كۆرۈش: 460|ئىنكاس: 17

شېئىر–شائىرنىڭ قەلب ئىزھارى ئەنۋەر ئەمەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1418
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 184
تۆھپە : 0
توردا: 29
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 20:03:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر–شائىرنىڭ قەلب ئىزھارى

-شائىر مۇختار ئابدۇقادىرنىڭ « بېقىۋالغىن ئاتا- ئاناڭنى ، باققان كەبى ئامراق بالاڭنى» ناملىق شېئىرىدىن تۇغۇلغان تەسىرات
ئەنۋەر ئەمەت
شېئىر–شائىرنىڭ قەلب ساداسى، يۈرەك ئىزھارى، شائىر تەپەككۇرىنىڭ مۇجەسسىمى. شېئىر –شائىر ياشىغان دەۋرنىڭ ئىنكاسى، شۇنداقلا شائىرنى يىتىشتۈرگەن خەلقنىڭ ئارزۇ-ئارمانى....! شائىر بولسا  گۈزەللىكنىڭ ھارماس كۈيچىسى، مىللەتنىڭ، دەۋرنىڭ ۋىجدانى...!
تالانتلىق شائىر، ئاتاقلىق ئالىم- ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى ئۆزىنىڭ «شېئىر ۋە شائىر» ناملىق نەسرىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «شېئىر-مارجان ئەمەس، يىپقا تىزىپ قويسا تۇرۇۋېرىدىغان، ياكى ئەزان ئەمەس، قۇلاقنى تۇتۇپ ئېيتسا بۇلۇۋېرىدىغان. شېئىر-ئاسماندىكى يۇلتۇز ئەمەس، كېچىسى پارقىراپ كۆرۈنگەن بىلەن نە ئىسسىقى، نە يۇرىقى تەگمەيدىغان، شېئىر- خۇددى مەشئەلدۇركى، كېچە زۇلمىتىدە ئىنسانغا يول كۆرسەتكۈچى، ياكى گۈلخاندۇركى، پايانسىز دەشتىلەرنى يۇرۇتۇپ، سوغدىن تىتىرىگەن تەنلەرگە ئارام بەرگۈچى. شېئىر- بىر قاينام بۇلاققا ئوخششىدۇكى، تەشنالارغا ئارام، دەردمەنلەرگە داۋا، بىمارلارغا شىپا، غەمكىنلەرگە شادلىق،  ئاجىزلارغا ئۈمىد ۋە كۈچ بەخىش ئەتكۈچى...».
دەرھەقىقەت! ھەقىقى شېئىر ئەنە شۇنداق بولىدۇ. بۇنداق شېئىرلارنى ئۇقۇغان ئۇقۇرمەنلەرنىڭ قەلبى زىل-زىلىگە كېلىدۇ. مەن شائىر مۇختار ئابدۇقادىرنىڭ « ئاقسۇ گېزىتى»نىڭ 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى «جەنۇب شامىلى» بېتىدە  ئېلان قىلىنغان « بېقىۋالغىن ئاتا-ئاناڭنى ، باققان كەبى ئامراق بالاڭنى» ناملىق شېئىرىنى ئۇقۇپ ، قەلبىم ئەنە شۇنداق زىل-زىلىگە كەلدى. شۇنىڭ بىلەن «بۇ شېئىر يالغۇز ماڭىلا ئەمەس، بەلكىم باشقا زور كۆپچىلىك ئوقۇرمەنلەرگىمۇ تەسىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ قاراپ،كەڭ ئۇقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىش مەقستىدە قولۇمغا قەلەم ئالغۇم كەلدى. ئۇنداقتا ئالدى بىلەن بۇ شېئىرغا قايتا نەزەرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى:
ھەپتە، ئون كۈن كۆرەلمىسە گەر،ئىزدەپ كېتەر دىدار-قاراڭنى،
ئۇچۇپ كېلەر يىراق-يىراقتىن،بىلىپ قالسا ئاغرىق-ياراڭنى،
ساقلاتمىغىن، يوقلاپ تۇر پات-پات،ئەگەشتۈرۈپ جۆراڭ،بالاڭنى،
بولسىمۇ گەر ئىشىڭ ئالدىراش، تاشلاپ قويۇپ موزاي-كالاڭنى،
بېقىۋالغىن ئاتا-ئاناڭنى،باققان كەبى ئامراق بالاڭنى!

قىسىلسىمۇ تۇرمۇش غېمىدە،بايلىقىنى بېرىدۇ ساڭا،
چاڭقىسىمۇ چۆلدە ئاچ قۇرساق،يايلىقىنى بېرىدۇ ساڭا،
ھەر قېتىملىق ئىبادىتىدە،بەختىڭ تىلەپ قىلىدۇ دۇئا،
تۆگۈمەيدۇ بىر ئۆمۈر غېمى،بارلىقىنى بېرىدۇ ساڭا،
بېقىۋالغىن ئاتا-ئاناڭنى،باققان كەبى ئامراق بالاڭنى!

غۇربەتچىلىك باسسىمۇ تاغدەك، قىلماس سەندىن ھېچ نەرسە تاما،
يوقلاپ بارساڭ كېتەر سۈيۈنىپ،غېرىپسىنىپ قالغان چېغىدا،
جۇدۇن-چاپقۇن، زىمىستاندىمۇ، ھارارەتلىك مىھرى تەپتىدىن-
گۈزەل ئارمان تۇرار چېچەكلەپ،بىر سەن ئۈچۈن كۆڭۈل بېغىدا،
بېقىۋالغىن ئاتا-ئاناڭنى، باققان كەبى ئامراق بالاڭنى!

تەلمۈرمەكتە بەلكىم يولۇڭغا، يېنىغا بار چېپىپ-يۈگۈرەپ،
بالىلىققا قايىتىپ بىردەم،يايرىۋالغىن تاقلاپ، سەككىرەپ،
قېنىۋالسۇن سەبىيلىكىڭگە مېھرى بىلەن بۆشۈككە بۈلەپ،
ھىدلىرىغا قېنىۋال سەنمۇ،قۇچاقىدا  ئويناپ، ئەركىلەپ!
بېقىۋالغىن ئاتا-ئاناڭنى،باققان كەبى ئوماق بالاڭنى!

ياتقۇزۇپ قوي يۇمشاق كۆرپىگە،قاتتىق يەردە قالمىسۇن مۈگدەپ،
ئەمچىلەرگە كۆرسەتكىن دەرھال، ساقسىزلىقتىن قالسا گەر جۈدەپ،
ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالسا ھەم، قىلىپ كۆرگىن داۋايى سەۋەپ،
پۇت-قولىنى تۇتۇپ قوي يېنىك، كېسىلىگە شىپالىق تىلەپ،
بېقىۋالغىن ئاتا-ئاناڭنى،باققان كەبى ئامراق بالاڭنى!

ئوخشاپ قالار كىچىك بالىغا، ھامان بىر چاغ قېرىسا ئادەم،
شۇ چاغ ئۇنىڭ بېشىدا بەلكىم، ئوت بوپ كۆيەر تۈمەنلەپ مۇڭ-غەم،
بولۇپ تۈندە نۇرلۇق زەر، چىراق، ئايرىلمىغىن يېنىدىن ھەردەم،
ئۇسسۇزلىققا تاتقاندا رايى ، ئىچۈرۈپ قوي شىپاھى زەمزەم،
راۋا قىلغىن ھاجەتلىرىنى،كۆڭۈلگە ئۇ تەسەللى، مەلھەم!
بېقىۋالغىن ئاتا-ئاناڭنى،باققان كەبى ئوماق بالاڭنى!
شائىر مۇختار ئابدۇقادىر ئەپەندى بۇ ئەسەردە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى شېئىرىيىتىمىزنىڭ بىر تۈرى بولغان مۇخەممەس شەكىلىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئاممىباپ، چۈشىنىشلىك، ئوبرازلىق شېئىرىي تىل؛ تەبىئى، چىن ۋە قايناق لىرىك ھېسىيات، ئەپچىل قۇرۇلما ئارقىلىق بىزنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئاتا- ئانىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلۇقىنى، ئۇلارنى ھۆرمەتلەش، قەدىر- قىممىتىنى قىلىش ھەر بىر پەرزەنتنىڭ باش تارتىپ بولماس بۇرچى ئىكەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
دەرھەقىقەت، شائىر مۇختار ئابدۇقادىر مەزكۇر شېئىرىدا ئېيتقاندەك، ئاتا-ئانىلار ھاياتلىقىنىڭ مەنبەسى، ئۇلارنىڭ بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتى بىر ئۇلۇغ دەريا، ئۇنىڭدىن كۆكلەر تۈمەنمىڭ گىياھ . دۇنيادا ئاتا-ئانىدىنمۇ ئۇلۇغ، ئاتا-ئانىدىنمۇ كۈيۈمچان، ئاتا-ئانىدىنمۇ مۇقەددەس، ئاتا-ئانىدىنمۇ مېھرىبان ئىنسان بولمىسا كېرەك. ئانا -ئۇ ئوتقاش ، ئاتا گويا  قۇياش، بىز ئۇنىڭ كىچىككىنە زەررىچىلىرى،خالاس. شۇڭا ئاتا-ئانا دۇنيادىكى ئەڭ قەدىرلىك، بىباھا گۆھەر، چۈنكى ئاتا-ئانا بولغاندىلا مەنمۇ، سىزمۇ، ئۇمۇ ... ھەممىمىز بولىمىز. شۇڭا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى تۇنۇپ يېتىش ئادەمدەك ياشاشنىڭ ئەڭ ئەقەللىي جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى ئۇلار بىزنى كىچىكىمىزدىن باشلاپ ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق،بىلىملىك قىلىپ تەربىيەلەشكە پۈتۇن زېھنىنى، بارلىقىنى سەرىپ قىلىدۇ، دۇنيادىكى ھەر قانداق كىشى شۇ ئۇلۇغ مېھرىبان ئاتا-ئانىلارنىڭ ھېمايىسى ۋە تەربىيىسى ئاستىدىلا مۇكەممەل ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقالايدۇ. بىز ھەر قېتىم «ئانا» دىگەن سۆزنى تىلغا ئالغىنىمىزدا ۋە شۇ سۆزنى ئاڭلىغىنىمىزدا تېنىمىز سۇدىكى بېلىقتەك يايراپ، تىلىمىىز گۈزەل باغدىكى بۇلبۇلدەك سايراپ، ۋۇجۇدىمىز لەرزىگە كېلىدۇ، ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز سۆيگۈ كىچىككىنە يۈرۈكىمىزگە پاتماي قالىدۇ. «ئاتا» دېگىنىمىزدە ۋۇجۇدىمىز ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز كۈچ-قۇۋەتكە تولىدۇ...
بولۇپمۇ، ئاپتۇرنىڭ «غۇربەتچىلىك باسسىمۇ تاغدەك، قىلماس سەندىن ھىچ نەرسە تاما»، «گۈزەل ئارمان تۇرار چېچەكلەپ ، بىر سەن ئۈچۈن كۆڭۈل بېغىدا»، «ياتقۇزۇپ قوي يۇمشاق كۆرپىگە، قاتتىق يەردە قالمىسۇن مۈگدەپ ...» دىگەن مىسرالىرى قەلبىمىزنى لەرزىگە سالىپ، بىزنى بالىلىق بۇرچىمىزنى تۇلۇق ئادا قىلىشقا، ھەقىقى ئادەمدەك ياشاشقا ئۈندەيدۇ.  دېمىسمۇ، بىزنى توققۇز ئاي توققۇز كۈن قورساق كۆتىرىپ ئاچچىق تولغاق ئازابىدا بىزنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان،  پەرزەنىت ئۈچۈن ئوتتا كۆيۈپ، سۇدا ئېقىپ بارلىقىنى تەقدىم قىلغان، ئەزىز جېنىنىڭ جەۋھىرى بولغان خاسىيەتلىك ئاپپاق سۈتىنى بىزگە بەخش ئېتىپ، بىزنى كۆز قارچۇقىدەك ئاسىراپ، يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان مېھرىبان ئانىلار؛ بىزنى بوينىغا مىندۈرۈپ ئويناتقان، باشقىلارنىڭ قولىغا قاراتماي چوڭ قىلغان زەپەردەست ئاتىلار مانا ھازىر ماغدۇرىدىن كېتىپ، تىك ماڭالمايدىغان بولۇپ قالدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى كىم ئۈچۈن؟ يەنىلا بىز ئۈچۈن ئەمەسمۇ!   دوستۇم قاراڭ، مۈكچىيىپ قالغان ئانىڭىزغا ، ئۇ ھازىرمۇ پەرزەنىت ئىشقىدا تىپىرلاۋاتىدۇ! سىز ۋە بىزنىڭ غېمىمىزنى  يەپ، ئېتىزلاردا، يوللاردا، قازان بېشىدا ساقلاۋاتىدۇ...
   دوستلۇرۇم، بىز شائىرنىڭ قەلىب ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، بۇ ئۇلۇغلارنى مەڭگۈ قەدىرلەيلى! بىزدە:«ئاتا رازى- خۇدا رازى، ئانا رازى- ئەل رازى» دېگەن ھېكمەت بار. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇلۇغ ھۆرمىتىگە بوغدا، تەڭرىتاغ چوققىلىرىنىڭ سەردارى تومۇر چوققىمۇ، ئالتاي، كۇئېنلۇن ،مۆلجەر تاغلىرمۇ سىپايىلىك بىلەن تەزىم ئېتىدۇ. دەريا، كۆللەر ،ئەشمە بۇلاق، «توققۇز بۇلاق»لارمۇ زەمزەم سۇلىرىنى سېخىيلىك بىلەن سۇنىشىدۇ. ئانىلارغا ئالەم يۈكۈنىدۇ، ئاتىلاردىن ئالەم نۇرغا پۈركىنىدۇ.
بىراق،بىز پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىلىرىمىزغا زادى نىمە قىلىپ بېرەلىدۇق؟ ئۇلارنى غامدىن خالى قىلالىدۇقمۇ؟!! بىز جەمىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىغا كۆز يۈگۈرتىدىغان بولساق، ھېىس قىلالايمىزكى، بەزى پەرزەنىتلەر ئانىلارغا، ئاتىلارغا ئاپەت ئېلىپ كەلدى، ئۇلارنى خارلىدى، باغرىنى قانغا تولدۇردى، قەرىزگە بوغدى، ئىچىپ چېكىپ، ئۇرۇپ چاقتى، قېرىنداشلاردىن تۇرۇپ كىچىككىنە مەنپەئەتنى دەپ ئاقىۋەتنى ئويلىماي بىر- بىرىنىڭ جېنىنى ئالدى، زەئىپلەشىپ جىنايەت يولىغا ماڭدى، ئائىلىنى ۋەيران قىلدى. بۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتنىڭ يۈكى ئېغىرلاشتى، ئائىلەنىڭ خاتىرجەملىكى، جەمىيەتنىڭ ئىناقلىقى بۇزۇلدى... ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ ئاللىقاچان كېچىكىپ، قانۇننىڭ تورىغا چۈشتى. يەنە بەزىلىرى لەننەت، نەپرەت تۈكۈرۈكلىرى بىلەن كۆمۈلۈپ كەتتى. ئاتا- ئانىلار ھەسرەت بىلەن يىغلىدى!! مانا بۇ بىزنىڭ ئاتا- ئانىلارغا قىلغان شاپائىتىمىزمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئەجىر-مېھنىتىگە قايتۇرغان جاۋابىمىزمۇ؟. خەلىقمىزدە «ئاتا دىگەن تاغ ، ئانا دىگەن باغ » دىگەن ھىكمەت بار. ئانا يىغلىسا زىمىن يىغلايدۇ، ئانا تەۋرىسە زىمىن تەۋرەيدۇ ئەمەسمۇ ؟ قېرىنداشلار، شائىرنىڭ مۇراجىئەت قىلغىنىدەك، بىز ئاتا- ئانىلىرىمىزنى ھايات چېغىدا خۇددى ئامراق بالىمىزنى باققاندەك بېقىۋالايلى، قەدىر قىممىتىنى قىلىۋالايلى، كېتىپ قالغان بولسا مازىرىغا تاۋاپ قىلايلى! چۈنكى، بىز ئۇلارنىڭ مىھرىدىن سۇ ئىچىپ يايىرىغان كۆكلەم!! بۇ ئۇنتۇلماس ھەقىقەتنى چۈشىنەيلى، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلايلى. قەۋىم قېرىنداشلار ئىناق ئىجىل ئۆتۈپ ، بەخىتلىك ئائىلە ، ئىناق جەمىيەت قۇرايلى، ئاتا- ئانىلارنىنىڭ مېھرىگە قېنىۋالايلى...
    دېمەك، باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، بۇ شېئىر يۇقارقىدەك ئۇتۇقلىرى بىلەن مېنىڭ نەزەرىمدە مەن ئوقۇغان شېئىرلار ئىچىدىكى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان نادىر شېئىرلارنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر شېئىرنىڭ يەنە بىر مۇۋەپپىقىيتى شۇكى، قايناق ھاياجان ۋە مۇھەببەت بىلەن يېزىلغان بۇ شېئىر ئۆزىدىكى ئۇقۇشقا بەكمۇ ئەپلىك، قايىيەسىنىڭ رەتلىك، ئاھاڭدارلىقىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىدەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇقۇرمەنلەرنى ئىختىيارىسىز ھالدا ئۆزىگە قايىل ۋە مايىل قىلىدۇ.
ئاخىرىدا مەن كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋاكالىتەن شائىر مۇختار ئابدۇقادىر ئەپەندىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھايات مۇساپىسىدە مانا مۇشۇ شېئىرغا ئوخشاش ئىجابى تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە نادىر ئەسەرلەرنى تېخىمۇ كۆپلەپ ئىجاد قىلىپ،ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا  سۇنۇپ تۇرۇشىنى ھەمدە تېنىنىڭ سالامەت، خىزمىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق ، ئائىلىسىنىڭ بەخىتلىك ، تۇرمۇشىنىڭ خاتىرىجەم بولۇشىنى تىلەيمەن. سىزگە ئۇتۇق يار بولسۇن، ئىجادىيەت بېغىڭىز خۇش پۇراق گۈللەرگە تولسۇن!
        (        2013-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى «ئاقسۇ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-25 22:25  


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1418
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 184
تۆھپە : 0
توردا: 29
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 20:07:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شئېر ئېلان قىلىنغاندا  بارلىق ۇكۇرمەنلەرگە ھۇزۇر بەخش ئەتكەن ئىدى ،  بۇ شېئىرغا قارىتا يېزىلغان ئوبزورنى كېچىكىپ بولسىمۇ يوللاپ قويدۇم ، مۇختەر ئابدۇقادىرنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق ،تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن !!!

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  94
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 4687
تۆھپە : 31
توردا: 437
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 11:33:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇختەر ئابدۇقادىرمۇ ۋەز-نەسىھەت قىلىشقا ئۇستا بولۇپ كېتىپتۇ... ياشلىقىدا ئانچە-مۇنچە بىر نېمە يېزىپ ‹‹شائىر›› ئاتىلىپ قالغانلار قېرىغاندا  ۋەز-نەسىھەتنى نەزملەشتۈرىدىغان ۋە   رۇبائىي يازىدىغان بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ...

مېنىڭ ئىسمىم يوق!...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1729
يازما سانى: 876
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2057
تۆھپە : 10
توردا: 496
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 11:55:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىران يوللىغان ۋاقتى  2013-7-26 11:33
مۇختەر ئابدۇقادىرمۇ ۋەز-نەسىھەت قىلىشقا ئۇستا بولۇپ ك ...

ھەي...بەزى ئادەملەرگە ھەقىقەتەن گەپ كەتمىگۈدەك؟!

يىگىت يۈرىكى مىسلى كائىنات،
سىغار ئۇنىڭغا جىمى مەۋجۇدات.
                       -ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1418
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 184
تۆھپە : 0
توردا: 29
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 12:18:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇختەر ئابدۇقادىرمۇ ۋەز-نەسىھەت قىلىشقا ئۇستا بولۇپ ك ......
يازغۇچىلار تورىغا  ساپاسى بار بىلىمدار كىشىلەر كىرىدۇ دەپ ئويلايتتىم ،شورىدىن ئوغۇرلۇقچە كىرىپ مالىمان قىلدىغانلارمۇ باركەن جۇمۇ ! مۇختەر ئابدۇقادىر بۇرۇن ئەمەس ھازىرمۇ شائىر، بولۇپمۇ ياش شائىرلارنىڭ مەدەتكارى، تەربىيچىسى !!  ھەممىگە يارىغان شېئىرنى سۆككەنلىك  - شېئىرنى چۈشەنمىگەنلىك !!!!!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3332
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 73
تۆھپە : 0
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 13:21:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر–شائىرنىڭ قەلب ساداسى، يۈرەك ئىزھارى، شائىر تەپەككۇرىنىڭ مۇجەسسىمى. شېئىر –شائىر ياشىغان دەۋرنىڭ ئىنكاسى، شۇنداقلا شائىرنى يىتىشتۈرگەن خەلقنىڭ ئارزۇ-ئارمانى....! شائىر بولسا  گۈزەللىكنىڭ ھارماس كۈيچىسى، مىللەتنىڭ، دەۋرنىڭ ۋىجدانى...!


بۆسەر: زامان-سۇلالىلەرنىڭ ئالمىشىشى، مەنپەئەتلەر توقۇنىشى، سىياسىي ۋە ئىدىئولوگىيە توقۇنىشى، مەدەنىيەتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتسىز بىر نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ شېئىر.
ئىجتىمائىي كىملىكتىن ئىبارەت تاشقاپنى سېلىۋېتىپ شېئىر يازىدىغان بىر روھ بار، ئۇ بولسىمۇ شائىر.
زامان- سۇلالىلەر كېتىدۇ شېئىر قالىدۇ. مەنپەئەتلەر كېتىدۇ، شېئىر قالىدۇ، سىياسىي ۋە ئىدىئولوگىيەلەر كېتىدۇ، شېئىر قالىدۇ، مەدەنىيەت كونىرايدۇ،شېئىر بارغانسېرى جۇلالىنىدۇ.

سىز تەرىپلەۋاتقان شائىر دەۋرنىڭ ئىنكاسى، دېگەن بۇ قورققۇنچلۇق گەپ شائىرغا نىسبەتەن ئەمەس، زاماننىڭ ئاخباراتچىلىرىغا مۇناسىپ بىر تەرىپتۇر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۆسەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-26 13:22  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3332
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 73
تۆھپە : 0
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 13:24:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەپەككۈرىڭىزنىڭ قاتتىق زەخمىلىنىشىگە تەييارلىقىڭىز بولسا سۇئال قويسىڭىز بولىدۇ، بولمىسا ئاۋارە بولماڭ ۋە ئۆزگىنىڭ ۋاقتىنىمۇ ئالماڭ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  717
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 385
تۆھپە : 0
توردا: 48
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 14:12:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە، بۇ ئوبزۇر يېزىپ ماختاپ كەتكۈدەك شېئىرمۇ ئەمەسكەن. ئەجەبا...

مىھىر نېمە ئۇ؟ بىر پىيالە سۇ،
بۇ دۇنيادا يوق بىرمۇ چاڭقىمىغان لەۋ...

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3344
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 57
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 22:59:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا-ئانىلارغا كۆيمىگەن ۋە ئۇلارنى سويمىگەنلەردىن ھەزەر ئەيلىگۈلىك!!!!!

ياخشلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3344
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 57
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 23:04:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىكەن كۇش! سىزنىڭ ئاتا - ئانىڭىز يوقمۇ؟!!! يۈرىكى تاش ئىنسانلاردىن ھەممە كىشى نپرەتلىنىدۇ؟!!

ياخشلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3344
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 57
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 23:09:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىران ئەپەندى، مدن تېخى ئىجدىيەتنىڭ قىرانلىق دەۋرىگە قەدەم قويدۇم دېيەلمەيمەن، تولىمۇ ئەپسۇس! سىزنىڭ ئىنكارچىلىقىڭىڭىزدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم! .....

ياخشلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3344
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 57
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 23:14:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە، ھەممە ئىشقا پاتىت زورۇر!!!!

ياخشلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3344
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 57
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 23:18:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە ئىشقا پالىت زورۈر!!!!

ياخشلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3344
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 57
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 23:20:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭلار، ئىملاغا دىققەت قىلماپتىمەن! مېنىڭچە، بۇ نوقتىغىمۇ قۇسۇر تاپىدىغانلار يوق ئەمەس!!

ياخشلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3344
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 57
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 23:22:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممھ ئىشقا پاكىت كېرەك!! دېمەكچى ئىدىم.

ياخشلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش