شىنخۇا تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرى، چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گۇگېل Chrome دۇكىنىنى بۇلتۇر ئېلان قىلغان. ئابونتلار ھەقسىز يۇمشاق دېتال ئىزدىگەندە Chrome نىڭ ئىنگلىزچە تور كۆرگۈچىنى ئىشلىتىش شەرت قىلىنغان بولسىمۇ، يەنىلا نۇرغۇنلىغان ئابونتلار ۋە يۇمشاق دېتال ئاچقۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ھازىر گۇگېل بۇ جەھەتتە يەرشارىلاشقان تور دۇكىنى بەرپا قىلىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئېلىپ بولدى، ھازىر بۇ تور دۇكىنىغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يۇمشاق دېتال ئاچقۇچىلار قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارنى يوللايدىغان بولۇپ، ئۇلار يۇمشاق دېتال يوللاش ئارقىلىق مەلۇم مىقداردا ھەقكە ئېرىشەلەيدىكەن. گۇگېلنىڭ يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى چىيەن خۇاڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:<<مەزكۇر شىركەت ئامېرىكىدا تور دۇكىنى ئاچقاندىن بۇيان ، دۇكاننى ئېچىشقا مەسئۇل خادىملار مەزكۇر تور دۇكىنى يەرشارىلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، يۇمشاق دېتال ئاچقۇچىلار قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارنى يوللىماقچى بولغاندا، ئۇلار <دۆلەت تاللاش> دېگەندەك تۈرلەردىن ئۆزىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى تاللىيالايدۇ. ئاچقۇچىلار ئۆزىنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى يوللىغاندىن كېيىن بەلگىلىك ھەقكە ئېرىشەلەيدۇ. ئەمما ئامېرىكا دۆلەت تەۋەلىكىدىن يۇمشاق دېتال يوللىغۇچىلار بۇنىڭ سىرتىدا>>. گەرچە قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار ناھايىتى قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، گۇگېل تور دۇكىنىنىڭ ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا تېخى ۋاقىت كېتىدۇ. ھازىر بۇ تور دۇكىنى 100 مىليون 200 مىڭ ئابونتقا ئىگە بولۇپ، تەرەققىيات ئىستىقبالى ناھايىتى زور ئىكەن. |