United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> سۈرەتلىك ئۆگۈتۈش
   كومپىيوتېر ئۆگىنىش    
مىكروسوفت Facebook Chat نى قوشۇۋالدى
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com     ئاۋاتلىغى: 185    قۇشۇلغان ۋاقتى: 2011/2/22 20:05:39
سىنا تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرى، مىكروسوفتنىڭ Hotmail بۆلۈم تۈرىنىڭ دىرېكتورى دىك. كاردوك مىكروسوفتنىڭ بلوگىدا مۇنداق دېدى:<< بۈگۈندىن باشلاپ، پۈتۈن يەرشارىدىكى Hotmail  ئابونتلىرى مەيلى قەيەردە Facebook قا تىزىملاتقان بولسۇن بولمىسۇن، ئىشقىلىپ Facebook Chat سۆزلىشىش قورالى ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرسا بولىدۇ>>.
تۆۋەندىكىسى بولسا دىك. كاردوكنىڭ بلوگىدىن ئېلىنغان ئۈزۈندىلەر:
<< بىز Hotmail نىڭ ئىچكى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىقتىدار بىلەن Facebook سۆزلىشىش قورالىنى ئەمدىلا تەمىنلىگەن ۋاقتىمىزدا ئاران ئالتە رايوننى قوللايتتى. بىز شۇنىڭدىن كېيىن Facebook  بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ ياخشىلىدۇق. نۆۋەتتە، بىز ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان MSN نى ئېلان قىلدۇق. بۈگۈن بىز بۇ ئىقتىدارنى Hotmail غىمۇ كېڭەيتتۇق. گەرچە Gmail بۇ جەھەتتە بىزدىن ئىلغارراق بولسىمۇ، ئەمما بىز بۇ قوراللىرىمىز ئارقىلىق بۇ ساھەدە ئۇنىڭدىن بىر قەۋەت ئۈستۈن تۇردۇق. دېمەك، ھازىر بىز ئۆزىمىزنىڭ سۆزلىشىش قورالى بىلەن Facebook نىڭ سۆزلىشىش قورالى بولغان Facebook Chat نى Hotmail ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدۇق. بۈگۈندىن باشلاپ Hotmail ئابونتلىرىمۇ بۇ يېڭىلىقتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
بىز بۇندىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن MSN دا Facebook Chat نىڭ سۆزلىشىش قورالىنى قوشۇۋالغانلىقىمىزنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 2 مىليون 500 مىليونغا يېقىن ئابونتنىڭ Facebook دىكى ھېسابات نومۇرى بىلەن Windows Live دىكى ھېسابات نومۇرى بىرلەشتۈرۈۋېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن Windows Live نى ئىشلىتىدىغان ئابونت 20 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. ئەمما بىزنىڭ بايقىشىمىزچە ھەر 3-4 نەپەر Hotmail ئابونتى ئىچىدە بىر ئادەم Facebook نى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، بىز تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ يېڭى ئىقتىداردىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى ھازىر سىلەر Hotmail ئىچىدە بىۋاسىتىلا سۆزلىشەلەيسىلەر!
دېمەك، ھازىردىن باشلاپ، كۆپچىلىكنىڭ Facebook تىكى ھېساب نومۇرى بىلەن Windows Live دىكى ھېساب نومۇرى بىرلەشتۈرۈۋېتىلدى. ئەمما يەنە نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، سىلەر Hotmail بىلەن Facebook ئارقىلىق دوستلىرىڭلار بىلەن سۆزلىشەلەيسىلەر >>.
 
 
  &  ئالدىنقى ئۇچۇر:مىكروسوفت IE9 RC نى ئېلان قىلدى
&  كېيىنكى ئۇچۇر:گۇگېل تور دۇكىنىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ناھايىتى زور ئىكەن
  بېكىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرى توردىن توپلانغان بولۇپ بارلىق ھوقۇقى ئەسلى ئاپتورىغا تەۋە ، ئەگەر ھوقۇقىمىزغا دەخلى تەرز قىلدى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ بىز دەرھال چىقىرىۋېتىمىز، رەخمەت!
تور سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشى تۈپەيلى بىر قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرنىڭ ئۇلىنىش سۈرئىتى ئاستا بولۇشى مۇمكىن ، سەۋر قىلىپ ساقلاڭ!  (قوللىغىنىڭىزغا رەخمەت)
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

7