Windows 8 نى ئېچىش خىزمىتى يىل ئاخىرىدا تاماملىنىدىكەن |
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com ئاۋاتلىغى: 261 قۇشۇلغان ۋاقتى: 2011/2/21 14:41:32 |
سىنا تورى خەۋىرى، Morgan Stanley نىڭ ئانالىزچىسى ئادام.خولتنىڭ مۇشۇ ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان بىر تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى:<< ARM ئۆزىكىنى قوللايدىغان Windows 8 نى تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىزمىتى ئەڭ تېز بولغاندا، يىل ئاخىرلىرىدا تاماملىنىدۇ>>. مىكروسوفت بۇ يىل 1-ئايدىكى CES كۆرگەزمىسىدە مۇنۇلارنى ئېلان قىلغان:<>. ئادام.خولتنىڭ مۇشۇ ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنىدە ئېلان قىلىنغان تەتقىقات دوكلاتىدا يەنە مۇنداق دېيىلدى:<>. بۇندىن بۇرۇن مىكروسوفتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىر ئەرباب بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:<>. Windows تەكشى تاختىلىق كومپيۇتېرى ۋاقتىدا بازارغا سېلىنمىغانلىقتىن، مىكروسوفت ئىچكى قىسىمدا ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان. ئەمما ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، مىكروسوفتقا تەكشى تاختىلىق كومپيۇتېر بازىرىدا يەنىلا پۇرسەت بار ئىكەن. Morgan Stanley نىڭ مۆلچەرىچە، 2012-يىلى پۈتۈن دۇنيادىكى تەكشى تاختىلىق كومپيۇتېرلارنىڭ سېتىلىش ئومۇمىي مىقدارى 100 مىليونغا يېتىدىكەن. بايلىق جەھەتتىكى 100 كۈچلۈك شىركەتلەر ئىچىدە، %80 شىركەتلەر ئاللىبۇرۇن iPad سىناق قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، ئەمما بۇ ئالما شىركىتىنىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش بازىرىدىكى باشلامچى شىركەت ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن. ئادام.خولت يەنە مۇنداق دېگەن:<< شىركەتلەر بەلكىم بىرلا ۋاقىتتا ئالما بىلەن مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشى مۇمكىن، بۇنىڭدا ئالدىنقىسى باشلامچى ئورۇندا تۇرىدۇ، كېيىنكىسىنىڭ مەھسۇلاتى بولسا ئاددىيلاشتۇرۇلغان شىركەتلەرنى باشقۇرىدۇ. گەرچە ھازىر ئالما تەكشى تاختىلىق بازىرىدا قوماندانلىق قىلىۋاتسىمۇ، ئەمما مىكروسوفت iPad نى ئىشلىتىۋاتقان شىركەتلەردىنمۇ پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى شىركەتلەرگە iPad ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇنى Windows ۋە Windows قوللىنىشچانلىقلىرى ئارقىلىق قوزغىتىشقا توغرا كېلىدۇ>>. |
|
|
|