ئانالىزچىلار Windows 8 تىن كۈتكەن سەككىز چوڭ ئىقتىدار |
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com ئاۋاتلىغى: 388 قۇشۇلغان ۋاقتى: 2011/2/26 17:22:11 |
ۆز بېشى: Windows 8 ئەمدىلا ئېچىش باسقۇچىغا كىردى، ئۇنداقتا سىز Windows 8 دىن نېمىلەرنى كۈتىسىز؟ Windows 8 رەسمىي ھالدا 2013-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلىنىدۇ. سىزنىڭچە يەنە كەلگۈسى ئىككى يىل جەريانىدا تېخنىكا ساھەسىدە يەنە قانداق ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كېلەر؟ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان كۆچمە ئەسلىھەلەر تېخنىكىسى ۋە بۇلۇت ھېسابلاش تېخنىكىسى Windows 8 غا قانچىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەر؟ ئەلۋەتتە، بىز يەنىلا مىكروسوفتنىڭ دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىغا، Windows 8 نىڭ يەنىلا ئىشخانا يۇمتاللىرى ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشىغا ئېشىنىمىز. بەز ماتېرىياللاردا ئاشكارىلىنىشىچە، بەزى ئانالىزچىلار Windows 8 دىن كۈتۈشكە ئەرزىيدىغان سەككىز تۈرلۈك ئىقتىدارنى يەكۈنلەپ چىققان بولۇپ، بۇلار تۆۋەندىكىچە: 1. 128 بىتلىق قۇرۇلمىنى قوللاش: Windows 8 جەزمەن 128 بىتلىق قۇرۇلمىنى ھەمدە IPv6 كېلىشىمىنى قوللىشى كېرەك. 2. تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش: Windows Vista بىلەن Windows7 گە سېلىشتۇرغاندا Windows 8 نىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى تېخىمۇ تېخىمۇ تېز بولۇشى كېرەك. 3. ئەڭ ياخشى تور كۆرگۈ توپلاشتۇرۇش، مەسىلەن IE10 : مىكروسوفتنىڭ ئىلگىرىكى تور كۆرگۈچىلىرىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىگە قارىغاندا، IE ھازىر بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئامالسىز قالدى. بۇنىڭغا قارىتا رىقابەتچىلىرى تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدار ۋە كۆركەم بولغان تور كۆرگۈلەرنى ئېلان قىلدى. شۇڭلاشقا، بۇ بىر يېڭى ئەۋلاد تور كۆرگۈ Windows 8 قا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. 4. SoC قۇرۇلمىسىنى قوللاش: مىكروسوفت 2011-يىللىق CES دا Windows كېيىنكى نەشرىنىڭ SoC نى قوللايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغانىدى. بۇ يەنە، NVIDIA ۋە ARM قۇرۇلمىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 5. Windows قوللىنىشچان پروگراممىلار دۇكىنى: Windows 8 گە يېڭىدىن قوللىنىشچان پروگراممىلار دۇكىنى قوشۇلۇشى، ئابونتلارنىڭ ئىزدىشى ۋە قوللىنىشچان پروگراممىلىرىنى چۈشۈرۈشى تېخىمۇ قۇلايلىق بولۇشى كېرەك. 6. تاختا كومپيۇتېرنى قوللاش: Windows 8 ئۈستەل كومپيۇتېرى، لەپتۇپلاردا ئىشلىتىلىپلا قالماستىن، بەلكى تاختا كومپيۇتېرلاردىمۇ ئىشلىتىلىشى كېرەك. 7. قوش ئابونت كۆرۈنمە يۈز (MUI) شەكلى: بەزى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا Windows 8 قوش ئابونت كۆرۈنمە يۈز (MUI) شەكلى تەمىنلىشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىرى بولسا ئەنئەنىۋى ئادەم-كومپىيۇتېر ئۆز ئارا ئابونت كۆرۈنمە يۈزى، يەنە بىرى بولسا تەبىئىي ئابونت كۆرۈنمە يۈزى (NUI) دىن ئىبارەت. WP7 بىلەن Metro كۆرۈنمە يۈزنى ئۈلگە قىلىپ تۇرۇپ، ئابونتلار ھېچقانداق كۇنۇپكا تاختىسى مەشغۇلاتى بىلەن ھەپىلەشمەيلا قول ئىشارىسى ۋە ئاۋاز ئارقىلىق كومپيۇتېرغا كىرىش ئىقتىدارى قوشۇلۇشى كېرەك. 8. بۇلۇت ھېسابلاش مۇلازىمىتى: بەلكىم Windows 8 مۇ خۇددى گۇگېل ئاچقان Chrome OS ۋە خۇيفۇ ئاچقان webOS قا ئوخشاش يەرلىك بۇلۇت ھېسابلاش مۇلازىمىتىنى قوللىشى مۇمكىن. |
|
|
|