TechWeb نىڭ 3-ئاينىڭ2 -كۈنىدىكى تېلېگراممىسى، سىنا تورى بۈگۈن 2010-يىللىق تۆتىنچى پەسىللىك مالىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىنلا، سىنانىڭ CEO سى ساۋ گوۋ ۋېي مالىيە دوكلاتى تېلېفون يېغىنىدا سىنا مىكرو بلوگىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:<<ھازىر مىكرو بلوگنىڭ يېڭى نەشرى جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ، كېچىككەندىمۇ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئىككىنچى پەسىلدە ئېلان قىلىمىز>>. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:<< جۇڭگو مىكرو بلوگ تەرەققىياتى يەنىلا دەسلەپكى باسقۇچلاردا تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ ساھەدە خىلى ئىشى تەۋرىتەلەيدىغان ئابونتلار تېخىچە مىكرو بلوگ پەيزىنى سۈرمەيۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا، بىزنىڭ بۇ يىلقى پىلانىمىز مىكرو بلوگ ئېلان كىرىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بولماستىن بەلكى، مىكرو بلوگنىڭ يېڭى نەشرىدە، تېخىمۇ كۆپ ئابونت دىققەت قىلىدىغان، ئابونتلارغا تېخىمۇ ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىدىغان، ئۇلارغا تېخىمۇ قۇلايلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىغان ئالاھىدە ئىقتىدارلارنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز>>. بۈگۈن ئېلان قىلىنغان سىنا تورىنىڭ 2010-يىلى تۆتىنچى پەسىللىك مالىيە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر سىنا مىكرو بلوگ ئابونتى 100 مىليوندىن ئېشىپ بوپتۇ. سىنا شىركىتىنىڭ ئالدىنقى يىلى تۆتىنچى پەسىللىك مالىيە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، سىنا شىركىتىنىڭ بۇ تۆتىنچى پەسىلدىكى ساپ تىجارەت كىرىمى 100 مىليون 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا %12 يۇقىرى ئۆرلىگەن. |