بۈگۈن چۈشتىن ئىلگىرى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، داڭلىق شائىر، ئەل سۆيگەن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى جەنۇبىي تاغقا كېلىپ، «كروران» ژۇرنىلى قەلەمكەشلىرىگە ئەدەبىيات ۋە يېزىقچىلىق مەسىلىلىرى توغرىسىدا مەخسۇس لېكسىيە سۆزلىدى.
بۈگۈن يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىي تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئاتاقلىق ئەدەبىي تەرجىمان دىلمۇرات تەلئەت، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر پولات ھېۋزۇللا، «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئەركىن نۇر ، مۇھەرىرى ئىمىر ھەسەن مەخمۇت قاتارلىقلار مەخسۇس كېلىپ كۇرسانتلارنى يوقلىدى ۋە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.