TechWeb نىڭ 2-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرى، Pinterest بولسا <<شەخس ياۋۇزلۇق بىلەن ئوۋ قىلىدىغان قورال>> دەپ ئاتىلىۋاتقان كۆرۈش سەزگۈسى ئىجتىمائىي ئالاقە كاتالوگى تور بېكىتىدىن ئىبارەت. قارىماققا بىر بىزە بىر مەۋھۇم تامدەك تۇيغۇ بېرىدۇ، ئۇنىڭدا ناھايىتى مول ئامىللارغا ئىگە لايىھەلەر ۋە كۆرۈش سەزگۈسى سەنئەتلىك رەسىملىرى ساقلانغان.
رەسىم بۇنى بارلىققا كەلگىلى ئۇزۇن بولغان رەسىم خەتكۈش تور بېكىتى !FFFFOUND بىلەن سېلىشتۇرغاندا، Pinterest دىكى رەسىملەرنىڭ قۇلايلىق دەرىجىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى. Pinterest نۆۋەتتە، تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، سىز باش بەتكە كىرىپ تەكلىپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. Pinterest تور بېكىتى نۆۋەتتە، iOS قوللىنىشچان قورالىنى قوللىمايدىغان بولۇپ، ئۇ يەنە خەنزۇچىنىمۇ قوللىمايدىكەن. ئەمما گۇگېل كېڭەيتىش ئامبىرىدا Pinterest نىڭ نۇرغۇنلىغان قىستۇرما دېتاللىرى بار بولۇپ، ئۇلارنى ئۆزىمىز ياقتۇرغىنىمىز بويىچە، چۈشۈرۈپ پايدىلانساق بولىدىكەن.
بۇ تور بېكەتنىڭ قىسقىچە ئارخىپى:
تور بېكەت ئادرېسى: http://pinterest.com
تور قۇرۇلغان جاي: ئامېرىكا
تور بېكەت قۇرۇلغان ۋاقىت: 2011-يىل
ئابونت قاتلىمى: بارلىق تورداشلار
تەقلىد قىلىنغان تور بېكەت: !FFFFOUND