كۆرۈش: 254|ئىنكاس: 4

نادان قويلار-ئەدىھەم ئىبراھىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 851
تۆھپە : 0
توردا: 138
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 18:44:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادان قويلار
چۆچەك
بۇ ناھايىتى ئۇزۇق يىللار ئىلگىرى بولغان ئىش.قويلار ئەزەلدىنلا موشۇ يايلاقتا ياشاپ،ئەۋلات قالدۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىكەن.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاق كۆڭۈل،مۇلاھىملىقى،ئىشچان-ئۇيۇشقاقلىقى بىلەن داڭق چىقىرىپ قوشنا يايلاقتىكىلەرنى تاڭ قالدۇرۇپتۇ، تۇڭغۇزلار جاھانغا پۇر كەتكەن بۇ گۈزەل يايلاقنىڭ نامىنى ئاڭلاپ،ئۇنىڭغا خوجا بولىۋىلىش قەستىنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ.چۈنكى بۇ چاغدا تۇڭغۇزلارنىڭ يايلىقىدا چاشقان ئاپىتى يۈز بېرىپ،چاشقانلار ئوت-چۆپلەرنى قىرچىپ،ئۇگۇلاپ يايلاقنى قۇرۇتىۋىتىۋەتكەن ئىكەن.تۇڭغۇزلار ئاق كۆڭۈل قويلار تائىپىسىنىڭ ئۇيۇشقاق،قەيسەرلىكىنى بىلگەچكە ئۇلارنىڭ ماكانىغا بىراقلا باستۇرۇپ كىرەلمەي،ئالدى بىلەن قويلار تائىپىسى بىلەن دوست بولۇش،شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مىجەز-خارەكتىرىنى ئىگەنلەش،ئاندىن ھەرخىل تاكتىكىلارنى ئىشلىتىپ ئۇلارنى باش ئەگدۈرۈش توغۇرسىدا مەخپى يىغىن ئېچىپ،قويلار زىمىنىغا ئەلچى ئەۋەتىپتۇ.قويلار ئەلچىلەر ئېلىپ كەلگەن ساندۇق-ساندۇق ئالتۇن-كۆمۈش،تاۋار-دۇردۇنلارنى كۆرۈپ ئەس-ھوشىنى يوقۇتۇپتۇ ۋە ئۇلارغا:‹ئۆزلىرىنىڭ مېھماندۇس ئەل ئىكەنلىكىنى،يايلاقلىرىنىڭ ئۆزلىرىدىن ئېشىپ-تېشىپ تۇرىۋاتقانلىقى،شۇڭا داۋاملىق كېلىپ ئوتلاپ كېتىشىنى›تەۋسىيە قىپتۇ.بۇ ئىشتىن كېيىن تۇڭغۇزلار ئۇلارنىڭ زىمىنىغا گويا سەلدەك ئېقىپ كېلىشكە باشلاپتۇ ھەم قويلارنى بېشىدا كۆتۈرۈپ،ماختاپ ئاسماندا ئۇچۇرىۋەتكىلى تاسلا قاپتۇ،قويلار بىر مەزگىل مەست بولۇپ خۇدىنى يوقىتىپتۇ.تۇڭغۇزلار يايلاققا قۇڭىنى پاتتۇرىۋالغاندىن كېيىن،بىردىنلا خۇي-پەيلىنى ئۆزگەرتىپ قويلارغا گەپ ياندۇرىدىغان،تىللاپ دۈشكەللەيدىغان بولىۋاپتۇ،قۇيلار ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقلىرىنى ئانچىلا كۆڭلىگە ئېلىپ كەتمەي،يەنىلا مېھمان قاتارىدا كۆرۈپ بېخۇتلۇقتا يۇرىۋىرىپتۇ.تۇڭغۇزلار بولسا تېخىمۇ ئەدەپ قوي قوزىلىرىنى قۇل قىلىپ ئىشلىتىدىغان،گەپ ئاڭلىمىغانلىرىنىڭ گېلىغا تىغ ئۇرىدىغان بولىۋاپتۇ.قويلار بۇ خورلۇقلارغا چىدىماي بىر يەرگە يىغىلىپ ھەسرەت ياشلىرىنى مۆلدۈر-مۆلدۈر ئېقىتىپتۇ. قويلار ئەسلى موشۇ تۆڭگىرەكتىكى مەدەنىيەت جەھەتتە تەرەققى قىلغان تائىپە بولۇپ،ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش،كىيىم-كېچىك مەدەنيىتى ئالاھىدە ئىكەن.ئۇلار ئۇچىسىغا قاتتۇرۇپ كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ، گالئاستۈك تاقاپ.پۇتىغا شىبلىت،بېشىغا شىلەپە كىيىپ يۈرەتتىكەن،ئۇلارغا موشۇ ئەتراپتىكى ھەرقاندىقىنىڭ ھەۋىسى كېلەتتىكەن.تۇڭغۇزلار قويلار تائىپىسىنى بوزەك قىلىۋالغاندىن كېيىن،ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى دەپسەندە قىلغىلى تۇرۇپتۇ.يايلاقتا شىلەپىلىك بىرەرسىنى ئۇچۇراتسىلا گۇمباڭشىتىپ ئۇرۇپ ياتقۇزىۋىتىپ،شىلەپىسىنى تارتىۋېلىپ ئۇنى قىرلاپ كىيىپ،ئوتنىڭ ئۇچىنى يەپ،سۇنىڭ سۈزۈكىنى ئىچىپ قويلاردىن ئىبارەت بۇ يۇۋاش تائىپىگە خوجىدار بولىۋاپتۇ.شۇندىن ئېتىبارەن قويلار بىر يەرگە توپلاشسىلا كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى يۈرەكلىك دىيەلمەي،بېشىنى ئىچىگە تىقىۋىپىپ ئېغىر-ئىغىر ھالسىرايدىغان بولۇپ قاپتۇ.
1996-يىل ئۈرۈمچى

idraksoft

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  583
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 62
تۆھپە : 0
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 21:14:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى بىر قېتىم ئوقۇغاندەك قىلىمەن،شۇ نادان قويلارنىڭ قىسمىتىدىن ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەك، «ئۆزەڭنى چىڭ تۇت قوشناڭنى ئوغرى تۇتما!!!»

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  583
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 62
تۆھپە : 0
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 21:15:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى بىر قېتىم ئوقۇغاندەك قىلىمەن،شۇ نادان قويلارنىڭ قىسمىتىدىن ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەك، «ئۆزەڭنى چىڭ تۇت قوشناڭنى ئوغرى تۇتما!!!»

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  334
يازما سانى: 588
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2071
تۆھپە : 18
توردا: 619
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-10

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 23:41:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹تۇلكە بىلەن قاقىرانىڭ دوسلوقى›› دېگەن مەسەل يادىمغا كەپ قالدى.

گۇھەر ياتىدو سايدا قازمىسا

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  133
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 413
تۆھپە : 0
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 09:17:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز نەسىننى دوراش بەس مۈشكۈلدۇر .
ئۇلار ھېلىھەم ئوتنىڭ ئۇچىنى يەۋاتىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش