Skype نىڭ قۇرغۇچىسى جۇڭگو شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن |
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com ئاۋاتلىغى: 144 قۇشۇلغان ۋاقتى: 2011/2/18 11:27:39 |
چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، Skype نىڭ قۇرغۇچىسى نىكلاس.زېنسسترام يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە جۇڭگونىڭ شىركەتلىرىگە مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ يەنە بۇلارنى خەلقئارا بازارغىمۇ ئېلىپ كىرىش ئويى بار ئىكەن. تېگى تەكتى شۋېتسىيىدىن بولغان بۇ كىشى جۇڭگو تېخنىكا بازىرىغا مەبلەغ سېلىشنىڭ پايدىسى ئىنتايىن كۆپ، دەپ قارايدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگو تېخنىكا بازىرى ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان كاپىتال مۆجىزىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپتۇ. جۇڭگو تېخنىكا بازىرى ھازىر ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان بازار بولۇپ، مەبلەغ سېلىشقا تولىمۇ ماس كېلىدىكەن. ئۇ بۇرۇندىن تارتىپ ئويۇن كەسپىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ، جۇڭگودىمۇ ئويۇن كەسپى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ھەمدە يېقىنقى نەچچە يىلدىن بېرى چەتئەللەرگىمۇ كېڭىيىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگو 400 مىليون 570 مىڭ تور ئابونتى بىلەن دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇنداق غايەت زور بازارغا ئەلۋەتتە، سەل قارىغىلى بولمايدۇ، دە! ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:<<مەن نۇرغۇن رىقابەتلەرگە يۈزلىنىشىم كېرەك، جۇڭگو تېخنىكا بازىرى ھەقىقەتەن كەسكىن رىقابەتكە تولغان بىر دۇنيا، يەرلىك شىركەتلەرگە قارىغاندا، چەتئەلنىڭ شىركەتلىرى يەرلىك مەدەنىيەت ۋە ئابونتلارنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ھەمدە ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ناھايىتى تېزلا ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشالايدۇ. مېنىڭچە، چەتئەلنىڭ تور كاتتىۋاشلىرىنىڭ ھەممىسى جۇڭگوغا بۆسۈپ كۆرۈشنى ئويلايدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا جۇڭگو تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىدۇ. بەيدۇ ھازىر يەنىلا جۇڭگو بازىرىنى قامال قىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئالاقىلىشىش ساھەسىدە تېڭشۈن بىر ماگنات ھېسابلىنىدۇ. توردا مال سېتىش جەھەتتە تاۋباۋغا يېتىدىغىنى يوق. بۇلاردىن باشقا، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:<<جۇڭگو شىركەتلىرىنىڭ ئاجىزلىق تەرىپى يەنىلا يېڭىلىق يارىتىشتا ئىپادىلىنىۋاتىدۇ، جۇڭگودىكى نۇرغۇن شىركەتلەر يېڭىلىقلارنى گۇگېل، Twitter ۋە Facebook قاتارلىقلاردىن ئۆلۈكلا كۆچۈرۈۋاتىدۇ. جۇڭگو شىركەتلىرىنىڭ ھەقىقەتەن يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئاجىز، ئەمما بۇنى ئىجرا قىلىش كۈچى ئارقىلىق تولۇقلاپ كەتكىلى بولىدۇ. مەن يېڭىلىق يارىتىشىنى ياخشى كۆرىمەن، مەن ئويۇن كەسپىنىڭ كۆلىمىنى ئۆزگەرتىشنى، دەسلەپتە بارلىققا كەلگەن شىركەتلەرنىڭ ھاياتىغا كۈچىگە ياردەم بېرىشنى ئارزۇ قىلىمەن. مېنىڭچە مېنىڭ نۆۋەتتىكى مەبلەغ سالماقچى بولغىنىممۇ، جۇڭگودىكى بۇ بىر قاتار يېڭىلىق يارىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان شىركەتلەر ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت. مەن جۇڭگولۇقلارنىڭ رىقابەتكە تەۋەككۈل قىلىش روھىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن، مەن بۇنى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى مۇھىم نۇقتا دەپ قارايمەن>>. |
|
|
|