United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> سۈرەتلىك ئۆگۈتۈش
   كومپىيوتېر ئۆگىنىش    
Facebook لايىھىلىگۈچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەت مۇھىتى
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com     ئاۋاتلىغى: 212    قۇشۇلغان ۋاقتى: 2011/2/18 17:03:08

بىز بۇندىن بۇرۇن گۇگېلنىڭ خىزمەت مۇھىتىنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق. گۇگېلنىڭ خىزمەت مۇھىتىنىڭ لايىھىلىنىشى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە بولۇپ، ئادەمنى تولىمۇ، جەلپ قىلاتتى. ئۇلارنىڭ خىزمەت مۇھىتى بىلەن ئارام ئارام ئېلىش مۇھىتى ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇنى بىر كۆرگەن كىشى كۆزىنى قىزارتماي قالمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھەرىكىتى شۇنداق ئەركىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك ۋە تۈرلۈك ئىچىملىكلەردىن ھەقسىز بەھرىمەن بولاتتى. شۇنداق، بىزنىڭچە، دۇنيادا تېخنىكا ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، زور ئابرۇيغا ئېرىشكەن بىر شىركەتنىڭ خىزمەت مۇھىتى ۋە تۈزۈلمىسى شۇنداق بولۇشقا مۇناسىپ. پەقەت شۇنداق بولغاندىلا، دۇنيا خاراكتېرلىك خىرىسلارغا تەمكىن تۇرۇپ تاقابىل تۇرغىلى ۋە ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى يەنىمۇ قازغىلى بولىدۇ.
Facebook لايىھىلەش كوللېگىيىسى ئادەتتە مەھسۇلات لاھيھەلەش، بازار، UI، ماركا، ئالدى ئۇچ(前端) ۋە كەينى ئۇچ، قاتارلىقلارنى ئېچىپ تەتقىق قىلىدىغان 25 نەپەر خادىمدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇ پۈتۈن شىركەت كۆلۈمنىڭ 1000 دىن %2.5 نى ئىگىلەيدىكەن. بۇلار يەنە 15 نەپەر مەھسۇلات لايىھىلەش ئۇستىسىغا ئىگە بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەش نەپىرى ئالدىنقى قاتاردىكى ئىنژېنېرلار، يەنە بەش نەپىرى ئابونت تەڭشەش خادىمى، تۆت نەپىرى بولسا ئىنتېراكتىۋ لايىھىلىگۈچى قالغان بىر نەپىرى بولسا مەزمۇن پىلانلىغۇچى ئىكەن.
ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى كود يېزىپ، پروگرامما تۈزۈش بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزىنىڭ لايىھىلىرىنى بەك قالتىس دەپ كەتمەيدىكەن. ئۇلار ناھايىتى كۆپ ۋاقىت ۋە زېھنىي قۇۋۋەت سەرپ قىلىپ، سەنئەت پۇرىقى ناھايىتى كۈچلۈك، ئامما ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان لايىھىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ھەمدە لايىھىلىگۈچىلەر ئۆزىنىڭ لايىھىسىدىن ئازراق نۇقسان بايقىغان ھامان تېزلا ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدىكەن. ئۇلار لايىھىلەش ئېلىپ بېرىشتا ئۆزىنىڭ سەنئەت قارشى تۇيغۇسىغا ئاساسلانغاندىن سىرت، يەنە كەڭ ئابونتلارنىڭ پسىخىكىسىنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدىكەن. ئادەتتە تا يېڭىلىق يارىتىشقا نىسبەتەن نازارەت قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلمايدىكەن. لايىھىلىگۈچىلەر ئادەتتە ناھايىتى تېرىشچان بولۇپ، ئۇلار كودلارنى چۈشىنىشكە ۋە ئۇلارنى جانلىق ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىدىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى HTML، CSS، PHP لاردا كود يېزىشقا ماھىر ئىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۇلار بىر خىل لايىھىگە مەپتۇن بولۇپ قالمايدىكەن، چۈنكى يۇمشاق دېتال ۋە پروگراممىنىڭ ھاياتى ناھايىتى قىسقا، بولۇپ ئۇ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشقا موھتاج ئىكەن. لايىھە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى جەزمەن بۇ نۇقتىنى ئېنىق بىلىۋېلىشى زۆرۈر ئىكەن.
تۆۋەندىكىسى بولسا باش شتابى Palo Alto غا جايلاشقان، Facebook نىڭ خىزمەتچىلىرى خىزمەت قىلىدىغان 150 مىڭ كۋادرات فۇد چوڭلۇقتىكى ئادەتتىن تاشقىرى ئىشخانا. ئەلۋەتتە، بۇ ئىشخانىنىڭ لايىھىلىنىشىدە يېڭىلىق يارىتىش ئەكس ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

 
 
  &  ئالدىنقى ئۇچۇر:گۇگېلنىڭ 2011-يىلىدا ئابونتلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغان يېڭىلىقلىرى
&  كېيىنكى ئۇچۇر:گۇگېل ئىزدەش ماتورىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى
  بېكىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرى توردىن توپلانغان بولۇپ بارلىق ھوقۇقى ئەسلى ئاپتورىغا تەۋە ، ئەگەر ھوقۇقىمىزغا دەخلى تەرز قىلدى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ بىز دەرھال چىقىرىۋېتىمىز، رەخمەت!
تور سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشى تۈپەيلى بىر قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرنىڭ ئۇلىنىش سۈرئىتى ئاستا بولۇشى مۇمكىن ، سەۋر قىلىپ ساقلاڭ!  (قوللىغىنىڭىزغا رەخمەت)
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

13