدە نىمىنىڭ ھالاۋەت ئىكەنلىكنى بىلەلمەي جاھان كەزدى.بەھرام ئەبەدكە جەڭلەرنىڭ ئارزۇسىنى قىلغان بولسا،خۇسرەۋ گۈلچېھرە زاماندىن مېھىر ۋە ۋاپا كۆرمەستىن ساپاسىنى يوقاتتى.
داستاننىڭ باشلىنىشى:
كۈنلەرنىڭ بىرىدە شەھرىيار پەرۋىز دەشت ئىچىدە شىكار قىلماقلىقنى ئىختىيار قىلىپ قالدى.ئۆزىدىن ئاۋال نى-نى شاھلار ئۆتكەن بولغاچقا، ھەر بىر ئىشىدا شاھلار رەسمىنى ئادا قىلماقنى پەرىز دەپ بىلدى ۋە ئۇلار يولىنى مۇكەممەل تۇتتى. ئۈچ يۈز ئاتقا زەر جابدۇق تارتىلدى.بىرمىڭ بىر يۈز ئاتمىش خۇسرەۋپەرۋەر ئەر شەھرىيار بىلەن بىرگە ئوۋغا چىقماق بولۇپ ئاتلاندى.ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىسلى شىردەك باتۇر يىگىتلەر بولۇپ ئۇلار مىڭ قىرىق چوقماقھەم شەمشەرنى ئېلىپ،ئۈستىگە ساۋۇتلارنى مەھكەم كىيىپ قوللىرىدا ئۆتكۈر نەيزىلەرنى تۇتۇپ ھەيۋەت بىلەن ماڭماقتا ئېدى.سەپنىڭ ئالدىدا يەنە يەتتە يۈز لاچىنبازى بار بولۇپ ھەممىسى بىردىن ئوۋچى بۈركۈتنى ئېلىپ شىكارغا تەييارلانغان ئېدى.ئۇلارنىڭ كەينىدە يەنە ئۈچ يۈزچە يۈرۈشتە ئەپچىل،چاققان،سۇباتلىق باتۇر يىگىتلەر ماڭغان بولۇپ ئۇلار يەتمىشچە شىرنى چىن زەنجىرى بىلەن باغلاپ شىكارغا ئېلىپ ماڭغان ئېدى.ئۇلار بۇلاردىن باشقا نۇرغۇن قاپلان ۋە ئارسلانلارنىمۇ شىكارغا ئۆگەتكەن ئېدى.ئۇلارنىڭ ھەر بىرى قەدەمدە بىر كىيىك ئوۋلىيالايتتى.ئۇلارنىڭ كەينىدە تۇلپار ئاتلارنى مىنگەن،يالتىراق تاجلارنى كىيگەن ئىككى مىڭ ھاپىز ماڭغان بولۇپ ئۇلار سەپتە قەدەممۇ-قەدەم ئىز بېسىپ، سازىنى شادىيانە كۈيلەرگە چېلىپ شاھانە سەپنىڭ ھەشەمىتىنى ئاشۇرماقتا ئېدى.شىكاردىكى كېرەكلىك بۇيۇملار ۋە شاھانە جابدۇقلار نەق بەش يۈز تۆگىگە ئارتىلغان بولۇپ ئۇلار شاھانە بىر كارۋان سۈپىتىدە ئالدىن يولغا سېلىنغان ئېدى.يەنە ئىككى يۈز غۇلام قولىدا مەجمەر كۆتۈرۈپ بىرگە يۈرگەن بولۇپ ئۇلاردا مۈشك-ئەنبەر دېگەندەك خۇشبۇي بۇيۇملار يېنىپ خۇشبۇي ھىد تارقىتىپ تۇراتتى.شاھ پەرمانىغا قاراقلىق ئىككى يۈز ئوغلان بار بولۇپ قوللىرىدا زەپىران رەڭلىك نەرگىس گۈل كۆتۈرىۋالغان ئېدى.ئۇلارنىڭ ئالدىدىن سەلكىن بىر شامال ئۇچۇپ خۇشبۇي ئەتىر شاھ دىمىقىنى خۇشھال قىلاتتى.ھەممىنىڭ ئالدىدا يۈزچە سۇ سېپەر يۈرگەن بولۇپ ئۇلار ئىدىشلارغا لىققىدە سۇ قاچىلاپ سۇغا گۈل سۈيى ۋە ئەتىرلەرنى قوشۇپ  شىرىن سۇلارنى يوللارغا سېپىپ شاھنى پاكىزلىك،سۆرۈنلۈك ۋە خۇش ھىدلىق سەپەرگە نائىل قىلاتتى.بۇ سەپەردىكى ھەر بىر ئىش ئېتىبارغا ئېلىنغان بولۇپ ئۇلار ھەتتا شامالنىمۇ شاھقا غۇبار يەتكۈزۈپ قويمىسۇن دەپ توسۇش ئۈچۈن چارە ئىشلەتكەن ئېدى. گۈلدەك ياسانغان ئۈچ يۈز بەرنا نەۋجۇۋان قىز قوللىرىدا جۇلاللىق تۇغلارنى تۇتۇپ شەھرىيار بىلەن يانمۇ-يان كېتىپ باراتتى.شاھنىڭ ئوڭ ۋە سولىدا رەڭمۇ-رەڭ جاماللار جىلۋە قىلىپ خۇددى بىھىشتىكى ھۆرلەر بىلەن يۈرگەن جەننىتىدەك تۈس بېرىپ شاھنى جەننەت ھوزۇرىدىن بەھرىمەن قىلاتتى.بۇ قوشۇندىكىلەر زەردىن ئۈزۈكلەر تاقىغان ۋە بىباھا كەمەرلەر باغلىغان بولۇپ ھەر بىر بېزەك زەرگە گۆھەردىن كۆز قويۇلغان ئېدى.
شېرىن ئاڭلىدىكى:
-        بۈيۈك بىر لەشكەر بۇيان كەلمەكتە.لەشكەرلەرنىڭ ئالدىدا شاھى مۇنەۋەر بولۇپ بىرگە يۈرمەكتە!
ئۇ تېنىگە مۈشىك بوي كۆڭلەكنى كىيدى. بوز ئۈستىگە رۇمچە لىباس كىيدى. مەڭىزلىرىنى قىرمىزى رەڭدە بوياپ گۆھەردە ھۆسىن زىباسىنى ئاشۇردى.بېشىغا خۇسرەۋى تاج قوندۇردى.بۇ تاجنىڭ نەقىشلىرى پەھلىۋىي دۇرلىرى بىلەن نۇر ماكانىدەك نۇر بالقىتاتتى.ئۇ ئايۋاندىن تام تامان قەدەم تاشلىدى.ئۇنىڭ ياشقىنا كۆڭلىدە ھەسرەت ۋە ئەلەملەر بار ئېدى.ئۇ يولغا چىقىپ شەھرىيارنى تاكى كۈن پېتىپ قاراڭغۇلۇق بېسىپ كەلگەنگە قەدەر كۈتتى.شاھ كەلمىگەنسېرى يۈزىگە كۆزلىرىدىن يىپى ئۈزۈلگەن مارجان كەبى ئۈنچىدەك ياشلىرى تامدى.
ئۇل شاھ قىزنىڭ كۆزىگە سۆلەت بىلەن كۆرۈنگىنىدە قىزمۇ پەرۋىزگە يېقىملىق سۆزلىرىدىن شىرىن سۇخەنلەرنى تىزىپ سەرۋىقامەت ئاچتى.سۆز ئارىسىدا ئۆتكەن كۈنلىرىنى ھىكايە قىلىپ بەردى.نەرگىس گۈلىدە ئەرغۇۋان يۈزىنى يۇيۇپ ئۆزىنى شەبنەمدىن بىغۇبار گۈلدەك پاكىز قىلدى.ئۇ شۇنداق ھۆسۈن بىلەن شېرىن لەۋ ئېچىپ پەھلەۋىي تىلىدا گەپ باشلىدى:
-ئايا،ئارىسلان يۈرەكلىك مەردان باھادىر، لەشكەركەش ماھىر پادىشاھ! قانلىق ياش ۋە مېھرى ھەبىب نەدىدۇر.تۈنلەرنى كۈندۈزگە ئۇلاپ مېھرىدىن سۆز ئېچىپ كۈلگەن ئىككى لەۋ نەدىدۇر؟! پەقەت شېرىننىڭ ۋەسلىلا بۇ دەردكە تېۋىپ بولالايدۇ.قېنى ئېيتسىلىچۇ،ئىككىمىزنىڭ بەندۇ-پەيۋەندىمىز قەيەرلەردە قالدى،ئەھدىمىز،پەندىمىز نەلەردە قالدى؟!
ئۇ شۇنداق دەپ كۆزلىرىدىن ياش ئورنىغا قانلارنى تۆكەتتى.ئايسىمان چېھرى زەپىراندەك سارغىيىپ سۇلغان ئېدى.شاھ ئۇنىڭ كۆزىدىكى تامچە ياشلارنى كۆرۈپ مەڭزى قۇياشتەك سارغايدى.شېرىننىڭ مىنىشى ئۈچۈن تىللا جابدۇقلۇق تۇلپاردىن بىرنى ئەۋەتتى.
داۋامى ھەر كۈنى ئىنكاس شەكلىدە يوللۇنىدۇ.

mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 19:58:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزمىتىگە رۇملۇق قىرىق خادىم تەيىن قىلىنغان بولۇپ ئۇلار ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ ئىشلىرىغا تەييار بولۇپ تۇراتتى.شېرىن پەرمانغا بىنائەن شاھ ھەرىمىگە-سالاھىيىتىگە ماس كەلگۈدەك تىللا جابدۇقلۇق ئالىي سارايغا كەلتۈرۈلدى. شاھ ئەمرىگە مۇناسىپ كەلگۈدەك گۆھەر نەقىشلىك خانىلاردىن ھوجرا بەلگۈلەپ بېرىلدى.
ئۇ ئىشلاردىن كېيىن شاھ يەنە شىكارغا يول ئالدى.بۇئاندا شاھ يېنىدا سازەندىلەر تەييار ئېدى.شاھ شىكارنى قىزىتىپ شىكارچى باتۇرلىرى بىلەن تاغۇ-دەشت ئىچىنى جەڭگە تولدۇردى.شىكاردىن كېيىن غەنىيمەتلەرنى ئېلىپ خۇشال-خورام ھالدا شەھەرگە قايتىشتى.شەھەردىكىلەرگە:‹‹شاھ شىكاردىن قايتىپ كېلىۋېتىپتۇ››دېگەن خەۋەر ئاڭلانغان ھامان ھەدەپ شەھەر يوللىرىنى بېزەشتى.كانايلار ياڭرىدى. سازەندىلەر سەلتەنەتلىك كۈيلەرگە چېلىشتى.بۇ ھەيۋەتلىك سادالار تاغۇ-دەشتلەردە ئەكس سادا پەيدا قىلدى.ئۇ خۇسرەۋ قامەتلىك مۆتىۋەرنىڭ سىيماسى ئىگىز تەخت ئۈستىدە پەيدا بولغاندا شېرىن خانىسىدىن چىقىپ شاھ سارىيىغا كەلدى.شاھنىڭ لىباسىنى ۋە ئولتۇرغان يەرلىرىنى سۆيۈپ ئۇنىڭغا بولغان ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى.شاھى زامان بۇ ئىشتىن ھەيران بولۇۋاتقان ۋەزىرىگە چۈشەنچە بېرىپ شۇنداق دېدى:
-بۇ گۈزەل چېھىرلىك پەرىنىڭ بۇ يەردە پەيدا بولغىنىدىن گۇماندا بولماڭلار.ئۇ مېنىڭ مەھبۇبۇم.ئۇ بىزگە يار بولۇشنى-سارىيىمدا قېلىپ خانىشىم بولۇشنى ئىستەيدۇ.پۈتكۈل جاھان ئەھلى بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولۇپ قالغاي.
شاھ قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۈرۈپ-ئادەتكە ساداقەتمەن بولۇپ شېرىننى شۇ دەۋرنىڭ رەسمى بويىچە شۇ سائەتتىلا  نىكاھىغا ئالدى.
شاھنىڭ دانالىرى ۋە سىپاھۇ-لەشكەرلىرى خۇسرەۋنىڭ شۇ خىلدىكى ئىشلىرىدىن خەۋەر تېپىشتى:
-شېرىن شاھ ھەرىمىگە كىرىۋاپتۇ.بۇ مۇنداق ئاددىيلا بىر ئىش ئەمەس.بۇنىڭ تېگىدە چوقۇم بىر پىتنە ياكى بىرەر يوشۇرۇن سۈيىقەست بار.
بۇ سۆزدىن پۈتكۈل يۇرت ئەھلى قايغۇغا چۆمدى.ھەممە قانداقتۇ ئەندىشە ئىچىدە غەزەپلىك بولۇپ شاھقا پەندى قىلماق بولۇپ سارايغا ئۈچ كۈن قاترىدى.تۆتىنچى كۈنى قۇياش پارلاپ چىققاندا خۇسرەۋ ئۇلۇغلارنى قوبۇل قىلدى.

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 20:43:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاھ ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى بىردىن تەختكە لايىق كۆرۈپ ئەتراپىدىن مۇناسىپ ئورۇن بەردى.ئاندىن شېرىن ئىشى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئېغىز ئاچتى:
-نەچچە كۈندىن بېرى غېمىمنى يەپ ئوردىغا كۆپ قاترىدىڭلار،ماڭا پەندى قىلماق بولدۇڭلار.بەس! سىلەرگە شۇنى دەپ قويايكى،مەن شېرىننى ئۆمۈرلۈك جۈپلۈككە تاللىدىم.خانىشلىققا كۆتۈرۈپ كۆڭلۈمنى ئۇنىڭغا بەردىم.ئەمدى ھېچكىم ئۇ ھەققىدە بىھۇدە سۆز قىلغۇچى-مېنى ئۇنىڭدىن يالتايتماقچى بولمىسۇن.شۇنى چۈشىنىپ قېلىڭلاركى،شېرىننى كۆرمىسەم دىلىم ھىچ زامان كۈلمەس!
شاھنىڭ سۆزى تۈگىدى،لېكىن ھېچكىممۇ سۆز قوشۇپ مەقسەدكە ئېغىز ئاچالماي شاھنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇشتى.پادىشاھتىن رەنجىگەن ھەر بىر سىيما پېتىنىپ ئېغىز ئاچالماي ۋەزىرگە:‹‹سەن سۆز قىل!››دەپ  بىر-بىرلەپ ئىما قىلىشاتتى.شۇنىڭ بىلەن ۋەزىر دادىللىشىپ بىر قەدەم ئالدىغا چىقتى:
-ئەي، مەرد ئادىل شاھىنشاھ،سىلى ياشلىق ئەييامىلىرىدىن بىزگە شەھرىيار بولدىلا.كۆپ جاھان كۆرۈپ ياخشىنىمۇ-ياماننىمۇ بىسيار ئاڭلىدىلا.جاھاندىكى قىلمىشلار-ئۆتكەن شاھلار ۋە ئۇلۇغلار ھەققىدە سىلى ئاڭلىمىغان ھىچ بىر قىسسە  يوق.شۇنداق تۇرۇپ مانا ئەمدى سىلى ھېچ نام نىشانى يوق بىر قىزنى ئوردىغا ئەكىرىپ خانىش قىلىپ پاك نەسىلنى ھارامغا بۇلغىماق بولدىلا.بۇ ئىش تۈپەيلى سىلىدىن ياخشى نام ۋە ئۇلۇغۋارلىق كۆتۈرۈلۈپ كەتتى.بىزدە مۇنداق بىر ھىكمەت بار:‹‹ئاتا پاك بولسىمۇ ئانا بەد ھۈنەر بولسا ئۇندىن نەدىمۇ پاك نەسىل ئۈنەر!؟››دەپ.كىمىكى ئەگرىدىن راستلىقنى ئىزدەيدىكەن ئۈستىدىكى كىيىم-كېچەكلىرى گەۋدىسىنى يوشۇرالىغان بىلەن ھەقىقەتنى يوشۇرالمايدۇ.ناھەتكى سىلىگە بىر دېۋە يولۇقتى.لېكىن سىلى ئۇنى ‹‹پەرى›› دەپ ئويلايلا.بىر ئۇلۇغ شەھرىيار ئۈچۈن بۇنداق قىلىق نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟! سىلىدەك بىر ئالەمپاناھقا ئىراندىن مۇناسىپ يار تېپىلماي تېگى-تەكتى نامەلۇم بىر قىز يېقىملىق دىلدار بوپتۇ.سىلىگە پەندىمىز شۇكى،شېرىننى ھەرەمگە سەرۋەر قىلمىغايلا.ئۇ سىلىنىڭ يوللىرىنى ئاۋات ۋە مۇنەۋۋەر قىلالمايدۇ.ئەجداتلىرىمىز بۇ ھەقتە شۇنچە كۆپ ئىسىل،دانا  پەندىلەرنى قالدۇرغان.سىلى بۇنىڭغا ئەمەل قىلماقلىقلىرى زۆرۈر.بۇنىسى سىلىگە سىر ئەمەسكى ئۇلاردىن  ھېچكىممۇ سىلىدەك بۇ خىلدىكى غەيرى سەۋدانى قىلىپ باقمىغان.

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 21:38:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە ۋەزىرنىڭ سۆزى شۇنچە كەسكىن ئېيتىلغان بولسىمۇ ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىشكە شاھنىڭ مەيلى يوق ئېدى.ۋەزىر جىم تۇرۇۋالغان شاھقا قاراپ يەنە ئېغىز ئاچتى:
-بۈگۈنكى سۆزلىرىمىز غايەت سوزۇلۇپ كەتتى.بىز ھازىر قايتىپ كېتىپ ئەتە يەنە بارگاھلىرىغا كېلىمىز.ئۈمىدىمىز شۇكى، سىلىدىن ئېنىق بىر جاۋاپ ئاڭلىساق،غەم-ئەندىشىلەردىن قۇتۇلساق دەيمىز.
شاھ ئەتىسى تاڭ بىلەن تەڭ ئامان-ئېسەن ئويغاندى.ئۇ سارايغا قوبۇلغا چىقىشتىن بۇرۇن تۈنۈگۈنكىلەر يەنە كەلدى.قەسىرگە ئىتائەت رەسمىنى ئادا قىلىشقا كىرىشتىن بۇرۇن ئۇلار ئوردا دەرۋازىسى ئالدىغا توپلىنىپ ئەتىگەنلىك قوبۇلنى كۈتۈشتى.بىكارچىلىقتا بۈگۈنكى يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى پەرەز قىلىشتى.دەسلەپ بىر ۋەزىر ئېغىز ئاچتى:
-شاھ تېخىچە يوق.مېنىڭچە ئۇ سۆزىمىزگە بۈگۈنمۇ جاۋاپ بەرمەيدۇ.
يەنە بىرى دېدى:
   -شاھىمىز دانادۇر.ئۇ ئەقىلدىن يىراق ئەمەس. بۈگۈن بىزنى چوقۇم قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئېرىشتۈرىدۇ.
-مېنىڭچىمۇ شۇنداق،كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇ.جاۋاپ بۈگۈندىن كېيىن قالمايدۇ.بۈگۈن بىز ئۇنىڭدىن جەزمەن مۇناسىپ جاۋاپ ئاڭلايمىز.
بارلىق ۋەزىرلەر جەم بولۇشتى.ئەتىگەنلىك قوبۇلمۇ باشلاندى.ۋەزىرلەر خىرامان ھالەتتە قەسىرگە كىردى.ئۇلۇغلار ئۆز جايلىرىنى تېپىپ مۇناسىپ ئورۇن تۇتۇپ ئولتۇرۇشتى. ئۇلاردىن بىرىنىڭ قولىدا بىر ئالتۇن جام بار ئېدى.ئۇلار ئۇ كاسىنى كۆز-كۆز قىلىپ ئۈن چىقارماستىن ئولتۇرۇشاتتى.كېيىن ئۇلاردىن بىرى كاسىگە ئىسسىق قان قۇيۇپ ئوتتۇرىغا قويدى.خۇسرەۋنىڭ نەزىرى ئۇ كاسىگە چۈشكەندە بىردىنلا ئولتۇرغانلارنىڭ بارچىسى ئۇ كاسىدىن يۈز ئۆرۈشتى.شۇنىڭ بىلەن تېزدىن ئۇلار ئوتتۇرسىدا غۇلغۇلا پەيدا بولدى.خالايىق ‹‹شاھ نىمە دەركىن؟›› دەپ ئۇنىڭغا قاراشتى.شاھ بۇ ھالدىن تەئەججۈپلەندى ۋە ئىرانلىق زاتلارغا سۇئال قويدى:
-ئەي ۋەزىرلەر، بۇ كاسىگە نىمە ئۈچۈن قان قۇيۇلدى،بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
ۋەزىر دەرھال جاۋاپ بەردى:

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 08:11:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-ئەي ئۇلۇغ شاھىم،كاسىدىكى كۆرگەننى بەد مىجەز قىلىدىغان ناجىنىس قان.دېمەك ئۇ –ئاغۇ!
شاھ ۋەزىرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ غەزەپلەندى ۋە بۇيرىدى:
-كاسىنى تېزدىن پاكلاڭلار!
ئالتۇن كاسە سۇ ۋە تۇپراق بىلەن پاكىز يۇيۇلۇپ  قاندىن تازىلاندى.ئاندىن پاكىزلەنگەن ئۇ كاسىگە قىرمىز شارابى قۇيۇلدى.شاراپ ئۈستىگە يەنە مۈشك-مۇئەتتەرمۇ سېپىلدى.شۇندىلا ئۇ قاچا قۇياشتەك جىلۋىگەر ھالەتكە كەلدى.شاھ ۋەزىردىن سورىدى:
-بۇ جام ئۆزگەردىمۇ، ئەسلى ھالىتىدە قالدىمۇ؟!
جاۋاپ قىلىندى:
-ئۇلۇغ شاھىم مەڭگۈ ياشىغاي،دۇنياغا دائىملىق تىنچلىقنى ئورناتقاي.سىلى چەكسىز قۇدرەت ئېگىسى.پەرمانلىرى بىلەن دوزاقنىمۇ بېھىشكە ئايلاندۇرالايلا.دېمەكچىمىزكى،يامانلىقتىن قول ئۈزۈپ ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلغايلا!
شاھ جاۋاپ بېرىپ دېدى:
-دېمەكچى بولغىنىڭلارنى چۈشەندىم.سىلەر بۇ دەم شېرىننى خۇددى قان قۇيۇلغان قاچىدەك دەپ پەرەز قىلدىڭلار.لېكىن كېيىنكى بىشارەتنىمۇ چۈشىنىڭلار.پەرمانىم ۋە رايىم بىلەن ئۇ قان تولغان قاچا قولۇمدا بۇيى ۋە رەڭگى كىشىنى مەپتۇن قىلغۇدەك مەيگۈنگە ئايلاندى.مەيدىن ئاۋۋال شېرىن بەتتام،ھارام نەرسە چاغلانغان  بولسا، ئۇلۇغلارنى كۆرگەندىن كېيىن ھۆرمەت ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىپ شېرىن نېمەتكە ئايلاندى.
شاھنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ ھەممە ئۇنى ماختاپ چەكسىز ئاپىرىن ئېيتىشتى.
-ئەي، دانا شەھرىيار،پۈتكۈل زېمىن تاجۇ-تەختلىرىدىن ياشنىسۇن.ھەمىشە ئەلگە ياخشىلىق قىلىلا.سىلى كىمنى يۆلىسىلە خۇدامۇ شۇ كىشىنى يۆلەيدۇ.ئۆزلىرى بىزنىڭ شاھىمىز شۇنداقلا مەردانە سەرۋەرىمىز.دېمەككى، سىلى تەڭرىنىڭ زېمىندىكى سايىسى.   
شۇنداق قىلىپ شاھ خۇسرەۋ ئەدلى-ئادالەت بىلەن گۈللىنىپ بارار ئېدى.

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  366
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 218
تۆھپە : 0
توردا: 36
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 11:52:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىللار پاساھىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان بۇ داستان دىل گۈلزارىنىڭ بىر جام سۈيىنى بىر بىر ئېدىش بەلكى بىر ئېرىق قىلۇر...

http://harunbeg.com

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 14:49:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاھنىڭ ئاي سۈپەت نىگاھى قۇياش سۈپەت بولدى.ئۇنىڭغا قەيسەر قىزى شېرىن ھەمىشە دىلدار ئېدى.ئۇ ھامان ھەرەمنىڭ سەردارى بولۇپ ھەرەمدىكى ئىشلارنى باشقۇراتتى.شاھ خۇسرەۋنىڭ يەنە بىر خانىشىنىڭ ئىسمى مەريەم بولۇپ شاھ ئۇنىڭغىمۇ قەۋەتلا ئامراق ئېدى.ئۇ ئالتۇن ھەرەمنىڭ باش سەردارى ئېدى.شۇڭا شېرىن مەريەمدىن كۈنچىلىك تارتىپ دەرد ئىچىدە پۇچۇلىناتتى.رەشىك ئوتى باغرىنى كۆيدۈرۈپ چېھرىمۇ سولماقتا ئېدى.ئۇ بۇ دەرتلەرگە چىداپ بولالمىدى.ئاقىۋەت مەريەمگە ئوغۇ ئىچۈرۈپ ئۇنىڭ گۈزەل ئۆمرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تېنىنى قاراڭغۇ زۇلمەت ماكانى بولغان  گۆرگە يوللىدى.ئۇ شۇنچىلىك پەسكەش ئىشنى قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئىس-بۇسىنى چىقارماي مەخپى قىلغان بولغاچقا، بۇ ئىشتىن ھېچكىمنىڭ خەۋىرى يوق ئېدى.ھەممە مەريەمنى ‹‹ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن›› دەپ تونۇيتتى.بۇ سىرنى شېرىن  پەقەت بىر ئۆزىلا دىلىدا تۇتۇپ تۇرغان ئېدى.
مەريەمنىڭ ۋاپاتىغا ساق بىر يىل بولغاندا شېرىن ئالتۇن ھەرەمگە داخىل بولۇپ مەريەمنىڭ ئورنىنى ئالدى. ئۇ كۈندىشى ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ ئارزۇ قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ لېكىن كۆڭلى يەنىلا تىنچىمىدى.
شاھ خۇسرەۋنىڭ مەريەمدىن بولغان بىر ئوغلى بار بولۇپ ئۇنىڭ ئىسمى شىروي ئېدى.ئۇ ئەمدىلا  ئون ئالتە ياشقا كىرگەن بولسىمۇ لېكىن بەئەينى ئوتتۇز ياشلىق قىران يىگىتلەردەك بوي-بەست ۋە كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە بولغان ئېدى.شاھ ئوغلىنىڭ بۇنداق قەددى-قامىتىگە ئېتىبار بېرىپ ئۇنى ھەربى ئىلىم بويىچە راۋۇرۇس تەربىيەلىمەك بولۇپ مۇناسىپ  ئۇستا چاقىرتتى.بۇ ئۇستاز باشقا بىرسى ئەمەس شاھنىڭ ۋەزىرى ئېدى.ۋەزىر شاھنىڭ ئەمرىنى دىلىدىن ئۇلۇغ بىلىپ كېچەيۇ-كۈندۈز شاھزادىنى تەربىيەلەش ئىشى بىلەن مەشغۇل بولدى.كۈچ ۋە ئەقلىنى ئايىمىدى.
لېكىن شاھزادە ئانچە ئىخلاسمەن ئۆگەنگۈچى ئەمەس ئېدى.تولاراق چاغلاردا ئۆگىنىش ۋە مەشىقنىڭ ئورنىغا ئويۇن-تاماششا  بىلەن مەشغۇل بولۇۋالاتتى. كۈنلەردىن بىر كۈن ۋەزىر ئادىتى بويىچە شاھزادىنىڭ قەسىرىگە كېلىپ ئۆزى تەربىيەلەۋاتقان بۇ قۇتلۇق كىشىدە غەيرى بىر ئەھۋالنى كۆردى.شېرۇينىڭ يېنىدا بىر دەپتەر تۇراتتى.ئۇنىڭغا ‹‹كەلىلە ۋە دېمىنە››نىڭ شەرھى يېزىلغان ئېدى.لېكىن ئۇ باتۇر يىگىت دەپتەرگە قارىماستىن ئويۇن بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ئېدى.ئۇ ئوڭ قولىغا بۇقا مۈڭگۈزىنى، سول قولىغا كېسىپ قۇرۇتۇلغان بىر بۆرە  پۇتىنى ئېلىۋالغان بولۇپ ھەدەپ ئۇ ئىككىسىنى بىر-بىرى بىلەن سوقۇشتۇرۇپ ئويناۋاتاتتى.

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 15:28:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەزىر ئۇنىڭ بۇ پايدىسىز ئويۇنى ۋە پەس قىلمىشىنى كۆرۈپ غەمكىن بولدى.پال ئېچىۋىدى، بۆرە پەنجىسى بىلەن قوتاز مۈڭگۈزى شۇملۇقتىن بىشارەت بېرىپ چىقتى.شۇنىڭ بىلەن ۋەزىر:‹‹بۇ بەدبەخت ئاقىۋەت قانداق قارا كۈنلەرگە قالار؟!››دەپ غەم يەپ ئالەمنىڭ بۇ تەتۈر سەۋداسىدىن راسا ئۆكسىدى.شۇ سائەتتە باشقا ۋەزىرلەرنىڭ قېشىغا كىرىپ:‹‹مەن تەربىيەلەۋاتقان بۇ ئۇلۇغ زات ئۆگىنىشنى ئۇنتۇپ ئويۇن بىلەن بەنتدۇر››،-دېدى.كېيىن شاھ خۇسرەۋنىڭ يېنىغا كىرىپ ئۇنىڭغا  شاھزادىسىنىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەردى.پەرزەنتىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ شاھنىڭمۇ چېھرى سارغايدى.ۋۇجۇدى غەزەپتىن لەرزىگە كەلدى.ئۇ مۇنەججىمنىڭ ئوغلى ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىنى ھەر بىر ئەسلىگىنىدە ئەلەمدىن يۈرەك باغرى ئۆرتۈنۈپ قان بولاتتى.ئۇ پەلەكتىن قايتا-قايتا ئىلتىجا قىلاتتى:
-ئەي ھىيلىگەر پەلەك،ماڭا تېزرەك توغرا يول كۆرسەت. قانداق قىلسام ئوغلۇم باتۇر،دانا ئادەم بولۇپ يېتىلىپ، ئىشلىرىمغا ۋارىس بولالىغۇدەك سالاھىيەتكە ئىگە بولالايدۇ؟!
خۇسرەۋ ئىرانغا شاھ بولۇپ ئارىدىن يىگىرمە ئۈچ يىل ۋاقىت ئۆتكەن چاغدا شىرۇي كامال تېپىپ بەئەينى بىر پىلدەك باتۇر ئەزىمەت بولۇپ يېتىشىپ چىقتى.شاھ بۇنىڭدىن خۇشال بولۇپ خاتىرجەملىككە ئېرىشىش ئورنىغا ئەكسىچە، شىرۇينى ئۆزىنىڭ خەتەرلىك دۈشمىنى دەپ بىلدى.بۇ دۈشمەنلىكمۇ ئەلۋەتتە شېرىن تەرەپتىن كەلگەن ئېدى.ئۇ ھەدەپ شىرۇينى يامان كۆرسۈتۈپ:
-ئۇ بۇرۇن ياش ئېدى،گۆدەك ئېدى.ھېچنىمىنى بىلمەيتتى.سىلىگە سۆزسىز  ئىتائەت قىلاتتى.مانا ئەمدى،چوڭ بولدى،پىلدەك كۈچ قۇدرەتكە تولدى.تېزرەك كۆزلىرىدىن يىراق قىلمىسىلا سىلىگە خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ.قارىسام ئۇنىڭ پەيلى يامان تۇرىدۇ.بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى سىلىنى ئۆلتۈرۈپ شاھلىق تەختنى تارتىۋالمىغۇچە بولدى قىلمايدۇ!...
شاھ ۋەزىرلىرىنى يىغىپ كېڭەش قىلدى.بۇ كەمدە ئۇلارمۇ شېرىن تەرەپدارى بولۇپ كېتىپ ھەققانىيەت تۇيغۇسىنى يوقاتقان ئېدى.شۇڭا ئۇلارمۇ تەتۈر ئەقىل كۆرسەتتى.كېڭەشتىكىلەرنىڭ قارارى شۇ بولدىكى:
-‹‹سۇ كەلگۈچە توغان سال›› سېگەندەك قەبىھ دۈشمەنگە ئالدىن قول سالىدىغان پۇرسەت بەرمەي ئۇنى باش كۆتۈرگەن ھامان ئۇجۇقتۇرماق كېرەك.سۆز چۆچەككە قالماسلىق ئۈچۈن ئۆلتۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ.سىڭلىسى بىلەن قوشۇپ زىندانغا بەند قىلايلى.ئاندىن قىلغان سۈيىقەستلىك ئىشلىرىنى تەپتىش قىلايلى.

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 15:46:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىندى.شىرۇي بىلەن سىڭلىسى زىندانغا بەند قىلىنىپلا قالماي بۇرۇن كىم ئۆزىنى ئۇنىڭغا يېقىن تۇتقان،دوست بولغان،مەسلىھەت چېغى كېڭەشلىرىگە قاتناشقان بولسا يۇرت خانى شۇلارنىمۇ قوشۇپ زىندانغا تاشلىدى.شۇ قەدەر باغرى قاتتىقلىق قىلدىكى، بۇ سەۋەپ بىلەن زىندانغا تاشلانغان مەھبۇسلار سانى ئۈچ مىڭدىن ئاشتى.شاھ ئۇلارنىڭ زىنداندا پىكىر بىرلىكى قىلىۋېلىپ توپىلاڭ كۆتۈرىشىدىن ئەنسىرەپ ،ئۇلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ ھەر بىرىنى بىردىن مەخسۇس خانىغا قامىدى.ئۇلارنى كىيىم- كېچەكتىن، نازۇ-نېمەتتىن،زىبۇ-زىننەتتتىن،سوۋغاتلاردىن ئايرىپ ئېغىر كۈلپەتكە مۇپتىلا قىلدى.يەنىلا خاتىرجەم بولالماي ئارىغا ئادەم قويدى.
شۇنداق بىر قاتار ئىشلاردىن كېيىن شاھ غەمدىن خالاس بولۇپ بۇرۇنقىدەك ئەيش-ئىشرەت بىلەن مەشغۇل بولدى.غۇلاملار ئۇنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ھەر ئىشتا تەييار تۇرۇشتى.شاھنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن مەي بىلەن مۇغەننىلەرنى بىسيار كۆپ يوللۇشۇپلا قالماي خىراجەت ئۈچۈن شاھ قەسرىنى دىنارلار بىلەن تولدۇردى.شاھنىڭ مەئىشىتى ئۈچۈن ساز بىلەن مەي-تائام پاراۋان ئېدى.قىرىق باتۇر مەرد قورغانغا پاسىبان بولۇپ شاھنىڭ ئامانلىقىنى كېچە-كۈندۈز قوغدايتتى.

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 16:45:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇسرەۋنىڭ ۋىس قەسرىنى قۇرغانلىقى
بۇ داستان دىلى بىر،تىلى بىر ئول ئەھلى راستانلارنىڭ نەقلىدىن ھىكايەت قىلىدۇ.بۇ داستاندا ئىسمى‹‹قەسرى ۋىس›› دەپ ئاتىلىدىغان تەخت ھەققىدە سۆزلەپ بېرىمەن.ئۇنى خۇسرەۋ پەرۋىز بىنا قىلغاندۇر.لېكىن ئۇنىڭ سەرمايىسى زەھھاكتىن-ئەشۇ نائىنساپ،ناپاكتىن ئېدى.باتۇر پەرىدۇن دەۋران سۈرگەن چاغلاردا ئۇنىڭ مەردلىك نامى تىللاردا داستان بولغان ئېدى.دەماۋەند تېغىدا جەھن ئىسىملىك بىر زات ياشايتتى. شاھ ئۇنى ئەلدە ئېھتىيات بىلەن ساقلايتتى.ئۇ مەردنىڭ نامى پۈتكۈل جاھانغا پۇر كەتكەن بولۇپ بارلىق ھۈنەرۋەنلەرنىڭ پىر ئۇستازى ھېساپلىناتتى. كارامەت ھۈنىرىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ھەر بىر يۇرتقا يېتەتتى.ئۇنىڭ قولىدا ھەشەمەتلىك بىر تەخت پۈتكەن چېغىدا شاھ پەرىدۇن بۇ خۇش خەۋەردىن دەرھال خەۋەر تاپتى.شاھ ئۇنى ئىلكىگە ئېلىۋالماق بولۇپ تەختنىڭ ھەققى ئۈچۈن جەھنگە ئوتتۇزمىڭ دىرھەم،ئىككى سىرغا،ھەم بىر ئالتۇن كۇلاھ بەردى.سارىۋ ۋە ئامۇللارنىڭ سۆزىنى بەجا كەلتۈرۈپ بۇ تەختنىڭ يۈزىنى جەننەتتەك ماكانغا ئايلاندۇردى.ئىراننى ئىراجغا تاپشۇرغان چاغدا بۇ قەسىرنىڭ نامى تېخى ئۇنداق زور ئەمەس ئېدى.شاھ پەرىدۇن ئۇنىڭ سەلتەنەت شانىنى پۇزۇن قىلماق ئۈچۈن ئۆزىدىن ئۈچ نەرسە قوشتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئا.قابىلجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-7 19:40  


قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 20:01:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلارنىڭ بىرى تەخت،بىرى شىر باشلىق چوقماق،يەنە بىرى يەتتە كۆزلۈك گۆھەر ئېدى.بۇ ئالەم ئىچىدە ئۇ ھەرچاغ يادىكار بولۇپ تۇراتتى.چۈنكى ئۇ ئادالەتنىڭ بەلگىسى بولۇپلا قالماي يەنە تەڭسىز ۋە چىرايلىق ئېدى.
ئېراجدىنمۇ مۇشۇ ئۈچ نەرسە قالدى.مەنۇچېھىر ئۇنىڭدىن كۆپ خۇرسەند بولدى.شۇندىن كېيىنكى دەۋرلەردە كىمىكى تەلىيى كېلىپ شاھلىق تاجىنى بېشىغا تاقىسا، ئۇنىڭغا بىردىن يېڭىلىقنى قوشۇپلا كەلدى.نۆۋەت نېكبەخت كەيخۇسرەۋگە كەلگەندە بۇ تەختنىڭ سەلتەنىتى كۆپ ئاۋات بولدى.شۇ يوسۇن لۇخرەسىپكە يەتتى.ئۇندىن شۇنداق ئۆتۈپ گۇشەسپكىمۇ كەلدى.گۇشەسپ تەختنىڭ رەۋىشىنى كۆرگەچ مۇنداق دېدى:
-ئۇلۇغلار ئىشىنى داۋام قىلدۇرماق كېرەك،-ئاندىن ئۇ ھۆكۈماسى جامەسىپكە بۇيرىدى:
-ئەي ئىسىلزادە ھۆكۈما،بۇرۇن ئۆتكەن شاھلار بۇ قەسىرگە بىردىن يېڭىلىق قوشۇپ ئۆزىنىڭ كۈچ- قۇدرىتىنى نامايەن قىلىپلا قالماي، ئۆزىنىڭ شانلىق ئىزلىرىنى بۇنىڭغا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىكەن. ئەمدى شاھلىق نۆۋىتى ماڭا كەلگەندە مەن ئۇنىڭغا زادى نېمە قوشۇشۇم كېرەك؟ بۇنى بىلەلمىدىم.سەن بىرمۇ بىر كۆرۈپ باققىن.بىز قوشقان نەرسە ئۇنىڭ داڭقىنى ۋە سەلتەنەت كۆركىنى چىقارسۇن.
جامەسىپ پەرمانغا بىنائەن ئۇ تەختنى تاماششە قىلدى.كېيىن ئىلىم-ھىكمەت بىلەن بىر خەزىنە بىنا قىلدى.ئۇنىڭدا ئەرشىئەلانىڭ تىمسالىنى كۆردى.نىمىنى قوشۇش كېرەكلىكىنى ھېساپلاپ كۆرۈپ زىمىندىن تارتىپ تاكى ئايغىچە بولغان بارلىق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ مودىلىنى لاھىيەلەپ ياساپ ئۇ تەختكە بەخش قىلدى.كېيىنكى دەۋرلەردىمۇ كىم تەختكە چىقسا ئۇنىڭغا داۋاملىق بىر يېڭىلىق قوشتى.ئەقەللىسى پىل سۆڭەك،ئالتۇن،كۈمۈش سىم دېگەندەك ماتېرياللارنى ئىشلىتىپ ئۇنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.
ئەپسۇسكى بۇ ئادەت ئىسكەندەر دەۋرىگە يەتكەندە ئىسكەندەر جاھىللىق قىلىپ بۇ تەختنى چاناپ تاشلىدى ۋە ئەلدىن پىنھان قىلدى.كېيىنكى دەۋرلەردىمۇ نى نى پادىشاھلار ئۇنى داۋاملىق پىنھان ساقلىدى. تاكى ئەردەشىر دەۋرىگە كەلگىچە ئۇنىڭ تۈپەيلى پادىشاھلارنىڭ غېمى ئارتقان ئېدى.تەخت ئەھلى نىمىنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ دىلى پەقەت ئارمان بىلەنلا قېلىپ قالدى.دېمەك شاھ بولغۇچى ئەلەمدە ئۆتتى.تەخت ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەرگە قېلىپ قالدى.

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 20:34:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەۋراننى ئۇنىڭدىن باشقا بىر شاھ ئالدى.شۇ يوسۇن پەرۋىزگە يەتتى.تەختمۇ ئىلگىركىلەردىن ئۇنىڭغا قالدى.ئۇ تەختتە مۆتىۋەر ئۇنۋان كەسىپ ئەتمىش ئېدى.پەرۋىز ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكنى نىيەت قىلىپ ھەرقايسى يۇرتلاردىن قانچىلىغان  ماھىر ئاقساقاللارنى تەكلىپ قىلىپ كەلتۈردى.ئۇلار توپلىنىپ شۇ تەخت ھەققىدە سۆزلەشتى.يۇرت –يۇرتلاردىن ئۇ تەختنىڭ قالدۇق  پارچىلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ توپلاشتى.ئاندىن بۇ تەختنى تىكلەشنىڭ چارىسىنى ئىزدەشتى.ئىرانلىق كۆپ زېرەك بىر ۋەلى ئادەم بار ئېدى.ئۇ ئادەم ئەقىل- پەم ئىشلىتىپ ئەردەشىر تەختىنى قايتا قۇراشتۇرۇپ پۈتتۈردى.ئاندىن ئۇ تەختكە شاھ تەختىنى پەيۋەندە قىلدى.رۇم بىلەن چىندىن،مۇكراندىن،باغداتتىن ۋە يەنە ئىراندىن زەرگەرلەر كەلدى.بىرمىڭ بىر يۈز يىگىرمە زەرگەر ئۇستا جەم بولدى.ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بۇ تەختنى ياد بىلەر ئېدى.ئۇلاردىن باشقا رۇم،باغدات ۋە پارستىن ماھىر ئۇستىلار كەلدى،ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ يەنە ئوتتۇزدىن شاگىرتى بار ئېدى.شاھ ئۇلارغا شاھانە سۆزلەر بىلەن ئىلھام بېرىپ قەسىرنى قايتا ياساپ چىقىشقا بۇيرىدى.ئۇلار كېچە-كۈندۈز ھاردىم-تالدىم دېمەي ئىشلەپ ئىشنى ئىككى يىلدا تامام قىلدى.
قەسىر پۈتكەندىن كېيىن ئۇستىلار  ھەشەمەت تەختىنى ئۇنىڭ ئايىقىغا قويدى.بۇ تەختتە پادىشاھنىڭ ھالاۋەت بەختىنى جۇلالىق قىلىپ قويۇشتى.بۇ تەختنىڭ قەددى نەچچە يۈز گەز كېلەتتى.پايەسىنى ئۆلچەشكە غۇلاچمۇ يەتمەيتتى.كەڭلىكى يۈز يىگىرمە گەز كېلەتتى.ئۇزۇنلىقى قەددىدىن سەل قىسقا ئېدى.ھەممە ئاينىڭ ئوتتۇز كۈنىدە تاڭ مەزگىلىدە ئۇنىڭ سېلىنغان گىلىمى بىر-بىرىگە ئوخشىماس ئېدى.بۇ تەختكە ئىشلىتىلگەن تىللا نەقىشلەرنىڭ سانى بىر يۈز قىرىق مىڭ ئېدى. ھەر بىرىگە گۆھەرلەردىن زىننەت بەخش قىلىنغان ئېدى.ھەممە مىخلىرى ساپ كۈمۈشتىن تەخ قىلىنغان بولۇپ ۋەزنى ئاتمىش مىسقالدىن جىق ئېدى.ھەر كۈن سەھەر قۇياش خانىسىدىن چىققاندا بۇ قەسىرنىڭ ئارقىسى دەشتكە، ئالدى گۈلزارلىق باغقا قارايتتى.چىڭقى چۈشتە قۇياش ئارسلانسىمان كۈچ ئالغاندا نۇرى تەخت ئۈستىگىلا چۈشەتتى.ئۇ مىۋىزار باغ تامان قاراپ باغدىكى گۈللەر ۋە مىۋىلەرنىڭ خۇش ھېدىنى شۈمۈرۈپ ئالاتتى.  

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 21:09:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىش چېغى سوغ جاندىن ئۆتكەن،شامال -بورانلار چىققان،يامغۇرلار ياغقان دەملەردە ھېچكىم بۇ تەختتە غەم-ئەلەم چەكمەس ئېدى.ئۇنىڭدا تارتىلغان قىممەت باھالىق دەرپەردىلەر بار بولۇپ كۈندۈزى سەۋسەردەك جىلۋە قىلار ئېدى.ئۇنىڭدا مىڭ دانە زەر ۋە كۈمۈشتىن ياسالغان چەۋگەن توپ بار ئېدى.ئۇلار ئىللىق ئوت نۇرىدا خوپ جۇلالايتتى.ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئېغىرلىقى بىر يۈز بەش مىسقالدىن كېلەتتى.رەڭگى ئوت مىسالى جىلۋە قىلاتتى.ئۇلاردا ئاسماندىكى يۇلتۇزلار سانىقى،ئون،ئىككى،يەتتە بۇرجلار ئۆز ئىپادىسىنى تاپاتتى.بۇ بۇرجدا ھەتتا تولۇن ئايمۇ بار بولۇپ خىلۋەتتە كۆز قىسىپ نۇرلۇق جامالى بىلەن ئەتراپنى نۇرغا كۆمەتتى.توپلارنىڭ بىرلىرى ھەركەتتە بولسا، بىرلىرى جىم تۇراتتى.مۇنەججىم ئۇلارنى بىرمۇ بىر كۆزىتىپ قايسى يۇلتۇز ئۆتتى،قايسىسى تېخى ئۆتمىدى،قايسىسى مىررىخ،قايسىسى زۆھرە،يەر قانچە رەت ئايلاندى-ھەممىسىنى بىرمۇ بىر كۆزىتىپ بىلەلەيتتى.بۇ بۇرجلارنىڭ نەچچىسى تىللادىن ياسالغان ئېدى.ئۇلارنى نەققاشلار شۇنداق ئورناتقان بولۇپ ھېچكىممۇ سانىغا يېتەلمەس ئېدى.دانالارمۇ بۇ سىرنى ھەل ئېتەلمەيتتى.ئۇنىڭغا شۇنچە كۆپ بايلىق ئىشلىتىلگەن ئېدىكى،ئۇنىڭدىكى ئەڭ ئاددي بىر پارچە گۆھەرنىڭ باھاسىمۇ نەق يەتمىش دىنارغا توختايتتى.ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قىزىل گۆھەرلەر بولۇپ جاھان بازارىدا تەنھا،بىباھا ھېساپلىنار ئېدى.بەئەينى سانسىز زۆھرە يۇلتۇزى نۇر چاچقان كەبى ئۇنىڭدىن تۈن قوينى-ئاسمان يۈزى يورۇق ئالاتتى.ئۇ زور تەختنىڭ يېنىدا ئۈچ تەخت تۇراتتى.ئۇلار باشتىن ئاياغ گۆھەر كانى ھېساپلىناتتى.ھەر تەختتە سەرخىل تۆت پايە بولۇپ، ھەممىسى زەر ۋە گۆھەرلەر بىلەن ئىسىل نەقىشلەنگەن ئېدى.كىچىك تەختنىڭ نامى ‹‹مېشسار›› ئېدى.ئۇنىڭغا بىر قوينىڭ بېشى ئويۇلغان ئېدى.چوڭ تەختنىڭ نامى‹‹لاجۇۋەرد››ئېدى.بۇ تەختتە نۇر تەنتەنە قىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ كىر تەگمەس ئېدى.ئۈچىنچىسى فېرۇزە تەخت بولۇپ كۆرگەن كىشىنى ئۆزىگە رام قىلاتتى.قوبۇلغا كەلگەن دېھقان ياكى خىزمەتكار مېشسار تەختتىن جاي ئالاتتى.كىمىكى جەڭلەردە قەھرىمانلىق كۆرسۈتۈپ مەردۇ- پالۋان ئاتالسا لاجۇۋەرد گۈمبىزىنى ماكان قىلاتتى.فېرۇزە تەخت بولسا باش ۋەزىرنىڭ جايى ئېدى.ئۇ شۇ تەختتە ئولتۇرۇپ شاھتىن قانداقلىكى پەرمان بولسا ئۇزاقمايلا بېجىرەتتى.فېرۇزە تەختىدە تۇرغان بۇ ئادەم ھەم دانا- ئەقىللىق،ھەم باتۇر-پەھلىۋان بولۇشى كېرەك ئېدى.


قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 21:43:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تەختكە بىر پارچە زەرباپ ماتا تاشلانغان ئېدى.ئۇزۇنلىقى ئەللىك غۇلاچچە كېلەتتى.ئۇل جامەنىڭ يىپى گۆھەردىن ئېدى.ئىشلىتىگەن ئالتۇن پۆپۈكلەرنىڭ تەرىپىنى قىلىشقا تىل ئاجىزلىق قىلاتتى.ئۇنىڭدا ئاسماننىڭ -ھۇرمۇزد،بەھرام،مېھىر،كەيۋانلارنىڭ سۈرىتى ھاسىل قىلىنغان ئېدى.ئۇنىڭدا يەنە كېچە بىلەن كۈندۈز،ئاي بىلەن يۇلتۇزمۇ نامايەن قىلىنغان ئېدى.ئۇ يەتتە ئىقلىم بىر يەرگە جەم قىلىنغان كاتتا بىر ئەسەر ئېدى.مەيلى دېھقان،مەيلى رۇملۇق قەيسەر،مەيلى قىرىق سەككىزمىڭ پادىشاھ بولسۇن ھەممىسىدىن ئۇندا نىشان بار ئېدى.تاجۇ-تەختتە سۈرەت جىلۋە قىلىپ تۇراتتى.ئۇندا شاھىنشاھلارنىڭ نامى زەر يىپ بىلەن تىكىلگەن، جاھاندا تەڭسىز نەقىش-نىگار ئېتىلگەن ئېدى.چىنلىق دانا ۋە ئاقىل بىر ھۈنەرۋەن بۇ جامە (‹‹جامە››نىڭ چاغاتاي تىلى لۇغىتىدىكى ئىزاھاتى تون،كىيىم،لىباس دېگەن مەنىدە كېلىدىكەن.ئۇنى مەزمۇن بىلەن بىرلەشتۈرگەندە ھېلىقى چوڭ ماتاغا زەر يىپ بىلەن تىكىلگەن كەشتە بولۇشى مۈمكىن) نى نەق يەتتە يىل تىككەن ئېدى.
يېڭى يىل بېشىدا ھۇرمۇزد فەرۋەدىن ئىران ئېلى تەختىگە يېقىن كەلدى.ئۇ شاھلىق لىباسىنى شاھقا ئېلىپ كەلدى.شاھ ئۇنى كىيگىنىدە بارچە ئەل ئۇ قىبلىگاھقا ئەگەشتى.نەۋرۇزدا روھىي-ھاۋانى شادلىققا تولدۇرۇپ مۇشۇ جامەنى يەرگە سېلىشتى.ئول جامە ئۈستىدە مەجلىس قۇرۇلدى.مېھمانلار ۋە ساھىپخان مەي ئىچىپ،كۈي ئاڭلاپ ئىشرەت پەيزىنى سۈردى.سەركەشلەرنىڭ سازلىرىغا ئاپىرىنلار ئوقۇلدى.سورۇننىڭ كەيپى شاھنىڭ ئەلپازىغا شادلىق ئېلىپ كەلدى.سەردارلار پادىشاھنىڭ شەۋكىتىنى قاتار كۈيلىشىپ ئەل-ئاۋامغا گۆھەر ۋە دىنارلارنى چاچقۇ قىلىپ چېچىشتى.
ئەمدى ھوزۇرۇڭلاردا بولىدىغىنى ھاپىز باربەدنىڭ قىسسىسى

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-18 13:29:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاپىز باربەدنىڭ قىسسسى
   پەرۋىز يۇرت ئىشلىرىدىن ئاگاھلىق تۇتۇپ يىگىرمە سەككىز يىل پادىشاھلىق قىلدى.بۇ جەرياندا ھېچكىممۇ ئۇنىڭدىن كارى بەد(يامانلىق)كۆرمىدى. ئىران مەملىكىتىدە ناخشا-سازغا ھەممىدىن ماھىر باربەد ئىسىملىك بىر ئەلنەغمىچى بار ئېدى.ئۇ شاھ قەسرىدىكى ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇراتتى.باشقىلار ئۇنىڭغا دېيىشتى:
-شاھى جاھان ناخشا-سازغا بەكمۇ ھېرىسمەن  ئىكەن.ماھىر سازەندىلەر،داڭلىق ناخشىچىلار ئۇنىڭ ئالدىغا بارسا تولىمۇ ئەتىۋارلىنىپ پاراغەتتە ياشايدىكەن.ئاڭلىساق شاھ ھازىر يىتۈك ھاپىزلاردىن ئىمتىھان ئېلىۋاتقانمىش.سىلى نىمىشقا بېرىپ تەلەيلىرىنى سىناپ باقمايلا! ئەگەر شاھ سارايدا سىلىنىڭ سازلىرىنى ئاڭلايدىغان بولسا، قەدىرلىرىنى قىلىپ بارلىق سازەندىلەرگە سەرۋەر قىلىپ تەيىنلىگەن بولار ئېدى.
باربەد يوقسۇل ئەمەس ئېدى.شاھ يېنىغا بارمىسىمۇ باياشاد ياشاپ كېتەلەيتتى.لېكىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ شاھ ئالدىدا ئۆزىنى كۆرسۈتىۋېلىش،بارلىق سازەندىلەرگە باش بولۇپ تېخىمۇ يۇقۇرى نام-شۆھرەتكە ئېرىشىش ھېرىسلىقى بىلەن سەپەرگە ئاتلىنىپ ئوردىغا كەلدى. ‹‹ ئۆي تارلىقىدىن كۆڭۈل تارلىقى يامان›› دېگەن گەپ بار.شاھ قەسرىدىكى سازەندىلەرنىڭ سەركىشى باربەدنىڭ كېلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ غەمگە پېتىپ مۇسىبەت يەتكەن ئادەمدەك شۈكلەپ قالدى. چۈنكى ئۇ باربەدنىڭ نامىنى ئاڭلىغان ئېدى.ئۇنىڭ سارايغا قەدەم  قويغان ۋە شاھ بىلەن كۆرۈشكەن كۈنى ئۆزىنىڭ ئالتۇن تاۋىقىنىڭ چېقىلغان كۈنى بولۇپ قالاتتى.‹‹  ئاپەت كۆرمەي دېسەڭ ھۇشيار بول›› دېگەن ماقالدا دېيىلگەندەك قىلىش ئۈچۈن ئۇ دەرھال قەسىر دەرۋازىسى ئالدىغا چىقتى.ئۇنىڭچە بولغاندا باربەدنى دەرۋازىدىن كىرگۈزمەي شاھ بىلەن كۆرۈشتۈرمىسىلا ھېچكىم ئۇنىڭ يەۋاتقان ئېشىنى تارتىۋالالمايتتى.سەركەش دەربان(ئىشىك باقار،دەرۋازىۋەن) بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا نۇرغۇن دىنارلارنى سوۋغا قىلدى ۋە دېدى:
-ئاڭلىسام بىر ھاپىز شاھ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كېلىۋاتقانمىش.بىلىشىمچە ئۇ سەنئەت بابىدا بارلىق سازچىلارنى بېسىپ چۈشكىدەك ماھىر سازەندە ئىمىش.سەندىن ئۆتۈنىدىغىنىم شۇكى ئۇنى خۇسرەۋ ھوزۇرىغا كىرگۈزمەستىن مۇشۇ يەردىنلا كەلگەن يېرىگە قوغلىۋەتكىن.بولمىسا مەندەك بىر نامدار دوستۇڭنىڭ بېشىغا غەم سېلىپ قويىسەن.
دەربان ماقۇل بولدى.ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ باربەد كەلگەن چاغدا ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ شاھ بىلەن كۆرۈشتۈرمىدى.باربەد قانچە يېلىپ يالۋۇرسىمۇ قۇلاق سلمىدى.شۇنىڭ بىلەن چوڭ ئۈمىد بىلەن كەلگەن باربەد ئۈمىدسزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالدى.ئۈمىدنى ئۈزۈپلا قايتىپ كېتەي دېسە يىراق يول بېسىپ كەلگەنلىكىنى،قۇرۇق قول قايتسا دست-دۈشمەنلىرىنىڭ مازاق قىلىدىغانلىقنى ئويلاپ قايتىپ كېتىش ئويىدىنمۇ ۋاز كەچتى.باشقىچە ئۇسۇل قوللىنىپ شاھ بىلەن كۆرۈشۈش نىيىتىگە كېلىپ خېلى ئويلاندى. كېيىن ناھايىتى ئەپچىل چارىدىن بىرنى تېپىپ شۇ ئۇسۇلنى قوللانماقچى بولدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئا.قابىلجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-18 13:34  


قابىلجان
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش