ياخۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى سىتراتېگىيىسىنى تەڭشىدى |
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com ئاۋاتلىغى: 110 قۇشۇلغان ۋاقتى: 2011/2/16 17:21:44 |
سوخۇ تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرى، شۇنچى يىل تىرىشىپمۇ، Facebook بىلەن ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرالىغۇدەك ئىجتىمائىي ئالاقە مۇلازىمىتىنى بارلىققا كەلتۈرەلمىگەنلىكتىن، ياخۇ يەنىلا Facebook قا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ تەنتەربىيە ۋە خەۋەر بەتلىرىگە Facebook نىڭ <>، <> قاتارلىق قوراللىرىنى قوشۇپ، ئۆزىنىڭ ماقالىرىدىن Facebook ئابونتلىرىنىڭمۇ بەھىرلىنىشنى ئۈمىد قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ياخۇنىڭ بۇ ماقاللىرى Facebook نىڭ ئىزدەش مۇلازىمىتىدىمۇ ئۇلىنىش قىلىندى. ياخۇ بۇنىڭدىن باشقا يەنە Twitter ۋە Zynga لەر بىلەن ئورناتقان سىتراتىگىيىسىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بولدى. ياخۇ بۇ ئارقىلىق ھەل قىلماقچى بولغان ئەڭ چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولسا، ئامېرىكا بازار تەتقىقاتى شىركىتى comScore نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلغاندا، بۇلتۇر ئابونتلارنىڭ ھەر ئايدا ئوتتورا ھېساب بىلەن ياخۇنى شىيارەت قىلغان ۋاقتىدا %10 تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. قۇلىقى ئۇزۇن ئەربابالرنىڭ ئاشكارلىرىغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ياخۇنىڭ ئچكى قىسمىدىكى تەتقىقاتتىن ئايان بولۇشىچە، ئابونتلارنىڭ ياخۇنى زىيارەت قىلىش قېتىم سانىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا Facebook ئىكەن. ياخۇنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى سېتىش بۆلۈمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن لېدىرى، تور تىجارتى شىركىتى Efficient Frontier نىڭ CEO سى داۋىد. كارىنىستېد بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:<<ياخۇ شۇنى بايقىدىكى، ئۇنىڭ بىلەن Facebook بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى <دوستلار ئارا مۇناسىۋەت> ياكى <دۈشمەنلەر ئارا مۇناسىۋەت> دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئىككى شىركەتنىڭ دۈشمەنلىكى بولسا، ھازىر Facebook نىڭ كۆلۈمى كېڭىيىۋاتىدۇ، ھەم ئۇنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىمۇ ناھايىتى تېز بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئەلۋەتتە، ياخۇنىڭ بەزى يادرولۇق كەسىپلىرىنى يۈتۈۋېتىش ئېھتىمالىمۇ يوق ئەمەس؛ بۇلارنىڭ دوسىتلۇقى بولسا، ياخۇ ھازىر ئوزىنىڭ ئابوتلىرىنىڭ Facebook نى زىيارەت قىلىشىنى چەكلىمەيدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئابونتلارغا تېخىمۇ قولايلى يارىتىلىپ بېرىلدى. بۇنداق بولۇشتىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، ئەمدى ئۇنىڭ باشقا تاللىشى قالمىغانىدى>>. ياخۇنىڭ CEO كارول.بارتىز تېخى يېقىندىلا Facebook نىڭ ئۆزىنىڭ ئەجەللىك رەقىبى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويغانىدى. ئامېرىكا كۆرۈنمە ئېلان بارىزىدا بۇنىڭ ئىپادىسى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىىك. 2010- يىلى ئامېرىكا كۆرۈنمە ئېلان بازىرىدىكى كۆلۈمى 9 مىلياردقا يەتكەن. comScore نىڭ قارىشىچە، 2010-يىلى ياخۇ ئامېرىكىدىكى ئەڭ كۆرۈنمە ئېلان سودىگىرى بولغان بولۇپ، ئىگىلەش نىسبىتى 2009-يىلىدىكى %16.5 تىن %16.2 كە چۈشكەن. Facebook ئىككىنچى قاتارغا تىزىلغان بولۇپ، ئىىگىلەش نىسبىتى ئالدىنقى يىلىدىكى %7.3 تتىن %13.6 كە يەتكەن. ياخۇنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمدارلىرى Facebook بىلەن بولغان ھەمكارلىققا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىكەن. ياخۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە، ئويون ۋە بەزى ئىندىۋىدىئاللاشقان كەسىپلىرىگە مەسئۇل مايىك. كېرنس مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قۇبۇل قىلغاندا، مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:<< Facebook بولسا بىزنىڭ ھەمكارلاشقۇچىمىز، ئۇ بىزنىڭ ھەمكارلاشقۇچىمىز بولۇپلا قالماي، يەنە ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىمىز، بىز Facebook نى ياخۇ ۋە باشقا ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىزنىڭ تۈرلۈك مەزمۇنلىرىنى ئېلان قىلىشتىكى ياخشى سۇپا دەپ قارايمىز. بىز ھازىر ئابونتلارنىڭ چۈشەنچىسىنى ئۆزگەرتىدىغان بىر ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشتۇق>>. Facebook نىڭ ھەمكارلىشىش ۋە تىجارەت كەسپىگە مەسئۇل مۇئاۋىن لېدىرى دان. رۇسې بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:<<بىزنىڭ شىركىتىمىز ياخۇنى رەقىب دەپ قارىمايدۇ، ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا بىر ياخۇ بىلەن قۇيۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتۇق، ئىشىنىمزىكى يېقىن كەلگۈسىدە بۇ ئىككى شىركەتنىڭ ھەمكارلىقى يەنىمۇ كۈچىيىدۇ. بىز ئەڭ قىزقتۇردىغىنى بولسا، بىرلەشكەندىلا ئابوبتلارنى تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بەھىرلىنەلەيدىغان قىلغىلى بولىدۇ. بىر ئۇزۇن قۇلاق ئەربابنىڭ ئاشكارىلىغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گۇگېل ھازىر بىر ئىجتىمائىي ئالاقە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان تور بېكەتنى تەتقىق قىلىپ ئېچىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى Facebook قا جەڭ ئېلان قىلىش ئىكەن. ياخۇ بىلەن Facebook نىڭ ھەمكارلىقى يامان خاراكتېرگە ئۆزگەرمەيدىكەن. بۇلتۇر ياخۇ ئۆزىنىڭ ئېلخەت مۇلازىمىتىگە يېڭى بىر ئىقتىدارنى قوشقان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ياخۇ ئابونتلىرىنىڭ Facebook نى زىيارەت قىلىشى قولايىسىز بولۇپ قالغانىدى. ياخۇ يۇقىرى دەرىجىلىك مەھسۇلات ئەمەلدارى بىلاك. لىرۋىڭ بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېگەنىدى:<<بۇ ئىقتىدار ئاكتىپ ئابونتلارغا ئېرىشەلمىدى. مېنىڭچە، ئىجتىمائىي ئالاقە تورى بولسا مەڭگۈ توسقىلى بولمايدىغان بىر ساھە>>. |
|
|
|