چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا،<< Facebook نىڭ سېتىش تىجارەت ئۇسۇلى>> دېگەن كىتابنىڭ ئاپتۇرى دان. زارىللا بىر رەسىملىك گىرافىك ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ رەسىملىك گىرافىكتا Facebook تىجارىتىدىكى ئالتە چوڭ قىزىقارلىق ئىش ئېچىپ بېرىلگەن. گەرچە رەسىملىك گىرافىكتىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي يېڭى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ<<ئەڭ ياخشى پەيت ۋە ئەڭ ياخشى تۈر>> لەرنى قىزىقارلىق خۇلاسىلىگەن. دىقەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر تەرەپ شۇكى، بۇ سانلىق مەلۇمات بولسا بارلىق تور بەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى بولۇپ، بەلكىم بۇ ئەڭ ياخشى كۆرسەتمە بولالماسلىقىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن، بەزى كىشىلەرنى ھەركۈنى بىرنەرچچە مەزمۇن ئېلان قىلسا ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بايقايدۇ، ئەمما زارىللا ھەر ئىككى كۈندە بىر قېتىم مەزمۇن ئېلان قىلغاندا، ئۈنۈمىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. مەيلى قانداق بولمىسۇن، بۇ ئۇچۇرلار ھەقىقەتەنمۇ قىزىقارلىق. Facebook بازار تىجارىتى توغرسىدىكى سۇئال-جاۋابلار
1. سۇئال: مەن قايسى ۋاقىتتا مەزمۇن ئېلان قىلىشىم كېرەك؟ جاۋاب: سىز ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرىدا مەزمۇن ئېلان قىلسىڭىز، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بەھرىلىنىشىگە ئېرىشەلەيسىز.
2. سوئال: مەن بىر كۈن ئىچىدىكى قايسى ۋاقىتتا مەزمۇن ئېلان قىلىشىم كېرەك؟ جاۋاب: ئەتىگەن سائەت سەككىزدە مەزمۇن ئېلان قىلسىڭىز، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بەھرىلىنىشىگە ئېرىشەلەيسىز.
3.سوئال: قايسى تۈردىكى مەزمۇنلار باشقىلارنىڭ بەھرىلىنىشىگە ئېرىشەلەيدۇ؟ جاۋاب: ئۈمىدۋارلىق تەرەپتىكى مەزمۇنلار بىلەن شەخسىي ھېسسىيات توغرىسىدىكى مەزمۇنلار.
4. سوئال: قايسى سۆزلەر تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بەھرىلىنىشىگە ئېرىشەلەيدۇ؟ جاۋاب: يەنىلا <> دېگەن سۆز.
5. سوئال:قايسى سۆزگە باشقىلار دىققەتمۇ قىلىپ كەتمەيدۇ؟ جاۋاب: <<سېلىشتۇرۇش>> دېگەندەك سۆزلەرگە.
6. مەن قانچىلىك ئارىلىقتا بىر مەزمۇن ئېلان قىلىشىم كېرەك؟ جاۋاب: ھەر ئىككى كۈندە بىر قېتىم مەزمۇن ئېلان قىلسىڭىز، ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. |