United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> سۈرەتلىك ئۆگۈتۈش
   كومپىيوتېر ئۆگىنىش    
مىكروسوفت يېڭى نەشرىدىكى بىر Bing قورال ئىستونىنى ئېلان قىلغان
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com     ئاۋاتلىغى: 270    قۇشۇلغان ۋاقتى: 2011/2/18 17:05:05
چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇشۇ ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى، مىكروسوفت IE7، IE8 ۋە IE9 ئابونتلىرىغا يېڭى نەشرىدىكى بىر Bing قورال ئىستونىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدەFacebook نىڭ بەلگىسىمۇ بار ئىكەن. يېڭى نەشردىكى Bing قورال ئىستونى يەنە ئۇنىڭدىن باشقا Hotmail قاتارلىق مىكروسوفتنىڭ لىنىيىلىك مۇلازىمەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئابونتلار بۇ يېڭى  نەشردىكى Bing قورال ئىستونى ئارقىلىق يېتەرلىك ئىزدەش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولغاندىن سىرت، يەنە ئۆزىنىڭ ئېلخەتلىرىنى تەكشۈرەلەيدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە Facebook تىكى ھېسابات نومۇرىنىمۇ تەكشۈرەلەيدىكەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ دەل يۇمشاق دېتال ماگناتى ھېسابلانغان مىكروسوفت بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە تورى كاتتىۋېشى Facebook ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يېڭى نەشر قىلىنغان Bing قورال ئىستونى Facrbook ئابونتلىرىنى تېخىمۇ قورايلىق شارائىت بىلەن تەمىن ئەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئەمدى Facebook ھېساباتىغا كىرىش ئۈچۈن، مىكروسوفت تور كۆرگۈچىسى مۇھىتىدا تۇرۇپلا ئۆزىنىڭ ھېساباتىغا كىرەلەيدىكەن. ئۇلار بۇنىڭدىن باشقا، يەنە نۇرغۇنلىغان يېڭى خەۋەرلەرنى ۋە رەسىم ھەمدە باشقا سانلىق مەلۇماتلاردىن بەھىرلىنەلەيدىكەن.
مىكروسوفت قورال ئىستونى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بەزى ئۈنۈملۈك يوللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىزدەش نەتىجىسى ھالىتىنى يەنىمۇ ياخشىلىماقچى ئىكەن.  قورال ئىستونىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://toolbar.discoverbing.com/toolbar 
 
  &  ئالدىنقى ئۇچۇر:گۇگېل ئىزدەش ماتورىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى
&  كېيىنكى ئۇچۇر:Windows 8 نى ئېچىش خىزمىتى يىل ئاخىرىدا تاماملىنىدىكەن
  بېكىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرى توردىن توپلانغان بولۇپ بارلىق ھوقۇقى ئەسلى ئاپتورىغا تەۋە ، ئەگەر ھوقۇقىمىزغا دەخلى تەرز قىلدى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ بىز دەرھال چىقىرىۋېتىمىز، رەخمەت!
تور سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشى تۈپەيلى بىر قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرنىڭ ئۇلىنىش سۈرئىتى ئاستا بولۇشى مۇمكىن ، سەۋر قىلىپ ساقلاڭ!  (قوللىغىنىڭىزغا رەخمەت)
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

4