كىتاب ھەققىدە قىزىقارلىق لايىھەلەر
يانفوندا كۆرۈش
ئەنگىلىيەلىك پەيلاسوپ فرانىس باكون مۇنداق دەيدۇ: «كىتاب كىشىگە خۇشاللىق، ساپا ۋە ئىقتىدار ئاتا قىلىدۇ. كىتاب ئوقۇشنىڭ لەززىتىنى يالغۇز قالغاندا، كىتاب ئوقۇش داۋامىدا يېتىلگەن ساپانى پاراڭ قىلغاندا، كىتاب ئوقۇشتىن كېلىدىغان ئىقتىدارنى بىر ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئەڭ ئاسان كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بىلىمسىز، ئەمما تەجرىبىلىك كىشىلەر بەزى ئىشلارنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىغا توغرا ھۆكۈم قىلالىشى ياكى بىر ئىشلارنى توغرا بىر تەرەپ قىلالىشى مۇمكىن، ئەمما ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئومومىي جەھەتتىن قوماندانلىق قىلىش سىستېمىلىق تەربىيە كۆرگەن ئادەملەرنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ، كىتاب ئوقۇش ئادەمنى بىلىملىك قىلىدۇ، مۇنازىرە ئادەمنى چېچەن قىلسا، يېزىقچىلىق ئادەمگە ئەستايىدىللىقنى ئۆگىتىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم يېزىقچىلىقنى ياقتۇرمىسا، ئۇنداقتا ئۇ ناھايىتى كۈچەپ ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئەگەر ئادەم كەمدىن-كەم مۇنازىرىگە قاتناشسا، ئۇنداقتا ئۇ پىكىر تۇرغۇنلۇقىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئەگەر بىر ئادەم كىتابنى ئاز ئوقۇسا، ھىيلىگەر بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ-دە، بىلمىگەن نەرسىنى بىلىمەن دەپ تۇرىۋالىدۇ ... تارىخ ئادەمنى چېچەن قىلسا، شېئىر ئادەمنى تەسەۋۋۇرغا مول قىلىدۇ. ماتېماتىكا ئادەمنى توغرىلىققا يېتەكلىسە، پەلسەپە ئادەمنى چوڭقۇر پىكىرگە ئۈندەيدۇ. ئېتىكا ئادەمنى دۇرۇس بولۇشقا ئۈندىسە، لوگىكا ۋە ئىستىلىستىكا ئادەمنى سۆزمەن قىلىدۇ. قىسقىسى، كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ خاسلىقىنى تاۋلايدۇ ۋە پىسخىكىسىدىكى ئاجىزلىقلىرىنى ئوڭشايدۇ.
كىتاب ئورۇندۇق
كىتاب ھەيكەل
كىتاب ھەيكەل
كىتاب بىلەن تىزىپ چىقىلغان ئۈستەل
مەنبە: باچكا سالونى