كۆرۈش: 191|ئىنكاس: 5

ئاماننىساخاننىڭ ھاياتى، ئۈمىدى، تۆھپىسى، ۋەسىيىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ARKZAT ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1985
تۆھپە : 8
توردا: 744
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 22:48:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاتاقلىق مۇزىكاشۇناس، ئۇيغۇر«12 مۇقامى»نىڭ رەتلىگۈچىسى ۋە تالانتلىق شائىرە ئاماننىساخاننىڭ ھاياتى،   ئۈمىدى، تۆھپىسى ھەم ۋەسىيىتى

                                                              ئاپرېل سەمەت

                                               (شىنجاڭ ئوپېرا-تىياتىر سەنئىتىدىن)

                                تەھرىر ئىلاۋىسى

     شىنجاڭ ئوپېرا-تىياتىرىنىڭ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك دىرامما ئارتىسى، كۆزگە كۆرۈنگەن سەنئەت تەشكىلاتچىسى ۋە ئىجادىيەتچىسى ئاپرېل سەمەت خانىمنىڭ بۇ ماقالىسى 1994-يىل 10-ئاينىڭ 5-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك دولان مۇقام تەتقىقات ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى  مەكت ناھىيەسىدە ئېچىلغاندا، يىغىن كاتىبات گۇرۇپپىسىغا تاپشۇرۇلغان بولۇپ، يىغىن ۋاقتى قىسقا بولغانلىقى ئۈچۈن چوڭ يىغىندا ئوقۇلماي، كىچىك گۇرۇپپا يىغىنىدا ئوقۇلغان ئىدى. ئارخىپتا ساقلانغان نۇسقىسىنى ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ قېتىملىق سانىدا ئېلان قىلدۇق. مۇقامشۇناس، شائىرە ئاماننىساخاننىڭ ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى رەتلەشتە كۆرسەتكەن تۆھپىلىرىنى تەتقىق قىلىشتا قىممىتى يۇقىرى دەپ قارايمىز.
                 - «دولان مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى تەھرىراتى

تارىخنى كەڭ ئەمگەكچى خەلق ئاممىسى ياراتقان بولۇپ، ھەر بىر تارىخىي دەۋردە ئۆتكەن ئاتاقلىق شەخسلەر شۇ دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىشىگە زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ، تارىختا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى. 16-ئەسردە ياشىغان ئاتاقلىق مۇزىكاشۇناس  ۋە تالانتلىق شائىرە ئاماننىساخان شۇ دەۋردە ياشىغان مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، شائىر ۋە مۇزىكىشۇناس قېدىرخان يەركەندى بىلەن بىللە ئۇيغۇر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىسى بولغان «12 مۇقام»نى تۇنجى قېتىم رەتلەپ قېلىپلاشتۇرۇپ چىقىشتا تارىخىي دەۋر بۆلگۈچ رول ئوينىدى. مەلىكە ئاماننىساخان پۈتۈن ئۆمرى داۋامىدە  سەئىدىيە خانلىقى ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ  گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن ئۆچمەس ۋە كۆمۈلمەس تۆھپىلەرنى ياراتتى. ئۇ ئۆز ھاياتىنى مەرىپەت ۋە مەدەنىيەتكە بېغىشلىدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى ئالدىدا قالدۇرغان تۆۋەندىكى يالقۇنلۇق سۆزلىرى يۇقىرى قارىشىمىز ئۈچۈن ئوبدان دەلىل بولالايدۇ. ئاتاقلىق مۇزىكىشۇناس  ۋە شائىرە ئاماننىساخاننىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنوتلىرىدا خانغا ۋە ئۆز  يېنىدىكىلەرگە، تۆۋەندىكىلەرگە:« مەن ئالەمدىن ئۆتۈمەن، ئۈمىدىم-ئەلنىڭ مەرىپى ئۈچۈن تىرىشتىم، يازدىم. بۇنىڭدىن باشقا سەرمايەم-ياخشى خىسلەت-پەزىلىتىممۇ يوق. ئاشۇ كات ئۈستىدىكى تاغاردا ئۆز قولۇم بىلەن توپلىغان قومۇش قەلەم قىرىندىسى ھاياتىمدا مېنىڭ يىغقان غەزىنەم، ئۇ مېنىڭ تەۋرەتكەن قەلىمىمنىڭ ئىزى، مېۋىسى، ئۇنى باقىي ئالەمگە ئالغاچ كېتەي. شۇ قېرىنداش بىلەن سۇ ئىسسىتىپ مېنى يۇيۇڭلار. مەلىكە رازىيەنىڭ ياقۇت يېزىقى بىلەن يېزىلغان مەسەت شەرىپىنى تېخى كۆچۈرۈپ بولالمىغان ئىدىم. قىزلاردىن بىرسى ئاخىرىنى كۆچۈرۈپ، خەلققە تەقدىم قىلسا، پاتىمە بىننى ئەھمەتنىڭ خۇشخېتى بىلەن قەبرەمگە خاتىرە يېزىڭلار» دەپ ۋەسىيەت قالدۇرغان.( بۇ ۋەسىيەتنامىنى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تىزىسلىرى 1982-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە تەييارلىق قىلىش ەۇرۇپپىسى باستۇرغان كىتابتىن ئالدىم). خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئۆز ئكمرىنى بەخش ئەتكەن بۇ يالقۇنلۇق پاك يۈرەك 1567-يىلى( ئاماننىساخان 34 ياشقا كىرگەن مەزگىلدە) بىمەھەل سوقۇشتىن توختىدى. ئۇنىڭ تۆھپىسى، قەدىرلىك نامى-خەلقىمىزنىڭ قىممەتلىك بايلىقى«12مۇقام» ئاھاڭلىرىنىڭ جاراڭلىشىغا ئەگىشىپ، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە جاھان ئارا دىللاردا يادلىنىدۇ.

                                 ئەلنىڭ مەرىپىتى ئۈچۈن ياشاش

ھاياتلىقنىڭ ئۆزى كۈرەش قىلىش دېمەكتۇر. ھاياتنىڭ كۈرەش بىلەن ئۆتۈدىغانلىقىنى چۈشەنگەن ئىنسان ئۈچۈن ھايات تولىمۇ قىممەتلىك بولۇپ، ھاياتتىمۇ مېھنەت قىممەتلىك بولىدۇ. بىر پۈتۈن ئۆمرىنى ئەلنىڭ مەرىپەت ئىشلىرى ئۈچۈن تەقدىم قىلغان ئاتاقلىق مۇزىكاشۇناس، تالانتلىق شائىرە ئاماننىساخان مىلادى 1533-يىلى دولان(ھازىرقى مەكىت ناھىيەسى)نىڭ تىزناپ دەرياسى بويىدىكى قومۇش مەھەللە يېزىسىدا نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى مەھمۇت ئىسىملىك كىشى بولۇپ، قالۇن ۋە ساتارنى ياخشى چالىدىغان ماھىر مۇزىكانت ۋە ئۇستا مۇقامچى ئىدى. شۇ زاماننىڭ مەشھۇر سازەندىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئائىلىسىگە كېلىپ دەرس ئاڭلايتتى ۋە بىرلىكتە مۇزىكا ئولتۇرۇشى ئويۇشتۇراتتى. مانا بۇ خىل مەدەنىي ھايات شوخ ۋە ئەقىللىق، تۇغما تالانتلىق ئاماننىساغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتتى. بالىلىق چېغىدا ھاياتنىڭ كۈرەش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئاماننىساخان ئاتىسىنىڭ يېتەكلىشى ۋە ئۆز قىزغىنلىقى بىلەن  سەككىز يېشىدىن باشلاپلا مۇزىكا( ساتار، تەمبۇر) چېلىشنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. كۈندۈزلىرى مەكتەپتە ئوقۇسا، كېچىسى ساتار چېلىشنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ.  يەنە بىر تەرەپتىن نىۋائىي، بابۇر قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇيدۇ. ئۇ 14 ياشقا كىرگەندە مۇزىكىنى ماھىرلىق بىلەن چالالايدىغان بولىدۇ ۋە بىرقانچە مۇقامنى تولۇق ئۆزلەشتۈرىۋالىدۇ. بۇ چاغدا ئامامىساخان شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن بولغاچقا، مۇقام تېكىستلىرىنى خاتىرىلەپ، مۇلاھىزە قىلىشقا باشلايدۇ. مانا شۇ چاغدا زاماننىڭ مەشھۇر مۇزىكانتى ۋە شائىر يۈسۈپ قېدىرخانمۇ مەھمۇت ئاكىنىڭ قېشىغا كېلىپ تۇراتتى. قېدىرخان بىلەن مەھمۇت ئاكىنىڭ مۇقامنى ساقلاپ قېلىش  ۋە رەتلەش توغرىسىدىكى پىكىرلىرى ئاماننىساخاندا مۇقامنى يېڭى يولغا سېلىش تۇيغۇسىنى ئويغىتىدۇ. ئاماننىساخان ئۆز ۋەسىيىتىدە ئېيتقاندەك ئەلنىڭ مەرىپىتى ئۈچۈن تىرىشىدۇ ھەم بۇ يولغا ماڭىدۇ. ئاماننىساخان بۇ ۋاقىتتا كامالەتكە يەتكەن  مۇزىكانت، ماھىر خەتتات ۋە تالانتلىق  شائىرە سۈپىتى بىلەن مۇقامنى رەتلەش ۋە ئىجادىي ھالدا بېيىتىش يولىدا ئىزدىنىشكە كىرىشىدۇ.
ئاماننىساخاننىڭ ئۈمىد –ئارزۇلىرى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئۈمىد-ئارزۇلىرى بىلەن بىرلىشىدۇ. مۇقامنى رەتلەش، بېيىتىش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئەلنىڭ مەرىپىتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يېزىش ئۇنىڭ ياشاشتىكى ئەڭ ئۇلۇغ مەقسىتى بولىدۇ. بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان  كۈنلەرنىڭ بىرىدە شىكارغا چىقىپ، يولۇچى سۈپىتىدە  مەھمۇت ئوتۇنچىنىڭ ئۆيىگە كىرگەن مەرىپەتۋەر پادىشا سۇلتان  ئاندۇرېشىتخاننىڭ  تەلىپىگە بىنائەن ئاماننىساخان «پەنجىگاھ مۇقامى»غا تەمبۇر چېلىپ بېرىپ، بۇ مۇقامغا ئۆزىنىڭ  ئابدۇرەشىدخانغا بېغىشلاپ يازغان بىر شېئىرىنى سېلىپ ئوقۇيدۇ:


خۇدا ساڭا يۈز شۈكرى، بىزگە ئادىل پادىشاھ بەردىڭ،
پېقىر-مىسكىنگە ئابدۇرەشىدخاننى پانا قىلدىڭ.
ئەي، نەفىسى ئۇلۇغ تەڭرىگە كېچە-كۈندۈز دۇئا قىلغىن،
شاھ ھەققىدە دۇئا قىلماي، قاتتىق گۇناھ قىلدىڭ.


سۇلتان ئاندۇرېشىتخان ئاماننىساخان چالغان«پەنجىگاھ مۇقامى»نى، شۇنداقلا يۇقىرىقى ئۆزى يازغان شېئىرنى مۇقامغا سېلىپ ئوقۇغىنىنى ئاڭلىغىنىدا قىزنىڭ مۇھەببىتىدە كۆيۈپ بىھۇش بولۇپ كېتىدۇ. خۇددى«تارىخىي مۇسقىيۇن»دا سۇتلتان ئابدۇرەشىدخان- ئاماننىساخانغا تاقەتسىز ئاشىق بولۇپ ۋە ئىختىيارسىز شەيدا بولغان ئىدى. پادىشاھ ئابدۇرەشىدخاننى بىھۇش قىلغان ئاماننىساخاننىڭ ھۆسنى-جامالى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى جانغا ھوزۇر-بەخش ئەتكۈچى مۇقام ساداسى، مۇقامنىڭ سېھرى كۈچى سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننى بىھۇش قىلدى ۋە ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالدى.
سۇلتان ئابدۇرەشىدخان سەئىدىيە خانلىقىنىڭ مەشھۇر سىياسىيونى، قابىلىيەتلىك ھەربى سەركەردىلا ئەمەس، بەلكى شۇ دەۋر مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسچىسى ۋە گۈللەندۈرگۈچىسىدۇر. سۇلتان ئابدۇرەشىدخان سەنئەتنى جېنىدىن ئەۋزەل كۆرۈدىغان    مەرىپەتۋەر كىشى ئىدى.
     سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ مەلىكە ئاماننىساخانغا ئوخشاش تۆۋەن تەبىقىدىن چىققان بىر قىزغا ئۆيلىنىشىمۇ تاسادىپىي بولماستىن، بەلكى ئاماننىساخاندىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئىقتىدارىنىڭ كۈچى ئىدى.   ئاماننىساخاننىڭمۇ ياشىشىدىكى ئۈمىد-ئارزۇلىرى ئەلنىڭ مەرىپىتى ئۈچۈن، مۇقامنى رەتلەش، بېيىتىش، قېلىپلاشتۇرۇش بولغاچقا، سۇلتانئابدۇرەشىدخاننىڭ مەرىپەتۋەر ، سەنئەتنى جېنىدىنمۇ ئەۋزەل كۆرىدىغان، مۇقام ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان پادىشاھغا ئۆزىنى تەقدىم قىلدى.  مۇقام ساداسى ئابدۇرەشىدخان بىلەن ئاماننىساخاننىڭ قەلب تارىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇردى. مۇقام ئۇلارنىڭ ئۈمىد-ئارزۇلىرىنى بىرلەشتۈردى ھەم ئەمەلگە ئاشۇردى.  ئاماننىساخان ئوردىغا كەلگەندىن كېيىن ئەلنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىپ مۇقامنى رەتلەش ۋە كامالەتكە يەتكۈزۈش ئۈچۈن پادىشاھقا مۇقام ھەققىدە كۆپ تەشەببۇس ۋە تەلەپلەرنى قويۇپ، پادىشاھنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن خانلىق تەۋەلىكىدىكى مەشھۇر مۇزىكانتلار، مۇقامچىلار، شائىرلار ئوردىغا تەكلىپ قىلىنىدۇ. بۇلار ئىچىدە قېدىرخانمۇ بار ئىدى.
     ئاماننىساخان «12 مۇقام»نى رەتلەش ھەم قېلىپلاشتۇرۇش ئىشلىرىدا باشچىلىق رول ئوينايدۇ. ئۇ ئوردىدىكى سۈيقەستچىلەر ۋە پىتنىخورلارنىڭ ھەر خىل توسالغۇ ۋە سۈيقەستلىرىنى يېڭىپ، بۇ خىزمەتنى ئاخىرى غەلبىكلىك ئورۇنلايدۇ. مەلىكە ئاماننىساخان قاتارلىق  مۇقامشۇناسلار تەرىپىدىن«12 مۇقام» تۇنجى قېتىم خەلق ئىچىگە كەڭرى تارقالدى.
شائىرە  ئاماننىساخان ئۆز ئۆمرىدە مۇزىكا، خەتتاتلىق، شېئىرىيەت ۋە پەن ئىجتىمائىيەت ھەققىدە خەلقنىڭ مەرىپەت ئىشلىرى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قالدۇردى. بۇ ھەقتە «تارىخىي مۇسقىيۇن»ناملىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدۇ: ئاماننىساخان خانىم «دىۋان نەفىسە»گە ئوخشاش قىممەتلىك مەشھۇر شېئىرلار توپلىمى، خوتۇن-قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدىكى «ئەخلاقىي جەمىلە»، «گۈزەل ئەخلاق» دېگەن كىتابنى يازدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە «شۇرۇھۇل قۇلۇپ»(قەلبلەر سۆھبىتى) ناملىق بىر ئەسەرنى ۋە مۇزىكا، خەتتاتلىق بىلىمى توغرىسىدا يازغان ئەسىرى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇنداق ئەسەرلەر دۇنياغا كەم كەلەەن.  ئاماننىساخاننىڭ ئالەمدىن كېتىش ئالدىدا  قىلغان ۋەسىيىتىدە:« كات ئۈستىدىكى تاغاردا ئۆز قولۇم بىلەن توپلىغان قومۇش قەلەم قىرىندىسى ھاياتىمدا مېنىڭ يىغقان غەزىنەم، ئۇ مېنىڭ تەۋرەتكەن قەلىمىمنىڭ ئەجرى»  دېگىنىدەك بىر ئۆمۈۈر قەلەم تەۋرىتىپ تاغار توشقان قەلەم قىرىندىسىنىڭ  ئەجىر مېۋىسى يالغۇز يۇقىرىدا ئاتالغان بىر نەچچە پارچە كىتالار بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بىر نەچچە پارچە ئەسەرنىڭ يېزىلىپ دۇنياغا كېلىشى تۇرغانلا گەپ. بۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن.
        ئۇ «ئىشرەت ئەنگىز»(خوشاللىق قوزغاش) ناملىق بۇ مەشھۇر مۇقامنى ئۆزى ئىجاد قىلغان ئىدى. بىراق ئۇنىڭ ئەسەرلىرى دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئابدۇرېشىدخان ۋە ئاماننىساخانلاردىن يۈز يىل كېيىن تەختكە چىققان ئاپاق خوجا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يەنە بىر قېتىم زور دەرىجىدە  ۋەيرانچىلىققا ئۇچراتتى. ئۆز مەسلىكى ۋە سىياسىتىنىڭ ئېھتىياجىغا خىلاپ مەزمۇندىكى كىتاب-ئەسەرلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. جۈملىدىن، ئاتاقلىق مۇزىكاشۇناس ۋە شائىرە ئاماننىساخان ئىجاد قىلغان «ئىشرەت ئەنگىز»مۇقامىنى  ئېيتىشنى چەكلەش بىلەن بىرگە، يازغان ئەسەرلىرىنىمۇ كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلدى. كىتابلار كۆيدۈرۈلۈپ كۈلگە ئايلنىپ، سورۇلۇپ تۈگىگەن بولسىمۇ، ئاماننىساخاننىڭ ئەل ئۈچۈن ياراتقان تۆھپىلىرى «12 مۇقام»نىڭ ئاھاڭلىرىدەك كىشىلەر قەلبىگە سىڭىپ، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ئاماننىساخاننى ئەسلەيمىز، تۆھپىلىرىگە مەدھىيە ئوقۇيمىز.

                                    ئاماننىساخاننىڭ تۆھپىلىرى

ئاتاقلىق مۇزىكاشۇناس، ئۇيغۇر«12 مۇقام»ىنىڭ رەتلىگۈچىسى ۋە تالانتلىق شائىر ۋە ماھىر خەتتات ئاماننىساخان ئۆز ھاياتىنى ئەلنىڭ مەرىپىتى ئۈچۈن بېغىشلاپ، يۇقىرىدا ئېيتقان بىرقانچە پارچە كىتابلارنى يازدى. تۇنجى قېتىم  «12 مۇقام»نى  رەتلەپ-قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەل ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى يارىتىپ،  تارىختا ئۆچمەس ئىز قالدۇردى. ئاماننىساخاننىڭ ئەلنىڭ مەرىپىتى ئۈچۈن تىرىشىش، ياشاش، ئۈمىدىگە ئەۋلادلار ئىز بېسىپ، ئۇلارمۇ ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتتى. بەش ئەۋلادتىن بۇيان بارلىق ھاياتىنى«12 مۇقام» ئۈچۈن پىدا قىلغان مۇقامشۇناس تۇردى ئاخۇن تاغىمىز «12 مۇقام»نى ئۆتمۈش قاراڭغۇ تۈندە ئۆز كۆز قارچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ ۋە قوغداپ، ئۇنى ئازادلىق تاڭ نۇرىغا يەتكۈزۈپ بەردى. تۇردى ئاخۇن ئاكىمىز  «12 مۇقام» ئۈچۈن بىر پۈتۈن ئكمرىنى تەقدىم قىلغان مۇزىكاشۇناش، تالانلىق شائىرە ئاماننىساخانغا ئوخشاش مۇقام ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، مىللىتىمىز ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى يارىتىپ ئالەمدىن ئۆتتى. مۇقام ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئۆمۈر ھاياتى بىلەن «12 مۇقام»نى قوغدىدى، بېيىتتى ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، مىللىتىمىزگە شان-شەرەپ كەلتۈردى. ئۇيغۇر«12 مۇقام»ى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جۇڭگو مەدەنىيەت-سەنئەت تارىخىغا قوشقان  تۆت چوڭ تۆھپىسىنىڭ بىرى. شەرق مۇزىكىسىنىڭ گۆھىرى، ئۇيغۇر«12 مۇقام» جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ بايلىقى، جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى مەڭگۈ نۇر چاقناپ تۇرغان بىباھا گۆھەر. ئۇنىڭ بۈگۈنكىدەك شان-شۆھرەت قازىنىشى ئاماننىساخانغا ئوخشاش ئەجدادلىرىمىز، پۈتۈن ھاياتىنى ئەلنىڭ مەرىپىتى «12 مۇقام» ئۈچۈن تەقدىم قىلغان ئاماننىساخان ھەم «12 مۇقام»نى بۈگۈنكى كۈنگىچە بىزگىچە يەتكۈزۈپ بەرگەن تۇردى ئاخۇن ئاتىمىزغا ئوخشاش مۇقام ئۇستازلىرىغا مەنسۇپ.  خەلق بۇلارنىڭ تۆھپىلىرىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ تۆھپىلىرى تارىختا نۇر چاقناپ تۇرىدۇ. ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۇلارنىڭ تۆھپىرىلىرىگە  ئاپىرىن ئوقۇيمىز ھەم ئىز بېسىپ، مۇقام ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ئۇلارغا شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغان تۆھپىلەرنى يارىتىمىز.

                                   ئاماننىساخاننىڭ ئۈمىدى

      ئاتاقلىق مۇزىكاشۇناس، ئۇيغۇر«12 مۇقام»ىنىڭ رەتلىگۈچىسى ۋە تالانتلىق شائىر ۋە ماھىر خەتتات ئاماننىساخاننىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ۋەسىتىدە  ئەلنىڭ مەرىپىتى ئۈچۈنتىرىشىدىغان ئۈمىدىنى ئېيتىدۇ.  ئاماننىساخان  ئەلنىڭ مەرىپىتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ياشىدى ھەم ھاياتىنى تەقدىم ئەتتى. ئەل ئۈچۈن نۇرغۇن تۆھپىلەرنى ياراتتى. يۇقىرىدا ئېيتقاندەك ئاماننىساخان ئۆز ۋەسىيىتىدە كۆچۈرۈپ بولالمىغان كىتابلارنى قىزلارنىڭ  كۆچۈرۈپ خەلققە تەقدىم قىلىشىنى ۋەسىيەت قىلىدۇ. ئۇيغۇر «12 مۇقام»نى ئكز باشلامچىلىقى بىلەن بېيىتتى،قېلىپلاشتۇردى ھەم خەلق ئىچىگە كەڭرى تارقاتتى. بۇ ئۈزۈلمەس مىلودىيە بىزگىچە يېتىپ كەلدى. بىز بۇنىڭدىن كېيىن، ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، خەلق ئىچىگە، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلىرىمىزغا كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىشىمىز، تارقىتىشىمىز ۋە ئومۇمىيلاشتۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇيغۇر«12 مۇقام» ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن تارىخىي دەۋرلەردىن بۇيانقى تارىخ ۋە ھاياتىنى جانلىق مۇزىكىلىق تىل بىلەن ئەتراپلىق ئىپادىلىگەن چوڭ ھەجىمدىكى مۇزىكا قامۇسى بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن تارىخىي جەرياننى بېسىپ ئۆتۈپ، خەلقىمىز ئىچىگە كەڭ تارقالغان، غايەت زور ھەجىمدىكى قېلىپلاشتۇرۇلغان ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن مۇزىكا بايلىقى. ئۇ ھازىرقى زامان ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل سەنئىتىمىزنىڭ بۇلىقى. شۇنداقلا ئۇيغۇر مۇزىكا مەدەنىيىتىمىزنىڭ قان تومۇرى، قان تومۇرى ئىچىدىكى جان تومۇرى. «12 مۇقام» مەڭگۈ نۇر چاقناپ تۇرىدىغان ئالتۇن تاج. بىز بۇ بايلىقىمىز بىلەن مىللىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۇنيادا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىۋاتىمىز. بىزدە تۈگىمەس بايلىقىمىز «12 مۇقام» بولغاچ، «ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى» بولۇپ كېلىۋاتىمىز. بىز يالغۇز «ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى» بولۇپ قالماستىن، تىياتىر ماكانى بولۇشقىمۇ مۇناسىپ. چۈنكى «12 مۇقام» تىياتىر سەنئىتىمىزنىڭ ئاساسى ھەم جېنى. بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ تىياتىر سەھنىسىدە 30 -يىللاردىن باشلاپ، چوڭ تىپتىكى ئۇيغۇر كىلاسسىك داستانى «غېرىپ-سەنەم»، «پارھاد-شېرىن»، «لەيلى-مەجنۇن»،«تاھىر-زۆرە»، «رابىئە-سەيدىن»گە ئوخشاش سەھنە ئەسەرلىرى ئوينۇلۇپ، خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلدى ھەم كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق ئامىل يۇقىرىقى داستانلار ھەم ئىجادىي ئەسەرلەر ھەم«12 مۇقام» ئاھاڭلىرى سەھنە ئەسەرلىرىگە باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ سەھنە ئەسەرلىرى ئۇزۇندىن بۇيان سەھنىلەردە ئوينۇلۇپ، خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.
      بىز سەھنىلىرىمىزدە ئۆز  مىللىتىمىزنىڭ  سەھنە ئەسەرلىرىنى«12 مۇقام» ئاھاڭلىرى بىلەن ئويناپ، خەلققە تەقدىم قىلىپ، خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكاندىن سىرت، باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ سەھنە ئەسەرلىرىگە مۇقام ئاھاڭلىرىنى سېلىپ، سەھنىلەردە ئويناپ، خەلقنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغىمۇ ئېرىشتۇق. بىز ئوپېرا-تىياتىرى 1972-1975-يىللىرىغىچە خەنزۇچىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلىگەن «قىزىل چىراغ»ئوپېراسىنى سەھنىدە ئوينىدۇق ھەم كىنو قىىلپ ئىشلىدۇق.  بۇ ئوپېراغا باشتىن-ئاخىر «12 مۇقام» ئاھاڭلىرىنى سالغان بولۇ، «12 مۇقام»نىڭ مۇزىلىك تىل كۈچى، قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ سەھنە ئەسەرلىرىگە، قەھرىمانلار ئوبرازىغا جان كىرگۈزۈپ، سەھنە ئەسىرىنىڭ ۋەقەلىكىنى، ئوبرازلارنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى ئېچىپ بەردى.بۇنىڭدىكى ئاساسنىڭ ئاساسى «12 مۇقام» ئاھاڭلىرى بۇ ئەسەرگە باشتىن-ئاخىر سىڭگەنلىكى ئۈچۈنلا بولدى. بىز بۇ ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنى زىل-زىلىگە كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت قېرىنداشلىرىمىزغا دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇر «12 مۇقام»ىنىڭ سېھرىي كۈچىنى كۆرسىتىپ قويدۇق.  بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر «12 مۇقام»«ئوردا مۇزىكىسى، ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئئىچكى ھېسسىياتىنى ئېچىپ بېرەلمەيدۇ، مۇرەككەپ ۋەقەلىك ۋە ئوبرازنىڭ ھېسسىياتىنى ئېچىپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ»...دېگەندەك قاراشلارغا ئەمەلىيەت ئارقىلىق رەددىيە بەردۇق.
      ئۇيغۇر «12 مۇقام»ى  يالغۇز مۇھەببەتلىك داستانلاردىكى ئوبرازلارنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى ئېچىپ بېرىدىغان لىرىك ئاھاڭلا بولۇپ قالماستىن، مۇرەككەپ ۋەقە ھەم مۇرەككەپ ئىچكى ھېسسىياتقا ئىگە بولغان ئەمگەكچى خەلق ئاممىسىنىڭ، قەھرىمانلارنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى ئېچىپ بېرىدىغان جانلىق تىل مۇزىكا بايلىقىدۇر. 1980-يىلى بىز ئۇيغۇر كىلاسسىك داستانى«غېرىپ-سەنەم»نى ئويناپ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتۇق. يەنە شۇنداقلا پايتەخت سەھنىسىدە ئوينىغان ۋاقتىمىزدىمۇ پايتەخت سەھنىسىنى زىل-زىلىگە كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشى ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتۇق. دكلىتىمىزدىكى ئاتاقلىق سەنئەت مۇتەخەسىسلىرى بىزنىڭ «غېرىپ-سەنەم» ئويۇنىمىزنى كۆرۈپ، سۆھبەت يىغىنىدا بىر ئېغىزدىن مۇنداق دەپ باھا بەردى: «12 مۇقام» ئاھاڭلىرى بەك چىرايلىق ئىكەن. بىز كىتابتا نېمە دەۋاتقىنىنى ئۇقالمىساقمۇ، لېكىن مۇقام ئاھاڭلىرىنىڭ سېھرىي كۈچىدىن ۋە ئىپادىلەش كۈچىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن سىلەرنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىڭلارنى چۈشىنىپ ئولتۇردۇق...دېيىشتى. جۇڭگودىكى ئاتاقلىق دىراماتورگ ساۋيۈمۇ ئويۇن كۆرۈپ:«سىلەرنىڭ بۇ ئوپېراغا <12مۇقام>ئاھاڭلىرىنى سالغان بولۇپ، بۇ ئوپېرانىڭ سەۋىيەسى مەملىكەتلىك ھەم خەلقئارالىق سەۋىيەگە يەتكەن ئوپېرا ئىكەن. بۇ ئوپېرانى چەت ئەلگە  ئېلىپ چىقىپ، خەلقئارا سەھنىدە ئوينىشىڭلار كېرەك ھەم خەلقئارا سەھنىنى ئىگىلىشى كېرەك» دەپ ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەن.
ھازىرقى ۋاقىتتا بىزنىڭ مۇقام ئانسامبىلىمىز «12 مۇقام»نى ئاسىيا قىتئەسىنىڭ سەھنىلىرىدىن ياۋروپا قىتئەسىنىڭ سەھنىلىرىگىچە ئويناپ،  دۇنيا خەلقىگە «12 مۇقام»نى تونۇشتۇرۇپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشمەكتە ھەم ناھايىتى يۇقىرى باھالارغا ئېرىشىپ، مىللىتىمىزگە شان-شەرەپ كەلتۈردى. بۇ شان-شەرەپلەر بىلەن خوشاللىنىمىز، خەلقىمىز سىلەر بىلەن پەخىرلىنىمىز ھەم بارىكاللا ئوقۇيمىز.
      يۇقىرىقى نەتىجە ۋە تۆھپىلەرنى ئاتاقلىق مۇزىكاشۇناس، ئۇيغۇر«12 مۇقام»نىڭ رەتلىگۈچىسى ئاماننىساخانغا ئوخشاش مۇقام ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىغانلىقىمىزغا خوشاللىنىمىز. لېكىن بۇ نەتىجىلەر بىلەن قانائەتلىنىپ قالساق بولمايدۇ. دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، خەلقنىڭ تەلىپىمۇ كۈنسېرى يۇقىرى بولماقتا. شۇڭا بىز خەلقنىڭ، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشتا ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ  ئەنئەنىۋى بايلىقىمىزنى تاشلاپ قويۇپ، غەربچە مەدەنىيەتنى تەرغىپ قىلمايمىز. بىزنىڭ سەنئىتىمىزنى يەنىلا «12 مۇقام»نى ئاساس قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرىمىز.
  «12 مۇقام»نى ياش ئەۋلادلىرىمىزغا سىڭدۈرۈش ئۈچۈن «12 مۇقام» كىچىك ئويۇنىنى چوڭ ككلەمدە ھەم كىچىك كۆلەمدە، دۆلەت ئىچى ھەم سىرتىدا كۆپلەپ قويۇپ، تەشۋىق دائىرىسىنى كېڭەيتىشىمىز ھەم چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز لازىم. بىزنىڭ تىياتېر سەھنىلىرىمىزدە «12 مۇقام» ئاھاڭلىرىنى سالغان سەھنە ئەسەرلىرىنى كۆپلەپ ئويناپ سەھنىگە ئېلىپ چىقىشتىن سىرت، مەتبۇئاتلىرىمىزدا «12 مۇقام»نى تەشۋىق قىلىپ، ياشلارغا ئۆزىمىزنىڭ بۇ بايلىىمىزنى تونۇشتۇرۇشىمىز لازىم. ئۇيغۇر «12 مۇقام»نى ئاساس قىلىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش يولىدا ئەدەبىيات-سەنئەت سېپىدە ھەر بىرىمىزنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئىزدىنىشىمىز، ئۆگىنىمىز، تەتقىقات ئىشلىرىنى كۈچەيتىپ، خەلقىمىز ئۈچۈن پارلاق تۆھپىلەرنى يارىتىش ھەر بىر ئەدەبىيەت-سەنئەتچىنىڭ بۇرچى. شۇنداقلا، مېنىڭمۇ ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچۇم.
                                          1991-يىل ئۈرۈمچى.


  يوللىغۇچىدىن: بۇ ماقالە ئاپتورنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قول يازمىسى ئاساسىدا شىفىگىراپتا ئۇرۇپ تەييارلانغان نۇسخىسىدىن«دولان مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىش ئۈچۈن ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىنىپ، يازغۇچىلار تورىغىلا يوللاندى. پايدىلانغۇچىلارنىڭ ئاپتورنىڭ ئەجرىگە ھۆرمەت پوزىتسىيەسىدە بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-28 00:14  


mukam.cn

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  700
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3292
تۆھپە : 0
توردا: 133
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 23:15:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەدەنىي مىراسلىرىمىزغا ۋارىسلىق قىلىش - ھەر بىر ئۇيغۇر ئوغۇل - قىزلىرىمىزىنىڭ يۈكسەك


بۇرچى ، ئادىمىيلىك بەلگىسى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارتۇچ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-27 23:16  


كۈلۈشۈمنى كىملەر سېغىندى

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1333
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 91
تۆھپە : 0
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 19:54:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاماننساخاننىڭ ھاياتى، ئىجادىيىتى ھەققىدە تېپىلغۇسىز ئىسىل ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەپسىز  ،تېما ئىگىسىنىڭ قولىغا دەرت تەگمىسۇن ، ماتىرىيالنى ساقلاپ قويدۇم .مۇشۇنداق تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي ، تېما ئىگىسىگە رەھمەت !!!!!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  166
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1097
تۆھپە : 7
توردا: 250
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 20:56:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئابدۇلۋاھىد خۇدابەردى مۆلجەرى

ئەجرىڭىزگە بارىكاللا! مۇشۇنداق خالىس ئىلمىي ئەمگەكلىرىڭىز ئۆكسىمىسۇن.

ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3127
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 16
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 22:33:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ چىڭگىزنامە›› دىگەن كىتاپتا،‹‹ سۇلتان ئابدۇرىشىدخان شاھ تاتارلىق چوكان سىكىلەك بىلەن قىرىق كىچە كۈندۈز ئۇششاق بىدەئەتتە بولدىلار . . . .›› دىگەن بىر ئۇچۇر بار. شۇڭا بۇ شاھ تاتار دىگەن يۇرۇت قەدىمقى ۋە ھازىرقى يەكەننىڭ قاراسۇ دىگەن يىزىسىغا تەۋە بىر يۇرۇت بولۇپ بۇ شاھ تاتار دىگەن كەنىت ھىلى ھەم تۇرۇپتۇ. شۇڭا ھەرقاندا بىر تەتقىقاتۈ ماقالىسىنى ئېلان قىلغاندا كونا مەنبەلەرگە ئەمەس يىڭى مەنبەلەرگە دىققەت قىلىشمىز لازىم. بۇھەقتە تارىخچى ئابدۇقادىر داۋىت‹‹ ئاسىيا كىندىكى گىزىتى››، ‹‹شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر  تەتقىقاتى››، ‹‹ يەكەن ئەدەبىياتى›› (2012 يىلى 1- سانى) قاتارلىق گېزىت- ژورناللاردا تەكارار ماقالا ئىلان قىلغاندىن كىيىن نۇرغۇن تارىخچىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئىرىشكەن.....

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  94
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 4932
تۆھپە : 30
توردا: 482
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 05:05:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاماننىساخاننىڭ ‹‹ئۈمىدى››، ‹‹ۋەسىيىتى›› بەك كولتا يېزىلىپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر ماقالە بولماستىن، بىرەر پائالىيەتتە  ئوقۇش ئۈچۈن تەييارلانغان ۋەزىپىلىك سۆزدەك قىلىدۇ! بۇنى بىرەر مەتبۇئاتقا بېرىش ئۈچۈن، قايتا ماقالىسىمان بىر نېمە قىلىپ يازمىساق بولمايدىغاندەك قىلىدۇ!...

مېنىڭ ئىسمىم يوق!...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش