كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئاياللار...
ۋاقتى: 2016-01-19
ئاۋاتلىقى: 1770 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئاياللار قاتمۇ قات ئېچىلغان ئەتىرگۈلگە ئوخشايدۇ. بىرى شۇنداق سورايدۇ: قىز بالا شۇنچە ئۇزۇن مەكتەپتە ئوقۇپ، شۇنچە كۆپ كىتابلارنى ئوقۇغان بىلەنمۇ يەنىلا، ئەرگە تېگىپ، بالا بېقىپ، تاماق ئېتىپ، كىر قاتلارنى يۇيۇپ ئاددىي ياشايدۇ، شۇنداق تۇرسا يەنە ئوقۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟
مەن مۇنداق ئويلايمەن، خىزمەت ئوخشىسىمۇ كەيپىيات ئوخشىمايدۇ، ئائىلە ئوخشىسىمۇ ھېس تۇيغۇ ئوخشىمايدۇ، ئەۋلادلار ئوخشىسىمۇ، تەربىيەلىنىشى ئوخشىمايدۇ.
كىتابنى كۆپ ئوقۇپ، كۆپ پىكىر يۈرگۈزسىڭىز، تۇرمۇشقا تۇتقان مۇئامىلىڭىز ئۆزگىرىدۇ، ھاياتقا بولغان ئىشەنچىڭىز ئاشىدۇ، باغرى يۇمشاق، ئاقكۆڭۈل، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۆزىنى سۆيىدىغان ۋە قىممىتىنى ساقلايدىغان ئادەمگە ئايلىنىسىز. بۇنداق ئايالنىڭ گىرىم قىلمىسىمۇ ھېچ يېرى سەت كۆرۈنمەيدۇ.
ئەنگىلىيەلىك مەلۇم يازغۇچى بۇرۇن «دۇنيادا سەت قىز يوق، ئۆزىنى قانداق گۈزەل قىلىشنى بىلمەيدىغان قىزلا بار» دېگەن ئىدى. ئاياللارنىڭ ھەقىقىي سېھرىي كۈچى مودىغا ئەگىشىشتە ئەمەس، بەلكى ئىچكى تەربىيەلىنىش، تەربىيەلىنىش ئارقىلىق ھەقىقىي ئۆزىنى يارىتىشتا. كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق باشقىلاردىن پەرقلىق ياشىغىلى بولىدۇ.
كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئاياللارغا نىسبەتەن دۇنيانىڭ ئاسمىنى چوڭ، تۇپرىقى كەڭ كۆرۈنىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر زېھنى، مەسۇملىقى، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغانلىقى بىلەن بارچە گۈزەللىكنى قەلبىگە يازىدۇ . ئۇ تۇرمۇشنى شېئر، نەسىر، رومان قىلىپ ئوقۇيدۇ؛ ئۇ تۇرمۇشنى چىنلىق بىلەن، ئادىللىق بىلەن، ئۆزىنى قەدىرلەش بىلەن، دوستانىلىق بىلەن ئوقۇيدۇ؛ ئۇ سۆيۈش بىلەن گۈزەللىك ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قەلب دۇنيارىنى تولۇقلايدۇ؛ ئالىيجانابلىق ۋە قەدىر-قىممەتنى ئۆزىنىڭ قارىشى قىلىدۇ؛ ئۇ ئۆزىگە قانداقتۇر غەيرى تۈس بەرمەيدۇ، خۇشامەتچىلىك قىلمايدۇ، ھامان ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى كىتابتىن ئىزدەيدۇ .
كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئايال، مەيلى قەيەرگىلا بارمىسسۇن بىر گۈزەل مەنزىرە . بەلكىم ئۇنىڭ قىياپىتى كىشىنى لال قىلالماس، بىراق ئۇنىڭدا بىر خىل ئىچكى خاراكتېر بار، ناھايىتى نەپىس سۆزلەيدۇ، شۇ ھالىتىگە زىننەت تاقاشنىڭ ھېچ بىر ھاجىتى يوق، سۇغا ئوخشاش ئەۋرىشىم، شامالغا ئوخشاش مەپتۇنكار، گۈلگە ئوخشاش گۈزەل ...
مەنبە: ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى