قوشنامنىڭ ئوغلى
قوشنامنىڭ چوڭ ئوغلى بەكمۇ كەپسىز بالا ، بىردەم تام ئۈستىدە يۈگرەپ يۈرگەن ، بىردەم ئېگىز دەرەخ ئۇچىغا يامىشىپ چىقىۋالغان ...ئىشقىلىپ خەتەرلىك جايلاردا ئۇنىڭ كۆلەڭگىسى ھەردەم مەۋجۇد . شۇڭلاشقىمىكىن مەن ( بەلكىم قوشنىلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولسا كېرەك ) ئۇنى ھەربىر كۆرگىنىمدە بىر خىل قورقۇنچ ئىچىمگە كىرىۋېلىپ مېنى بىئارام قىلىدۇ . سەۋەبى، ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرىپ قالغان بالامنى ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ، نەدىكى بىر قىلىقسىزلىقلارنى ئۆگىنىۋالمىسا بولاتتى دەيمەنغۇ .
بىر كۈنى ئۆيدە كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرسام ، ئوغلۇمىنىڭ قاتتىق يىغا ئاۋازى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى ،ئەنسىزچىلىكتە ئۆيدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقتىم . كوچىمىزدىكى ئۇششاقلارنىڭ ھەممىسى ئېرىق بويىغا توپلىشىۋالغان ئىدى .
ــ نېمە بولدى ، تاي ؟!
ــ ماۋۇ شىرزات ئاكام ، چاشقاننىڭ ئۆلىكى بىلەن قورقىتىۋەتتى ،ــ دەپ سۆز قىستۇردى يەنە بىر قوشنامنىڭ ئوغلى.
ھىم، پۇرسەت كەپتۇ ، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ،شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دەرس دېسە پوقنىمۇ بىلمەيدىغان يوغان بېشىغا كېلىشتۈرۈپ بىرنى ئۇرماقچى بولۇپ قولۇمنى ئېگىز كۆتۈردۈم، توساتتىنلا ئۇنىڭ قولىدىكى يىپقا بويىندىن باغلىنىپ ساڭگىلاپ تۇرغان مۇشتۇمىمدىن سەل چوڭراق چاشقاننىڭ ئۆلۈكىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى .
ــ نېمەڭ بۇ !؟ ئەكەلگىنە ،ــ يىپنىڭ يەنە بىر ئۇچىنى تۇتۇپ ئۇيان ـ بۇيان ئۆرۈپ قاراشقا باشلىدىم ــ شۇمۇ نېمە ؟!ــ ئىختىيارسىزلا شۇنداق دەپ سالدىم ،ــ شۇ ،شۇ ،دەل شۇ ! ۋۇ كاساپەت ، بىر ئايدىن بېرى يا قاپقانغا چۈشمەي ، يا دورىنى يېمەي ، تالاي كېچە ئۇيقۇمىزنى ھارام قىلغان دەل سەن مەينەت ئەمەسمۇ ؟... ئاپىسى ، ھاي ئاپىسى قارا ماۋۇ ئىپلاس ئاخىرى بېشىنى يەپتۇ ،ــ مەن چاشقاننىڭ ئۆلۈكىنى كۆتۈرگەن پېتى ئاجايىب بىر خىل ھاياجاندا ئۆيگە قاراپ چاپتىم .
ئۇششاق بالىلار يەنىلا ئېرىق بويىدا چۇقىرىشىپ ئويناپ قالدى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تېۋىلغا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-26 16:12