شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئاز سانلىق مىللەت تەكلىپلىك يازغۇچىلىرى خىزمەت يىغىنى ئېچىلدى
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئاز سانلىق مىللەت تەكلىپلىك يازغۇچىلىرى خىزمەت يىغىنى 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن ئاۋال، ئۈرۈمچى كۆمۈر كان مېھمانسارىيىدا ئېچىلدى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن غەيرەت ئاسىم،ئېركىش قۇرمانبېك،دوڭ لىبو ۋە ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئەدەبىيات – سەنئەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى نيۇ يۇەنفېڭ قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمغا ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا ئالدى بىلەن، ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپ دوڭلىبو <<شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش لاھىيەسىنى يولغا قويۇش چارىسى>>نى شەرھىلەپ ئۆتتى. ئاندىن رەئىس ئازات سۇلتان شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى 2012-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە تەكلىپ قىلىنغان تەكلىپلىك يازغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىم تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل ۋە تاجىك قاتارلىق 37 نەپەر تەكلىپلىك يازغۇچىمىزغا <<تەكلىپ گۇۋاھنامىسى>> تارقىتىپ بېرىلدى. ئاندىن يەنە يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېركېش قۇرمانبېك تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ 2012-يىلىدىكى ئىجادىيەت نەتىنجىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئاخىردا ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئەدەبىيات – سەنئەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى نيۇ يۇەنفېڭ، رەئىس ئازات سۇلتان قاتارلىقلار مۇھىم سۆز قىلىپ بۇ قېتىمقى تەكلىپلىك يازغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنىڭ ئەھمىيىتى، تەسىرى ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەدەبىياتىمىزدا تۇتىدىغان ئورنى، تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ تەربىيەلىنىشى، ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى، يۈزلىنىشى قاتارلىق كەسپىي ۋە ئىجادىيەت مەسىلىلىرىرى ھەققىدە يېتەكچى خارەكتىرلىك كونكىرىت، ئەمەلى تەلەپ ۋە ئۈمىدلەرنى ئوتتۇرغا قويدى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە ئەنىۋەر ھوشۇر، مەدەنىيەت مۇقاتاي قاتارلىق تەكلىپلىك يازغۇچىلار ۋەكىللىرىمۇ مەخسۇس سۆزگە چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى ئىجادىيەت مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى ۋە بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئىرادىسىنى بايان قىلدى.
يىغىنغا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەر مىللەت تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىز ۋە يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئورگىنىدىكى خىزمەتچى خادىملاردىن بولۇپ 50تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. يىغىننى ئىككى كۈن ئېچىش پىلانلانغان بولۇپ، ئۇ يەنە مەخسۇس تېمىدىكى لېكسىيە ۋە مۇزاكىرە قاتارلىق كۈنتەرتىپلىرىنى تاماملاپ 29-كۈنى تاماملىنىدۇ.
2012-يىلى تەكلىپلىك يازغۇچىلىرمىز نەشر قىلدۇرغان كىتاپلىرىدىن باشقا يەنە ئاشكارە تارقىتىلىدىغان ژۇرناللاردا جەمى بىر مىليۇن بىر يۈز توقسەن يەتتە مىڭ خەتلىك ئەسەر ئېلان قىلدى.
|