مەنبە: prnews.techweb.com.cn
2011-03-02 06:50
Techwebنىڭ 2 -ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى تېلېگراممىسى، گۇگېل Gmail مۇلازىمىتىدىكى بىر يۇمشاش دېتالىدىن چاتاق چىققانلىقى سەۋەبتىن 150 مىڭ ئابونتنىڭ ئېلخېتى يۇيۇلۇپ كېتىپ، %0.08 ئەتراپىدىكى Gmail ئابونتى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچرىغان. مۇشۇ ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى، گۇگېلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار يۇيۇلۇپ كەتكەن ئېلخەتنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بولغان. بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، Gmail ئابونتلىرى نۇرغۇن مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە بۇ توغرىلىق بەس-مۇنازىرە قوزغىغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، گۇگېل تەرەپ ھەقىقەتەن مۇشۇنداق مەسىلىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش بەرگەن، گۇگېل ھازىر يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ. نۇرغۇنلىغان Gmail ئابونتلىرى ئۆزلىرىنىڭ گۇگېلغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشىنىڭ مۇۋاپىق لايىھىسىنى تاپالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھازىر Gmail ئابونتى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 100 مىليون 930 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئابونتلار بۇ قېتىملىق ئىشتىن قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەن. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مەخپىي ۋە مۇھىم ئېلخەتلىرى ئىكەن. شۇڭلاشقا، بۇ ئىسنىڭ تەسىرى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە زور دەرىجىدە كېڭەيگەن. بۇنىڭدىن يەنە ئابونتلارنىڭ Gmail غا نىسبەتەن بىر خىل يۆنىلىۋېلىش پسىخىكىسىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدىكەن. شىركەت ئېلخەتلىرى شىركەتلەرنىڭ چەتئەللەردىكى ئابونتلار بىلەن ئالاقە قىلىدىغان مۇھىم ئالاقە ۋاسىتىسى بولۇپ، ئۇ ئادەتتە، مۇقىم بولۇپ، شىركەت تاقىلىپ ياكى باشقا ئىشلارنىڭ بولمىسا، ئۇ ئاساسەن ئۆزگەرمەيدۇ.IDC تورىنىڭ قۇرغۇچىسى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:<<شىركەت ئېلخەتلىرى ھازىر سودا سۇپىسى بىلەن ئابونتلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم ئالاقە ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ بولدى. ئۇ مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، سودا كاتىپىنىڭ رولىنى ئۆتەۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇچۇرلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش ۋە يەتكۈزۈلۈشىمۇ ناھايىتى تېز>>. بۇ قېتىم مەيلى ئادەتتىكى ئابونتلار بولسۇن ۋە ياكى شىركەت ئابونتلىرى بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ قېتىم Gmail نىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ قالغان. ھازىرقىدەك سودا شەكلىدە غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، شىركەت ئېلخەتلىرى ناھايىتى مۇھىم رول ئويناۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئېلخەت مۇلازىمىتىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن مەسىلە كۆرۈلۈشى ئادەمنى ھەقىقەتەن ساراسىمىگە سالىدۇ. |