YouTube ئېلانلىرىنىڭ ھەپتىلىك چېكىلىشى 3 مىليارد قېتىمدىن ئاشتى |
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com ئاۋاتلىغى: 123 قۇشۇلغان ۋاقتى: 2011/2/16 17:16:52 |
سوخۇ توورىنىڭ 2-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، YouTube ئېلانلىرىنىڭ ھەپتىلىك چېكىلىش قېتىم 3 مىلياردتىن ئاشقان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 5-ئايدىن بىرى %50 يۇقىرى ئۆرلىگەن. YouTube نىڭ مەھسۇلات دېرىكتۇرى شىشىر.مېخروتا مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق كونتورول قىلىشتىن ئايان بولۇشىچە، YouTube سىن ھۆججەتلىرىنىڭ ھەپتىلىك كۆرۈلۈش سانى 14 مىلياردىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ بەشتىن بىر قىسىم سىن ھۆججەتلىرىنىڭ پايدا يارىتىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:<<بىزنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىز سۇپىمىزمىدىكى بۇ مۇۋەپپىقىيەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن بىر-بىرىلەپ مەبلەغ سېلىشقا باشلىدى>>. Hulu بىلەن Netflix رىقابىتى ئۈچۈن، YouTube ئابونتلارنىڭ YouTube نى كۆرۈش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ھەمدە ئۆزىنىڭ تىجارەت ساھەسىنى كېڭەيتىشكە مۇھتاج. ئۇ شۇنداق قىلغانىدىلا ئاندىن گۇگېل ئۈچۈن بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى يارىتىپ بېرەلەيدىغان كەسىپتىن بىرنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ. بۇلتۇر YouTube نىڭ سېتىش مىقدارى ئوخشاش دەۋردىكىگە قارىغاندا بىر قاتلانغان ئىدى. Caris ۋە Co نىڭ ئانالىزچىسى ساندېپ.ئىجېرۋالنىڭ قىياسىچە، YouTube نىڭ بۇلتۇرقى بىر يىللىق تىجارەت كىرىمى 700مىليون 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2009-يىلى 300 مىليون 450 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىدى. ساندېپ.ئىجېرۋال YouTube نىڭ پايدىسىنى بۇلتۇردىن باشلاپ يۇقىرى ئۆرلەشكە باشلىغان، دەپ قارىغان. ئەمما ئۇنىڭ تىجارەت ساپ پايدا قىمسى ئاران %35 نى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ يادرولۇق كەسىپلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىزدەش مۇلازىمىتى تىجارەت پايدىسىنىڭ يىرىمىنى ئىگىلىگەن. شىشىر.مېخروتا مۇنداق دېگەن:<<ئېلان قوشۇلغان سىن ھۆججەتلىرىنىڭ چېكىلىش مىقدارى شىركىتىمىز مالىيسىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن بىر ھالقىلىق كۆرسەتمە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 2009-يىلى چېكىلىش ئومۇمىي مىقدارى بىر مىلياردقا يەتكەن بولۇپ، 2010-يىلى 5-ئايدا 2 مىلياردقا يەتكەن، ھازىر بولسا 3 مىلياردقا يەتتى>>. ComScore نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر 12-ئايدا YouTube سىن ھۆججەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدا ئېچىلىش نىسبىتى %80 كە يەتكەن، ئەمما ئەڭ قىزىقارلىق يىرى گۇگېلنىڭ ئامېرىكىدا ئېچىلىش نىسبىتى ئاران %37 كە يەتكەن. |
|
|
|