يانكىتاب يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

نۇرئەلى مۇئەللىم ۋە زۇردۇن سابىر ياراتقان ئەلا

نۇرئەلى مۇئەللىم ۋە زۇردۇن سابىر ياراتقان ئەلا

ۋاقتى: 2016-01-30 ئاۋاتلىقى: 2717 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

نۇرئەلى مۇئەللىم ۋە زۇردۇن سابىر ياراتقان ئەلا--دوسلار چەمبىرىكى سىرتىدىكى ھەمبەھرلىنىش
قەلەمدە: توخۇتۇر
نۇرئەلى مۇئەللىمنىڭ 8760 سائەت دېگەندەك ۋاقىت قاراش تەشەببۇسلىرىنى تورلاردىن ئازتولا كۆرگەن بولساممۇ ئەمما كىتابىنى ئېلىشقا ۋاقىت چىقىرالماي قالغان ئىدىم. قايسى كۇنى تۆت كوچىدىن ئۆي ئۇچۇرى كۆرۈپ يۈرۈپ بىر ئۆي
ساتقۇچى قىزچاقنىڭ قولىدا نۇرئەلى مۇئەللىمنىڭ كىتابىنى كۆرۈپ قالدىم . شۇنداق قىلىپ مەندە نۇرئەلى مۇئەللىمنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ چىقىش ئىستىكى قوزغالدى. ئۇچ كۈننىڭ ئالدىدا قومۇل شىنخۇا كىتابخانىسى ئالدىدىكى قىستاڭچىلىققا قارىماي قاراملارچە ماشىنا توختىتىپ، شىنخۇا كىتابخانسىىغا قەدەم قويدۇم. قەدەم قويدۇميۇ بۇ بىر نەچچە قەۋەتلىك كىتابخاندىن قانداق قىلىپ ئەڭ تېز سۇرئەتتە نۇرئەلى مۇئەللىمنىڭ كىتابىنى تېپىشنى بىلمەي ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئۇيغۇرچە كىتاب سېتىۋاتقان قارداشلىرىمدىن سوراپ بېقىشنى لايىق تاپتىم.
-نۇرئەلى مۇئەللىمنىڭ كىتابى بارمۇ؟
كىتاب سېتىۋاتقان مۇلازىمەتچى دەماللىقا بىر نەرسە دىيەلمەي.
-ياق كەلمىدى، ئۈرۈمچىدىكى نۇرئەلى قۇربان مۇئەللىمنى دەمسىز؟
-ياق بېيجىڭدىكى نۇرئەلى مۇئەللىمنىڭ
ۋاقىت توغرىسىدىكى بىر كىتابى چىقىپتىكەن، خەنزۇچە، گېپىمىزنى تىڭشاپ قالغان يەنە بىر ئۇيغۇر كىتابخانا خادىمى ماڭا قاراپ:
-ئۆزلە بىرىنچى قەۋەتنى ئىزلەپ باقسىلا، تاپالمىسلا مەن ئىزلەپ تېپىپ بىرىمەن، ئارقا تەرەپتىكى ئىسكىلاتتا مەن كۆرگەن. -دېدى.
مەن بىرىنچى قەۋەتتە ئىزلەپ يۇرسەم ئۇ كىتاب ساتقۇچى خادىم چۈشۈپ كەلدى قولىدا بىر كىتاب تۇراتتى.
-تاپالىللامۇ؟
-ياق تاپالمدىم.
-ئۇنداق بولسا مانا موشۇ كىتاب شۇ.
مەن بۇ ئۆزەم بىلەن تەڭ قۇرام خانىمغا رەھمەت ئېيتقاچ خوشاللىق بىلەن ئۇنىڭ قولىدىن كىتابنى ئالدىم، ھەر ئىككىمىزنىڭ قەلبىدە ئۆز مىللتىمىزدىن چىقىپ بېيجىڭدا پۇت تىرەپ تۇرغان ۋە پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ، مەملىكىتىمىزدىكى چوڭ كىچىك مېدىيالارنىڭ تەكلىپى ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەن بۇ ئىنىمىز نۇرئەلىگە بىر ھوزۇرلۇق پەخىرلىنىشىمىز بار ئىدى. شۇنداق قىلىپ كىتابخانا خادىمى ۋە مەن شۇ تاپتا دوستلار چەمبىرىكىنىڭ سىرتىدىكى بوشلۇقتا پەخىرلىك ئىنىمىز نۇرئەلىگە بىردىن يۈرەك بەرگەن بولدۇق .
بۇ مېنىڭ كىتاب ئوقۇش يىلىدا ئوقۇغان تۇنجى خەنزۇچە كىتابىم ۋە خەنزۇچە كىتابقا يازغان تۈنجى ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇش تەسىراتىم.
گەرچە بۇ يىللىق كىتاب ئوقۇش تەشەببۇسىدا چوقۇم ئۇيغۇرچە كىتاب كۆرىسەن دەيدىغان گەپ بولۇنمىغان بولسىمۇ ۋە يەنە گەرچە ئۈمىد غېنى ئۈمىد پاراڭلىرىدا ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ تاكى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى نۇرئەلى مۇئەللىمنىڭ كىتابىنى ئوقۇشقا باشلاشتىن بۇرۇن مەندە خەنزۇچە كىتاب كۆرۇش توغرۇلۇق بىرەر قىزىقىش بولۇپ باقمىغانلىقى راست ئىدى. ئەمما بۇ كىتاب باشقىچە ئىدى، چۈنكى بۇ كىتاب خەنزۇچە بولغان بىلەن بىزنىڭ نۇرئەلى مۇئەللىم يازغان كىتابتە، بىراق كىتابنى ئوقۇپ بولغاندا، كىتابقا باشچىلاپ كىرىپ كەتكەن بولسام كېرەك. ئالتە ياشلىق قىزىم:
-دادا سەن بۇ نۇرئەلى مۇئەللىمنىڭ كىتابىنى يامان كۆرۈپ كەتتىڭغۇ دېگەندىلا بالامنىڭ كۆزىدە كىتاب كۆرۇشنىڭ، بولۇپمۇ ئۆزۈمنى ئۇرۇپ كىتاب كۆرۈشۈمنىڭ زۆرۇرلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم. كىتابنى ئوقۇش جەريانىدا بىر تەرەپتىن كىتابنى ئوقۇغاچ بىر تەرەپتىن نۇرئەلى مۇئەللىمنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلارنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كىتابقا تولىمۇ قىزىقىپ قالغان ئىدىم. ئىش قىلىپ نۇرئەلى مۇئەللىمنىڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ بېيجىڭدا شەھەر مامكاپى بولۇپ قېلىش جەريانىدىكى تىرىشچانلىقلىرى مېنى ئۆزىگە قىزىقتۇردى. نۇرئەلى مۇئەللىمنىڭ يېڭى شەرقتىن ئىبارەت مائارىپ تەربىيەلەش مەركىزىدە بىر تۈمەن سەككىز مىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ بىرسى بولۇپ ئىشلىشى ۋە بۇ جەرياندىكى ئوڭۇشلۇق ئوڭۇشىسىز سەرگۇزەشتىلىرى بولۇپمۇ ئوقۇتۇشنى بەك ياخشى قىلېۋېتىپ يەنىلا ئىشسىز قالغانلىقىدەك ئاچچىق كەچۈرمىشلىرى، ئورۇقلاش جەريانىدىكى ئازاب ئوقۇبەتلىرى، ئۆز ئوقۇتۇشىدىن بەك مازۇز بولۇپ كېتىپ رازى بولمىساڭ پۇلۇڭنى قايتۇرىۋالساڭ بولىدۇ دەپ مەيدىسىگە ئۇرغاندا ئەڭ ئاخىرقى سائەتتە ئاز بولمىغان «رازى بولمىغان»لارنىڭ چىقىپ ئوقۇش پۇلىنى قايتۇرىۋالغانلىقىدەك نومۇسسىز كەچۈرمىشلەرگە شاھىت بولغانلىقى مېنى تولىمۇ قىزىقتۇردى.
نۇرئەلى مۇئەللىم ۋە زۇردۇن سابىر ياراتقان ئەلا ئوبرازى
ئالدى بىلەن زۇردۇن سابىر ياراتقان ئەلا ئوبرازىنىڭ پۈتكۇل ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە بولغان تەسىرى ھەققىدە سۆزلىسەك، ئىزدىنىش روماندىكى ئەلا ئوبرازى كىتاب نەشىردىن چىققاندىن باشلاپ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىغىچە تۇغۇلغان بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ ئېنېرگىيە ئىلھام مەنبەلىرىنىڭ بىرسى بولۇپ قالغان ئىدى. ئىزدىنىش رومانىدىكى بىرىنچى شەخىس تىلدىكى ئەلانىڭ لەنجۇ مىللەتلەر ئۇنىۋېرىسىتېتىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى روماننى ئوقۇغان ھەر بىر ياشنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالماي قالمايدۇ، بۇ قەدەر تىرىشچانلىققا ئوقۇلغان مەدھىيە ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئالقىشقا سازاۋەر بولدى. ئۇيغۇر جەمئىيىتى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى مالىماتاڭچىلىقلاردىن كېيىنكى رۇھى چۈشۈش، تېڭىرقاش، ئۆز مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئۈزۈكچىلىگىنى قانداق ئۇلاش جەھەتلەردە بىر مەھەل ئاۋارىچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولدى. مانا شۇنداق چاغدا ئىزدىنىش روماندىكى ئەلانىڭ تىرىشچانلىق ئۈلگىسى بىر قانچە ئەۋلاد ياشلار ئۇچۇن بەكمۇ ياخشى ئىلھاملاندۇرۇش رولىنى ئوينىدى. ئاددى ئاۋاملىقتىن تىرىشىپ ئۆز ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئىزچىل كۆڭۇل بۆلىۋاتقان يۇشۇرۇن
ئېڭىمىزغا چوڭقۇر ئورۇنلاشقان تېمىلاردىن بىرسى.
ئۇيغۇر ياشلىرىنى تىرىشچانلىققا ئۈندەش ۋە تىرىشچانلىقنىڭ كەلگۇسىدىكى مېۋىسىنى ئىسپاتلاش يولىدا نۇرغۇنلىغان ئاقارتىش ھەرىكەتلىرى بولدى. جۈملىدىن بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ تەرجىمھالى ۋە ھاياتىدىكى ئۈزۈكسىز تىرىشچانلىقى بىز ئۇيغۇر ياشلىرىغا يەنە بىر قېتىم تىرىشچانلىقنىڭ ئىنساننىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۇرۇپ ھاياتتىكى سۈپەت دەرىجىلىرىنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى. ئۇنىڭدىن كېيىن باغداش مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغان گۈلەن ئۇستازنىڭ ئۆزگۈرۈش مارشىمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىغا تىرىشچانلىقنىڭ، ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلارنىڭ نەقەدەر سۆيۈملۇك ۋە مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى. ئەلۋەتتە بىز موشۇ ئىككى ئۇچ يىل ئىچىدە نۇرغۇنلىغان نۇتۇق سۆزلەپ ئىلھاملاندۇرغۇچىلارنىڭ شەمۇ-شە ئاتلاپ سۆزلىگەن ھەقلىق ياكى ھەقسىز نۇتۇقلىرىنى نەق مەيداندىن ۋە يەنە تورلار ئارقىلىق خەۋەر تاپتۇق. گەرچە نۇتۇقلارنىڭ مەزمونى ھەر خىل ھەر ياڭزا بولسمۇ ئەمما موشۇنداق نۇتۇق ئۆگىنىش سۆھبەت ئىلمى ھاۋاسى بىزگە ئوخشاش بىر بېكىنمە ھالەتتىكى مىللەتكە تولىمۇ زۆرۇر ۋە قىممەتلىك.
ئەگەر شىنجاڭ تىلۋۇزىيە ئىستانسىسى بىر نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقە پىراگىراممىسى ئىشلىگەن بولسا بۇ ناتىقلار ۋە ئۇلارنىڭ كۆپ تەرەپلىمە بىلىملىرى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئەڭ كەڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بولاتتى . بەلكىم بېيجىڭدا ئېتراپقا ئېرىشكەن نۇرئەلى مۇئەللىم مانا شۇ تېلېۋىزىيە ئەۋزەللىكىدىن تولۇق بەھرىمان بولغان بىر ئۇيغۇر ناتىق ھېسابلانسا كېرەك.
نۇرئەلى مۇئەللىمنىڭ كىتابىنى ئوقۇش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى ئۇنىڭ ئۇ شەھەردىن بۇ شەھەرگە ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ بېرىپ ئىلھاملاندۇرۇش تىپىدىكى نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقىنى ھەتتا بەزىدە بىر كۈندە ئىككى ئۈچ مەيدان نۇتۇق مۇسابىقىسىگە قاتىنىشىدىغانلىقىنى يازىدۇ. بىز تېخى يىپەك يولى ساداسىغا مەستۇمۇستەغرەق بولۇپ يۇرگەندە ئىچكىردە ئاللىقاچان تېخىمۇ ئىلمى، تېخىمۇ كېرەكلىك بولغان ئىلھاملاندۇرۇش تىپىدىكى تېلېۋىزىيە نۇتۇق پىراگىراممىلىرى ھەر قايسى شەھەرلەردە ناھايىتى داغدۇغىلىق ھالدا قانات يېيىۋاتقاندەك تۇرىدۇ. مەن بۇ يەردە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تېخىمۇ كۆپ تاللاش ئەركىنلىكى بېرەلمەيۋاتقان شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن ئاغرىنمايمۇ قالمىدىم.
خۇددى تۇغماس توخو ياتىدۇ ئوۋىلىقنى ئىگەللەپ دېگەندەك... بۇ خىل جەمئىيەت خاراكتېرلىك ئىلھاملاندۇرۇش سىستېمىسى تېخى بىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا تېخى كۆرۇلمىدى، پەقەت ھۆكۆمەت بېكىتكەن سالاھىيەتلىك ناتىقلارنىڭ سىياسى خاراكتېرلىك نۇتۇقلىرىلا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا بازارلىق ئەمما خەلق ئىچىدىن چىققان ھەقىقى ئىقتىدارلىق ناتىقلارغا تېخى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا بىرەر كەڭرى سەھنە ھازىرلانمىدى.

نۇرئەلى مۇئەللىمنىڭ سۆز تەربىيەسى ۋە ئۆز تەربىيەسى
نۇرئەلى مۇئەللىمنىڭ كىتابىنى ئىدارىغا ئەپچىقىۋېلىپ يۇشۇرۇن كۆرۈپ بەزى سۆز بىرىكمىلىرىنى چۈشۈنەلمەي يېنىمدىكى جاڭ خانىمدىن سورىسام جاڭ خانىم بۇ سۆز بىرىكمىلىرى بەلكىم بېيجىڭدا مودا بولىۋاتقان سۆز بىرىكمىلىرى ئوخشايدۇ، مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن دېگەندىلا نۇرئەلى مۇئەللىمنىڭ تىل جەھەتتە ئەڭ راۋان ئەڭ ئاددى ئەڭ مودا بېيجىڭ خەنزۇ تىلى ئېقىمىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ قالدىم. نۇرئەلى مۇئەللىمنىڭ ئۆز تەربىيەسىگە كەلگەندە ئۇ ئاساسەن ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشى ئۆزىنىڭ ئازاۋى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى سۆزلەش ئارقىلىق باشتىن ئاخىرى-ئاددى بىر شەھەر مامكاپىنىڭ قانداق قىلىپ ھازىرقى ئېتىراپ ئىپتىخارلارغا مۇيەسسەر بولغانلىقىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇپ، ئۇلاردا نۇرئەلى قىلغان ئىشنى نۇرئەلىدەك تىرىشسام ئېھتىمال مەنمۇ قىلالايمەنكەنغۇ دەيدىغان ئىشەنچنى بېرەلىگەنلىكىدە دەپ قارىدىم، ئۆزى ئاشۇ قىيىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى، قانداق يەڭگەنلىكىنى، قانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ۋە ھازىرقى ھالەتكە قانداق يەتكەنلىكىنى ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق سۆزلەپ بېرىش بىر ئىنتايىن ياخشى بولغان ئۆز تەربىيەسى ئىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. ھەتتا نۇرئەلى مۇئەللىم كىتابىدا ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدىكى چۇشكۈنلەشكەنلىكىنى، ئۆزى بولمىسا بۇ دۇنيا تېخىمۇ گۈزەل بولامدۇ قانداق دەپ ئويلاپ قالغانلىقىنى ۋە قىز دوستى، مۇھەببەتتىكى ئىزچىل مەغلۇبىيىتى، ئورۇقلاش جەريانىدىكى ئازابلىرىنى يوشۇرۇپ ئولتارمايدۇ، دېمىسىمۇ مېنىڭچە ئىنسان ھاياتى مەغلوبىيەتتىن نېرى بولىدىغان ھايات ئەمەس، نۇرئەلى مۇئەللىمنىڭ كىتابىدا ئورۇقلاش ئۈچۈن جېنىنى تىككەنلىكىنى، مەغلوبىيەتنى تاماق ئورنىدا يېگەنلىكىنى ئوقۇغىنىمدا دەسلەپتە قاقلاپ كۈلۈپ كەتكەن بولسام كەينىدىن جىمجىت ئويلاندىم .

نۇرئەلى مۇئەللىمنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت ھەققىدىكى قاراشلىرى
مەن نۇرئەلى مۇئەللىمنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت ھەققىدىكى قاراشلىرىنى يازغان ئابزاسلارغا كەلگەندە نۇرئەلى چوقۇم جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كىشىلىك مۇناسىۋەتنى كەسكىن تەنقىد قىلىدۇ دەپ ئويلىغان بولساممۇ ئەمما نۇرئەلى ئۇنداقمۇ دەپ كەتمىدى. پەقەت نورمال كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنى كىچىك سوغات بېرىش كۈلۈمسىرەش ئادىمى پەزىلەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش دەپلا ئۆتۇپ كەتتى. ئەمما بەلكىم مەن شىنجاڭدىكى ئۆزۈمگە تەسىر قىلغان خەنلەرنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت قاراشلىرىنى بېيجىڭغا تەدبىقلىسام ئانچە دۇرس بولمامدۇ دەپمۇ ئويلاپ قالدىم، بولۇپمۇ يېڭى شەرققە ئوخشاش ئىقتىدارنى تەكىتلەيدىغان، ھەمكارلىقنى تەكىتلەيدىغان مائارىپ مەركىزىدە ئۇرۇق-تۇققاندارچىلىق ۋە باشقا پارە دېگەندەك ئەخلاقسىز كىشىلىك مۇناسىۋەت قاراشلىرى راستىنلا شىنجاڭدا بازارلىق بولغان بىلەن بېيجىڭدا نېمىلا بولمىسۇن شېركەتلەرگە ئۇرۇق-تۇققان، يۇرتداش دېگەندەك پۇرچاق پەلىزى مۇناسىۋەتلەرگە قارىغاندا ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىغان ئىقتىدارلىق ئادەملەر تېخىمۇ كېرەك بولسا كېرەك، بولۇپمۇ نۇرئەلىدەك بىر ئۆرۇمچىدىن بارغان ھېچقانچە ئورنى يوق بالىنىڭ ئۆز ئىقتىدارىغا تايىنىپ ئۆز شىركىتىدە بىر تۈمەن سەككىز مىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى سەككىز ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىچىگە كىرگەنلىكى ۋە بىلوگ ۋە تېلېۋىزىيە تاراتقۇلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭ ئېتراپقا ئېرىشكەنلىكى ئۇنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت ھەققىدىكى نەزىرىيەۋى بايانلىرىنىڭ
بېيجىڭدىكى ئەمەلى كۆرۈنۈشلەرگە ئۇستمۇ-ئۇست چۈشكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى.
ئەلۋەتتە بۇ بەش مىڭ يىل جەريانىدا شەكىللەنگەن شەرقچە كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئۇنداق ئوڭايلا يوقالمايدىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ ئەمما جۇڭگونىڭ ھازىرقى يۈزلىنىشى ۋە تەرەققىياتى جۇڭگوچە كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ئاستا-ئاستا چوقۇم بىر خەلقئارا توغرا دەپ قارىغان بىر قەپەز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە.

كىتابتىكى مەن تەسىرلەنگەن نۇقتىلار
1. ئامازۇن دەرياسى يامغۇرلۇق ئورمىنىدىكى كىتابلارغا يېزىلمىغان ھېكايىدىكى ھەقىقەتتىن تەسىرلەندىم، بۇنىڭدا بىر نەچچە يىللىق يول باشلۇغۇچى ساياھەتچىلەرگە يول باشلاپ ئېزىپ قالىدۇ. ئاندىن ساياھەتچىلەرگە ئورنىدىن مىدىرلىماسلىقنى تاپىلاپ ئۆزى يول ئىزلەپ چىقىپ كېتىدۇ، ئاقىۋەت ئىككى كۇندىن كېيىن ئورنىدىن مىدىرلىماي قۇتقۇزۇش سىگنالى ئەۋەتكەن ساياھەتچىلەر قۇتۇلۇپ ھېلىقى يول باشلۇغۇچى ئىككى ھەپتىدىن كېيىن مىڭ بىر بالالىقتا قۇتۇلۇپ چىقىدۇ، نۇرئەلى دەيدۇلەركى ھەر قانداق ۋاقىتتا توغرا ئۇسۇل بولۇشى كېرەك. ئۇسۇل چارە خاتا بولسا تىرىشچانلىق پەقەت بەدەللا بولۇپ قالىدۇ .

2. نۇرئەلىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت فۇرمىلاسى مۇۋەپپەقىيەت=يۆنىلىش * ئۇسۇل چارە * تىرىشچانلىق
بۇنىڭدا يۆنىلىش مىنۇس بىردىن پىلۇس بىرگىچە نومۇر ئالىدىكەن، ئۇسۇل چارە 0 دىن ئونغىچە نومۇر ئالىدىكەن، تىرىشچانلىقمۇ 0 دىن ئونغىچە نومۇر ئالىدىكەن. مۇۋەپپەقىيەت مىنۇس يۇزدىن پىلۇس يۇزگىچە بولىدىكەن.

3.پەرق چوڭ ئەمەس ئەپەندىم، نېمىلا دېسە پەرق چوڭ ئەمەس دەيدىغان ئەپەندىم بولۇپ، ئاخىرى ئۆلەر ھالەتتىمۇ ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈمنىڭ پەرقى چوڭ ئەمەس ئۇنچۇلا ئەستايىدىل بولۇشنىڭ نېمە ھاجىتى دەيدىكەن، بىز ئادەتتە كىشىلىك تۇرمۇشىمىزدا بەزى ئادەملەرنى زىل دەپ ياقتۇرمايمىز ئەمىلىيەتتە زىللىقتىن سۈپەت پەيدا بولىدىكەن.

4. نۇرئەلى مۇئەللىمنىڭ جېنىنى تىكىپ ئورۇقلىىشى. بۇ ئورۇقلايدىغانلارغا بىر ئىلھام بولۇپ قالغۇدەك گەپكەن.

5.تاشپاقا توشقان يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە تاشپاقا بولۇپ قالسىڭىزمۇ كېرەك يوق. نىشاننى بېكىتىۋېلىپ ئۇسۇل چارىغا دىققەت قىلىپ باشتىن-ئاخىرى ۋاز كەچمەي تىرىشسىڭىزلا بولدى .

6. مەغلۇبىيەت مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى ئەمەس بەلكى خوشنىسى، سىز ئىشىكنى دائىم خاتا چېكىپ قالامسىز ھېچقىسى يوق ھامان بىر كۈنى توغرا چېكىىسز .

7.ئۆزىنى مەجبورلاش

8. كىشىلىك ھاياتىمىزدىكى ھەۋەس قىزىقىشلارنى بىر ئۈستەل تاماققا ئوخشىتىپ ناۋادا سىز قېتىق، ئالما، سوغۇق سەي دېگەنلەرنى ناھايىتى ئاچكۆزلۇك بىلەن يەپ قۇرسىقىڭىزنى تويغۇزىۋالسىڭىز، كەينىدىن چىقىدىغان دېڭىز مەھسولاتلىرى ۋە باشقا ئوخشىغان قورمىلارنى يەيدىغان قۇرساق قالمايدۇ. تور ئويۇنىغا ھەۋەس قىلىپ بەش يىل تور ئويۇنى ئوينىۋەتسىڭىز بەش يىلدا ئۆگىنىدىغان ئاساسى بىلىملەرنى ئۆگۈنەلمەيسىز، بۇ مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى تەڭشەڭ.
----------------

يۇقىرىدىكىسى باغداش مۇنبىرىدىكى توخۇتۇر ئەپەندىنىڭ نۇرئەلى ئابلىز مۇئەللىمنىڭ «بىر يىلىڭىزدىكى 8760 سائەت» ناملىق كىتابىنىڭ خەنزۇچىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى تەسىرات بولۇپ، ھازىر نۇرئەلى ئابلىز مۇئەللىمنىڭ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە تولۇق ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى يانكىتاب تورى (www.yankitab.com)دا ئېلان قىلىنىپتۇ. باھاسى ئاران 7 يۈەن ئىكەن. نۇرئەلى ئابلىز مۇئەللىمنىڭ مەزكۇر كىتابىنىڭ بەيدۇ ئوقۇغۇچىدىكى خەنزۇچە ئېلېكتىرونلۇق نەشرىنىڭ باھاسىمۇ 7.35 يۈەن ئىكەن. يانكىتاب تورى بۇ كىتابنى تولۇق تەرجىمە قىلغاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ باھاسىنى خەنزۇچە ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىدىن ئەرزان قىلىپ بېكىتىپتۇ، مەنچە يانكىتاب تورىنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىنى يۈرىكى ئۇيغۇر خەلقىم دەپ سوقۇپ تۇرغان، كىتابخۇمار ھەر بىر ئۇيغۇر چوقۇم ياخشى قوللاشقا، مۇمكىن بولسا كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى سېتىۋېلىپ ئوقۇپ چىقىشقا، ئەگەر پەقەت مۇمكىن بولمىسا يانكىتاب تورىنى ئەتراپىدىكى تونۇش-بىلىشلىرىگە تەشۋىق قىلىپ قويۇش بۇرچى بار دەپ قارايمەن.


ئارىمىزدىن يانكىتاب تورىنى قۇرغۇپ چىققان ۋە بىزگە نادىر كىتابلارنىڭ ئۇيغۇرچە ساپ ئانا تىل نۇسخىسىنى تەرجىمە قىلىپ چىقىپ، ئەڭ تۆۋەن باھادا سۇنغان بۇ قېرىنداشلارنىڭ قىلغىنىنى ھەر ۋاقىت قولىمىزدىن كېلىشىچە قوللاپ بەرسەك، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرساق، ئۇلارغا مەدەت بەرسەك، ئۇلار تېخىمۇ ئىلھام ئېلىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق تېخىمۇ نادىر، ئېسىل كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ بىزلەرگە سۇنۇشى تەبئىي ئەھۋال. شۇڭا يانكىتاب تورىنى قوللاش، ئۇلارغا مەدەت بېرىش مەن ھەم سىزدىن باشلانغۇسى! يانكىتاب تورىنى ئەتراپىمىزدىكىلەرگە كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە، قۇربىمىزنىڭ يار بېرىشىچە تەشۋىق قىلايلى، مۇشۇنداق بىر مىللەتنى كىتاب ئوقۇشقا ئۈندەيدىغان ياخشى تور بېكەت خەلقىمىزدىن يۇشۇرۇن قالمىسۇن! مەن تەشۋىقاتنى باشلىدىم، قېنى سىزمۇ باشلىدىڭىزمۇ؟ قېنى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلايلى قېرىندىشىم!!!!

بايانات

يانكىتاب يانبىلوگى ئوقۇرمەنلەرگە ئەڭ يېڭى كىتاب ئۇچۇرى، ئەڭ يېڭى تەرجىمە قىلىنغان كىتابلار، كىتاب ئوقۇش تەسىراتلىرى، كىتاب ئوقۇش ئۇسۇللىرى قاتارلىق بىلىملەرنى ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە قۇرۇلدى.
يانكىتاب تورى كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئەڭ قولايلىق بولۇش ۋە ئەڭ تىجەشلىك بولۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان، كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىنى ۋە قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. يانكىتاب سالونى Yankitab

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى