چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇشۇ ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى مىكروسوفت سان فىرانسىسكودا IE9 RC ئېلان قىلىش يېغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، نۆۋەتتە، ئۇلار IE9 RC نى چۈشۈرۈش ئادرېسىنى ئېلان قىلغان. بۇ قېتىم ئۇلار x86 نەشرى ۋە x64 نى تەمىنلىگەن. كۆزلىگىنىمىزدەك IE9 RC غا ناھايىتى كۆپ ئىلغارلاشتۇرۇلغان خەتكۈچلۈك ئىقتىدارلار سەپلەنگەن بولۇپ، بۇلار ئاساسلىقى ئۆزلۈكىدىن يېڭىلىنىدىغان چاسا شەكىللىك كۆرۈش سەزگۈسى ئېلېمېنتى، يۆتكىگىلى بولىدىغان خەتكۈچلۈك ئىستون ئېلېمېنتى قاتارلىقلار تېخىمۇ يۇقىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، IE9 يەنە Active X سۈزگۈچى ۋە ئىز قوغلاشقا قارشى تۇرۇپ، ئاسراش ئىقتىدارى، ئېلان سودىگەرلىرىنىڭ ئابونتلارغا ئەخلەت ئېلانلارنى تارقىتىشىنى رەت قىلىش ئىقتىدارلىرى قاتارلىق ئالاھىدە ئىقتىدارلار سەپلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، مىكروسوفت IE9 RC ئارقىلىق IE9 Beta دا ساقلانغان بىر قاتار نۇقسانلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن. ئانالىزچىلار بۇ توغرىسىدا مۇنداق قارىدى:<<ئەگەر مىكروسوفت IE9 گە تايىنىپ Chrome ۋە Firefox تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ كېتىلگەن بازارنى قايتۇرۇۋېلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان بولسا، ئۇنداقتا مەزكۇر شىركەت ئابونتلار كۆرۈنمە يۈز قىسمىغا نىسبەتەن گۈزەللەشتۈرۈش ئىلىپ بېرىپ، ئۇنى تېخىمۇ سىپتىلاشتۇرۇشى كېرەك. ئەمما، IE9 RC پەقەت Windows 7 بىلەن Vista نىلا قوللايدىغان بولۇپ، ئۇ Windows XP مەشغۇلات سىستېمىسىنى قوللىمايدىكەن. تۆۋەندىكىسى خەنزۇچە نەشرىدىكى IE9 RC نى چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى: 32 بىتلىق Windows 7 نى قوللايدىغان IE9 RC نى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ: چۈشۈرۈش
64 بىتلىق Windows 7 نى قوللايدىغان IE9 RC نى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ: چۈشۈرۈش 32 بىتلىق Windows Vista نى قوللايدىغان IE9 RC نى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ: چۈشۈرۈش 64 بىتلىق Windows Vista نى قوللاديغان IE9 RC نى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ:چۈشۈرۈش |