مۇھەممەد مەمتېلى ئەدەبىي ئەسەرلىرى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى# M9 d+ [4 g8 Y" }- j. r
2 D3 h5 \: Z% k& v" f! R 2013-يىلى 28-ئىيول (يەكشەنبە) شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، قاراماي گېزىتخانىسى ۋە قاراماي رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان يەرلىك تالانتلىقلار-مۇھەممەد مەمتېلى ئەسەرلىرى مۇھاكىمە يىغىنى قاراماي گېزىتخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دولقۇن تۇرغۇن رىياسەتچىلىك قىلدى. قاراماي گېزىتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى مۇختار مۇھەممەد ھەرقايسى گېزىت-ژورنال، ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىلىرى ئەۋەتكەن تەبرىك تېلېگراممىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. شەھىرىمىز يازغۇچى، شائىرلىرىدىن ئوسمان قاۋۇل، ئىبراھىم نىياز، ئەركىن مۇھەممەد كامالى قاتارلىقلار مۇھەممەد مەمتېلىنىڭ ئەسەرلىرىگە ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن باھا بەردى. رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى غالىپ توختى، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت، دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ياسىن ئېلى قاتارلىقلار مۇھەممەد مەمتېلىنىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرى ۋە كىشىلىك پەزىلىتى توغرىسدا توختالدى.
) ?; C. j( o" ]; O. fمۇھەممەد مەمتېلىنىڭ تەرجىمىھالى مۇھەممەد مەمتېلىھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. مۇھەممەد مەمتىلى 1951-يىل مارتتا مايتاغتا ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1969- يىل يانۋاردا ئورقۇ بۇرغىلاش دېھقانچىلىق مەيدانىغا قايتا تەربىيەگە چۈشكەن. 1970-يىل ئىيۇلدا ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىنىپ ئۈرۈمچى نېفىت گېئولوگىيە ئىدارىسىدا نېفىت چارلىغۇچى، ئىدارە تىرانسىپورت شىركىتىدە ئاپتوموبىل رېمونتچىسى، شوپۇر، ئىدارە شوپۇرلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى، ئىدارە تىرانسپورت شىركىتىدە تەشۋىقات كادىرى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە مائارىپ مەركىزىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، 2011-يىل مارتتا پېنسىيەگە چىققان. مۇھەممەد مەمتېلىنىڭ«چۆلدىكى تۇنجى چىراغ» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى (ئارسلان تالىپ بىلەن بىرلىشىپ يازغان)، «ئالقىشلانغان ماقالە» ناملىق فىليەتونى،«رۇبائىيلار» قاتارلىق ئەسەرلىرى 1 -، 5 -، 7 - نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا، «مېيىپنىڭ كۆز يېشى» ناملىق ئوچېرىكى 1992-يىل مەملىكەتلىك نېفىت ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن، شۇنداقلا شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان باھالاشتا 3 -دەرىجىلىك مۇكاپاتقا،«مۇسىبەت ئىچىدىكى خىيال» ناملىق ھېكايىسى 1993-يىل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن تەڭرىتاغ قەلەمكەشلىرى يىغىنىدا، «تەڭرىتاغ» تەھرىر بۆلۈمى تەرىپىدىن 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇندىن باشقا «ئىشچىنىڭ قىزى»،«سېلىم گال»،«راست گەپ»،«گۈللە يۇرتۇم» قاتارلىق ئون پارچىدىن ئارتۇق شېئىر-ھېكايىسى قاراماي ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «شىنجاڭ نېفىت گېزىتى» تەرىپىدىن 1-، 2-دەرىجىلىك ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ۋە «قارا ياقۇت»،«گېلتاغ گۈلزارى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. «شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ 40 يىلى»،«شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ 50 يىلى»،«قاراماينىڭ 40 يىلى»، «ئىزدىيار لىرىكىلىرى»،«گۈلۈم ئۈچۈن ياشايمەن»،«ئالتۇن بۇلاقلار»، «ئۇنتۇلماس چاغلار»،«بۇمۇ مۇھەببەت»،«چۆلدىكى تۇنجى چىراغ» قاتارلىق توپلاملارغا ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن. 2 R8 k+ H& D& F8 ~' }5 A9 d9 }" e& y/ d
4 ?" Y; w; ~ M& U M
' b0 D- ?1 g. y& Cقاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دولقۇن تۇرغۇن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا.
, X# T1 y0 \. }* R. x o5 h% n3 M; P# s: `( ~# `( I; I
/ q, g9 Q3 v# M+ r3 T
H( i- Z$ O" l) b0 a" P1 G8 _<<قاراماي گېزىتى>>نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى مۇختار مۇھەممەد تەبرىك تېلېگراممىلارنى ئوقۇماقتا.
5 N9 J0 M+ T& u& M3 Z
! V9 D1 T- e# C+ f" b$ x- J
4 @6 \, X, Q9 |1 v/ g5 S' P5 A8 \: U+ P- X
غالىپ توختى ئىجادىيەت سېپىدە ئۆتكەن يارقىن ئىزلار مۇھەممەد مەمتېلىنىڭ ساۋاقدىشى، دوستى غالىپ توختى شائىرنىڭ خىزمەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، ئىجادىيەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى، تۇرمۇشىدىكى ئوڭۇشسىزلىقلارنى قانداق يەڭگەنلىكى، نېفىتلىك سېپىدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى، لىكتورلوق خىزمىتىدىكى ئۇتۇقلىرى، ئىجتىمائىي پائالىيەتتىكى ئاكتىپلىقى توغرىلىق تەپسلىي توختىلىپ ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقى، ھەم ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى.
6 \% @' p" R7 V% @+ J9 j: e4 S3 ~
ئوسمان قاۋۇل روھنى روھ تونۇيدۇ، قەلەم قازىدۇ شەھىرىمىز سەرخىللىرىدىن بىرى بولغان يازغۇچى مۇھەممەت مەمتېلى بىر مەسئۇلىيەتچان قەلەم ئىگىسى، ئۇنىڭ شەرەپ-نومۇس، ھەق-ناھەق تۇيغۇسى ئېنىق. ئۇ ھەر قانداق مەسىلىگە ئۆزىنىڭ ھەققانىيەت ئېڭى ۋە ۋىجدان تارازىسى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ. يازغۇچىمىزنىڭ ئەسەرلىرى ئەكىس ئەتتۈرگەن ئىدىيىسى، ئۇنىڭ ھېكايىلىرىدىكى تەپسىلاتلار، دېئالوگلار، گۈزەل جۈملىلەر، ئالغا ئىنتىلىش تۇيغۇلىرى ئەسەردىكى قۇرۇلما، بەدىئىي پۇراق، تىلدىكى ئۆزگىچىلىك، مۇھەممەت مەمتېلىغىلا خاس جۈملە قۇرۇلمىلىرى ھەقىقەتەن ئادەمنى قايىل قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتورنىڭ ھېكايىلىرىنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىدىن شەرھىلەشكە ئەرزىيدۇ. 1-مۇھەممەت مەمتېلى ھېكايىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم خاسلىقىدىن بىرسى ھەجىم جەھەتتىن قىسقىلىقىدا كۆرۈلۇدۇ. 2- ئۇنىڭ ھېكايىلىرىدا خاس قاراماي پۇرىقى، نېفىتلىك تۇرمۇشى بىر قەدەر ئۇتۇقلۇق ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. 3-ئۇ كىشىلەرنىڭ روھىنى قېزىشقا، ئىنسان ماھىيىتىنى ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە كۆزىتىشكە ھەم ئۇنى بەلگىلىك بەدىئىي يول بىلەن يېزىشقا ماھىر قەلەمكەش. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ يەردە روھنى روھ تونۇيدۇ، ئۇنى ئىپادىلەشكە بولسا دەل مۇشۇنداق يۈرەكلىك قەلەم ئىگىسى كېرەك، دېيىشكە ھەقلىقمىز. مۇھەممەت مەمتېلى ھېكايىچىلىق ئىجادىيىتى جەھەتتە بىرقەدەر جانلىق، ئوبرازلىق، خاسلىققا ئىگە يول تۇتقان بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىز بىر قەدەر پىشقان بەدىئىي دۇنيانى، كىشى كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان ئۈمىدۋارلىق تۇيغۇلىرىنى، ئىخچام قۇرۇلما ۋە ساپ، توغرا، ئاكتىۋال ئىدىيەۋى مەزمۇننى كۆرۈپ يېتەلەيمىز. مۇھەممەت مەمتېلىنىڭ 30 نەچچە يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدا جاپالىق ئىزدىنىش، تۇرمۇشقا چۆكۈش، پىششقلاپ ئىشلەش، تۈرلۈك لېكسىيە ۋە قىسقا مۇددەتلىك سىمنارىيەلەردە ھارماي ئۆگىنىپ بىلىمىنى تولۇقلاش بەدىلىگە ئىجاد قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلغان 30 نەچچە پارچە ھېكايىسى، 100 پارچىدىن كۆپرەك شېئىرى، 10 نەچچە پارچە ئەسلىمە، فىليەتون ھەم 300 پارچىدەك ئاخبارات ئەسەرلىرىدىن تەركىپ تاپقان ئىجادىيەت مېۋىسى قاراماي ئەدەبىيات سەنئىتىمىز، ئاخباراتچىلىق ئىشلىرىمىز بېغىدىكى ئۆزگىچە پۇراققا ئىگە بىر دەستە گۈل بولۇشقا مۇناسىپ قىممەتلىك بايلىقتۇر.
/ H$ A% x$ k, L
' Q* a+ ?( B! y/ L# B
) |3 P# Q- a/ R) y
. o0 Q. E3 F C* a+ \
3 p1 a$ V8 Q. X( j/ R" `
ئىبراھىم نىياز مۇھەممەت مەمتىلى شېئىرلىرىدىكى قاراماي روھى مۇھەممەت مەمتىلى قاراماينىڭ ئەدەبىيات گۈلزارىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ئىقتىدارلىق شائىرلارنىڭ بىرى . ئۇ نېفىتلىكتە ئۆسۈپ يىتىلىپ، نېفىتلىكنى كۈيلىگەن ، شېئىرىيەتتە ئاز ئەمما ساز يېزىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان ، ئادىمىيلىك پەزىلىتى ۋە ئەدەبىياتقا تۇتقان مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بىلەن كۆپچىلىكىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن شائىر. بىز ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن ئادىمىيلىك پەزىلەتنىڭ جۇلاسىنى كۆرەلەيمىز، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن قارامايلىقلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى تىڭشىغاندەك بولىمىز . ئۇ ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىدا 100 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ئېلان قىلغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ شېئىر - رۇبائىيلىرى مەزمۇنىنىڭ چووڭقۇرلىقى ، پىكرىنىڭ تېرەنلىكى ، ھېسسىياتنىڭ قايناقلىقى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى قايىل قىلىدۇ . مۇھەممەد مەمتېلى « سالام ساڭا پېشقەدەملەر » ناملىق داڭلىق شېئىرى بىلەن قارامايدا شۆھرەت قازانغان. ئۇ بۇ شېئىرىدا قاراماينى باغۇ – بوستان قىلىشقا ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى بېغىشلىغان بىر ئەۋلاد نېفىتچىلارنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تىلى راۋان ھەم پىشقان. بىز بۇ شېئىردىن شائىرنىڭ قارامايغا ، پېشقەدەم نېفىتچىلارغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ھېس قىلىمىز . بىز مۇھەممەد مەمتېلى ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق ، كۆپىنچە شېئىرلىرىنىڭ قارامايغا بېغىشلانغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن يۇرت مۇھەببىتى گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرىدۇ .
i5 X' V1 ^; C! K4 h& ?( q" d, C$ r" f Q
, f! L1 ]9 A6 c4 `, Q: o' E2 ~% T
9 P* Z$ e$ l9 [2 M6 S) }
8 k" ?) G: N/ R0 p1 Y3 O* b, `7 p
6 Z" J$ d4 C) ^4 r2 A) } ئەركىن مۇھەممەت كامالى مەن بىلىدىغان مۇھەممەد مەمتېلى مەن مۇھەممەد مەمتېلى ئاكىنى 70- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تونىغان ئىدىم. ئەلۋەتتە،تونۇش بىلەن چۈشىنىشنىڭ ئۆزى باشقا-باشقا بىر گەپ. 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى قولۇمغا قەلەم ئېلىپ ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە ھەقىقى كىرىپ كەلگەن چېغىمدىلا ئۇنىڭ بىلەن ھەقىقى يوسۇندا تونۇشتۇم.ئەدەبىي ئىجادىيەت سورۇنلىرىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش،ئەسرارلىشىش جەريانىدا ئۇنى چۈشىنىشكە، بىلىشكە باشلىدىم. مۇھەممەد ئاكىنىڭ خۇشچاقچاقلىقى، ھەممىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغان كىچىك پېئىللىقى،باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ پىكىر بايان قىلىدىغان كەمتەرلىكى، ئەدەبىي ئىجادىيەت داۋامىدا مەيلى چوڭلار ياكى كىچىكلەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنىڭ ئۆز ئەسىرىگە بەرگەن تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ،نەق مەيداننىڭ ئۆزىدىلا تۈزىتىش ئېلىپ بارىدىغان سەمىمىيلىكى ئاڭا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇمنى تېخىمۇ ئاشۇردى. مۇھەممەد ئاكا قەلىمى پىشقان يازغۇچى،شائىر بولۇپلا قالماي،ئۆز نۆۋىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن جەمئىيەت ئەربابى.ئۇ كۆپ يىللاردىن بېرى شەھرىمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇزلۇق،قۇربان ھېيتلىق سەنئەت پائالىيەتلىرىگە ۋە«قارامايدا مەشرەپ»پائالىيىتىگە قاتنىشىپ پائالىيەتنىڭ يازمىلىرىنى رەتلەش، تەھرىرلەش ئىشلىرىنى باش تارتماي ئىشلەپ كەلدى. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سۈرەتكە ئالغان«مەدەنىيەت بوستانى»،«كۆڭۈلدىكى سۆز»قاتارلىق مەخسۇس پىروگراممىلارغا قاتنىشىپ، شەھرىمىزنى ئاپتونۇم رايونىمىز ۋە مەملىكەت ئىچىگە تونۇشتۇرۇشتا ئىجادىي رول ئوينىدى. مۇنداق بىر ئىش ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ. 2011-يىلنىڭ ئاخىرى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەخسۇس پىروگرامما بۆلۈمى«شەنبىلىك پاراڭ»پىروگراممىسىنىڭ 2011–يىللىق ئەسلىمىسىنى ئىشلەش پىلانىنى تۈزدۇق.پىروگرامما گۇرۇپپىسىكىلەرنىڭ ھەممىسىلا مۇھەممەد ئاكىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلاتتى،لېكىن ئۇنىڭغا قانداق ئېغىز ئېچىشنى بىلمەيتتى.چۈنكى، ئۇ تېخى يىل بېشىدا ئوپىراتسىيە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن سالامەتلىكى ئەھۋالى دېگەندەك ياخشى ئەمەس ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭغا ئۆزەمنىڭ مەقسىدىنى ناھايىتى خىجالەتچىلىك ئىچىدە تەستە دېدىم. ئۇ مېنىڭ تەڭقىسلىقتا قېلىۋاتقىنىمنى ھېس قىلدى بولغاي، تەكلىۋىمگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇ ئىشخانامغا كەلدى.بىز پىروگراممىنى قانداق ئېلىش ھەققىدە ئۇزاقتىن -ئۇزاق پىكىرلەشتۇق. ئۇ پىروگراممىمىزنىڭ تەكلىپلىك ئوبزورچىسى بولغاچقا،پىروگرامما مەزمۇنىنىڭ ئىپادىلىنىش ئەھۋالى،رىياسەتچىنىڭ كىيىم ھەم گىرىمىدە كۆرۈنگەن نۇقسانلار،پىروگراممىنى سۈرەتكە ئېلىش ھەمدە كىرىشتۈرۈش جەريانىدا كەتكۈزۈپ قويۇلغان نازۇك ھالقىلار،پىلاننىڭ تۈزۈلىشىدىكى يېتەرسىزلىكلەر دېگەندەك جەھەتلەردىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ.بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ تۇراتتى. مۇھەممەد مەمتېلى ئاكىنىڭ كېسەل تۇرۇپمۇ بىزنىڭ يەنى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خىزمىتىنى شۇقەدەر قوللاپ، خالىس ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقىنى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئالىجاناپلىق، ئەستايىدىللىقنى يەنە بىر قېتىم جۇلالاندۇردى. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، مۇھەممەد مەمتېلى ئاكا ۋۇجۇدىدا جۇلالاپ تۇرغان ئەشۇنداق ئېسىل خىسلەتلىرى بىلەن پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئالاھىدە ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە.ئاخىرىدا مەن مۇھەممەد مەمتېلى ئاكىنىڭ بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى يېقىندىن قوللاپ كەلگىنىگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۇر بىلدۈرىمەن ھەمدە تېنىنىڭ سالامەت، كۈنلىرىنىڭ مەنىلىك، ئىجادىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى چىن يۈرىكىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن! - M' E1 h2 H% i* ]5 A) \
" e2 O8 `0 L0 f' I. Z* L6 G( N' E$ T# c/ w6 A, n6 i7 z8 |
ياسىن ئېلى مەنىلىك ئۆتكەن ھايات مۇھەممەد مەمتېلىنىڭ خىزمەتدىشى ياسىن ئېلى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە خىزمەت قىلغان ئەشۇ يىللارنى ئەسلەپ، ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق توغرا پىكىرلىك، سەمىمى، ئادىمىي ئەخلاقى ئۈستۈن بىر خىزمەتدىشىنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ۋاپادارلىق، كۈيۈمچانلىقتا ئۈلگە قىلىشقا ئەرزىيدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى. & u) n* e6 X0 z6 k' j) _2 v8 p
( q/ I4 q) T3 a1 g( V- U. p, w4 b7 G$ |& k4 s6 ^
/ O4 ]; t' ^* c5 b+ b- L4 K+ K
|2 ]5 _9 c! Z' a
+ [, J- {) W7 E* w. ?يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈش.
. d2 i0 I& q0 M, _$ ~# c) n3 t2 u! C. C' _6 n$ s9 ]
& T5 t6 D5 m6 w5 e- l# U
; y) D+ Z; H2 o' f! ]( Wدوستلىرى تون كىيگۈزمەكتە.
" e. x1 g4 T! j4 T3 |* m! W
& p) P3 l# M4 m% V* z
' b4 _* n/ @' T/ E- `! i' J/ a( K( _. h. }. B1 a
خەتتاتلار ھۆسنخەت تەقدىم قىلدى.
' M$ W5 Z- \' J E( ^1 w/ _# T' r! t, B/ s5 j+ L
1 a" h' `) @7 y. V2 U. H
4 C+ U7 o9 t# ~& v
سەپداشلىرى بىلەن بىللە.
" d' Q. r) w2 D+ x8 B8 D0 [) i. z* _; ]5 Z I& k
% h$ L( y. l6 c5 ` r+ V+ R ?& ^
3 P5 o, Z+ O H Dئايال ئاپتورلار بىلەن بىللە.& m5 G. X! @7 K( q$ z
& y6 W( u& W, v7 [
! Q: W$ b, U* J8 j0 ^" W0 M, F4 J+ r, g. N$ J* `, U5 N. r
دوست - يارەنلىرى بىلەن بىللە.
! N& }0 J# s" p3 k/ b# d6 ]( S6 z; l b; E _% D" _2 H. j4 r3 Z
9 `' l+ Z8 z* @+ |9 y7 [' E8 V1 H: [/ F9 o% K( ?7 v& O
مۇھەممەد مەمتېلى خوتۇنى ۋە نەۋرىلىرى بىلەن بىللە.
, o, ~4 K. ], r, r1 R
, L' v A# }3 h! a
' w* U7 \0 {5 H4 ]
6 ^ ~5 Y- @& q2 ?6 s( Z, L# b8 mئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىللە.8 ~3 o5 s" | F; e _7 f
/ n) |* t. }# S; j
7 U& T K' G; k& d0 | Q4 i9 S+ p
. r3 F9 g- e' H1 h0 \- l8 _ Dساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە.# a% ]6 R3 d1 U* V$ P6 V
8 o/ u, O; }3 J+ p: y) w& }7 r# D% c
(سۈرەتلەرنى نۇرمۇھەممەد ھەسەن تارتقان)
8 Q% T7 c; ?) t* j; E3 U' `( m
w* G% a8 c. G/ Y( Y- B, }2 F/ H3 G3 _$ }2 n
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-28 22:54 + m+ ?( @# \" w. P
7 Y& _. z1 u1 o y3 I$ `( b
|