مەنبە: www.techweb.com.cn
2011-02-18 01:57
سىنا تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇگېل يېقىندا ئۆزىنىڭ ئىزدەش نەتىجىسىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە مەزمۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن بولۇپ، ئىلگىرى سەل تۆۋەنرەك ئورۇنغا تىزىلغان ئىجتىمائىي ئالاقە مەزمۇنلىرىنىڭ ئورنى نىسبەتەن يۇقىرىلىغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان مۇلازىمەتلەر تەڭشەلگەن. گۇگېل 2009-يىلىدىن باشلاپ، ئىزدەش نەتىجىسىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە مەزمۇنلىرىغا نىسبەتەن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار مەزمۇنغا نىسبەتەن ئانچە ئېتىبار بېرىپ كېتەلمىگەن ئىدى. گەرچە مەزكۇر شىركەت بىرلا قېتىم ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ رولى ھەقىقەتەن چوڭ بولغان. گۇگېلنىڭ ئىزدەش مۇلازىمىتى باش نازارەتچىسى مايىك. كاسدىي مۇشۇ ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:<< گۇگېل بۇندىن كېيىن ئىجتىمائىي ئالاقە مەزمۇنلىرىنى تەڭشەشتە مۇنداق ئۈچ نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ:، بىرىنچىسى، ئىزدەش نەتىجىسىدە ئىجتىمائىي ئالاقە مەزمۇنىنى رەتلەش؛ ئىككىنچىسى، ئىجتىمائىي ئالاقە ساھەسىنىڭ قاپلىنىش دەرىجىسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ ئۈچىنچىسى، ئابونتلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەش>>.
يىك. كاسدىي يەنە مۇنداق دېدى:<< گۇگېل بۇندىن كېيىن مەلۇم دائىرە ئىچىدە ئىجتىمائىي ئالاقە مەزمۇنلىرىنى كۆرسىتىدۇ، ھەمدە بۇرۇنقىدەك ئۇنچە تەپسىلىي ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ تېمىلىرىنى كۆك رەڭ بىلەن ياكى سىزىقلىق ھالەتتە كۆرسىتىدۇ، يەنە باش سۈرەتنىمۇ كۆرسىتىدۇ>>. ئۇنداقتا گۇگېلنىڭ ئېلىپ بارغان ۋە ئېلىپ بارماقچى بولغان بىر قىسىم تەڭشەشلىرى ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكەتلىرىگە پايدىلىقمۇ-ئەمەسمۇ؟ بەلكىم بۇ توغرىسىدا ئېنىق بىر نەرسە دېگىلى بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇ بۇ ھەقتە بەزى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئىجتىمائىي ئالاقە ئامىللىرى ئەنئەنىۋى ئامىللاردىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كېتىپتۇ. ھازىر گۇگېل بىلەن Twitter خەتكۈش ئۇلىنىش جەھەتتە ھەمكارلىق ئورنىتىپ بولغان بولۇپ، گۇگېل ئارقىلىق Twitter نىڭ بارلىق سانلىق مەلۇماتلىرىنى زىيارەت قىلغىلى بولىدىكەن. ئەمما گۇگېلنىڭ يېڭىچە ئىجتىمائىي ئالاقە پىلانى Twitter نىلا ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى رەسىم بەھرىلىنىش تور بېكىتى Flickr ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە سوئال-جاۋاب تور بېكىتى Quora قاتارلىقلارنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. Quora بولسا ئەنئەنىۋى مۇلازىمەتلەرگە قارىغاندا بىر خىل يېڭى مۇلازىمەت شەكلىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ گۇگېلنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە پىلانىغا كىرگىنى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئەجەبلەندۈرىدۇ. ئەمما ئىچكى قىسىمدىكى ئەربابلارنىڭ قارىشىچە، بۇلار گۇگېلغا بىر قىسىم ناھايىتى ياخشى بولغان سانلىق مەلۇماتلار ئاتا قىلالايدىكەن.
بۇ ھەقتە Facebook نىڭ ئەھۋالى سورالغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى:<< بىزنىڭ ئاساسلىق پىلانىمىز سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئاسان تۇتقىلى بولىدىغان بىر قىسىم تور بېكەتلەرگە قارىتىلغان>>. ئەمما ئۇ بۇ ھەقتە يەنىلا كونكرېت سۆزلىمىگەن بولۇپ، ئەمما ئۇ گەپنىڭ ئەڭ ھالقىلىق يەرلىرىگە كەلگەندە، <<بارلىق مەزمۇنلار ئاشكارا>> دەپ قويغان. ئۇ يەنە بىز بارلىق <<ئاشكارا ئۇچۇرلارنى قېتىۋېلىشنى ئۈمىد قىلىمىز >> دېگەن. ئەمما گۇگېل سىستېمىسىغا بىر خىل چەك بېكىتكەن بولۇپ، ئەگەر سىزنىڭ 25 مىڭ دوستىڭىز بولسا، سىز گۇگېلدىن بۇلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى ئازدەپ تاپالمايدىكەنسىز. ئەمما يىك. كاسدىي بۇ خىل چەكنىڭ ناھايىتى تېزلا ئەمەلدىن قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھازىر ئىجتىمائىي ئالاقە مەزمۇنلىرىنى رەتلەش بىلەن ئەخلەت ئۇچۇرلارنى رەتلەش گۇگېلنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان ئىككى مەسىلە بولۇپ قالغان. ئەڭ قىزىقارلىق يېرى ئامېرىكىدا ئەمدىلا ئېچىلغان ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى Greplin مۇ گۇگېلنىڭ بۇ پىلانىنىڭ ئوبيېكتى بولۇپ قالغان. |