سىنا تورىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرى، مۇشۇ ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى ئانالىزچىلار تېلېفۇن يېغىنىدا، دېل(Dell) شىركىتىنىڭ CFO( ئەسلىسى: Chief Financial Officer -مالىيە ئىشلىرى باش نەزارەتچىسى) بىرايىن گالاددېن مەزكۇر شىركەتنى مەقسەتسىزلا خۇسۇسىيلاشتۇرۇشنى تەكىتلىگەن. ئەمما دېل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مايكېل دېل بۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرۈپ:<<دېلنىڭ مۇھىم نۇقتىسى PC نى باشقا كەسىپىي ساھەگە يۆتكەش>> دېگەن. دېلنىڭ مۇشۇ ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان مالىيە دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئالدىنقى يىل 1-ئايدىن تۆتىنچى پەسىلگىچە بولغان ئارىلىقتا مەزكۇر شىركەتنىڭ ھەربىر پايچىكلىرىنىڭ ئېرىشكەن پايدىسى ئوىشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا %48 يۇقىرى ئۆرلىگەن بولۇپ، بىر پەسىللىك پايدىسى جەھەتتىن قارىغاندىمۇ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارتىلغان. دېلنىڭ بۇ قېتىمقى تېلېفۇن يېغىنىنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى مەزكۇر شىركەتنىڭ پايدىسى ئاز بولغان PC كەسپىدىن ئالىىبۇرۇن باشقا ساھەگە يۈرۈش قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئىكەن. پايدا نىسبىتىنىڭ نورمال ھالىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، مەز كۇر شىركەت بىرىنچى پەسىلدە PC سېتىش مىقدارىنى ئازايىتىشنى تاللىغان. تۆتىنچى پەسىلدىكى ئەڭ چوڭ پايدىسى ياكى شىركەت ھەل قىلغان لايىھە ۋە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كىرىمى ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا %7 يۇقىرى ئۆرلىگەن، 4 مىلياد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، مەزكۇر شىركەت كىرىمىنىڭ ئۈچىن برى قسىمىنى ئىگىلىگەن ھەمدە دېلنىڭ پۈتكۈل كىرىمى %5 لىك سۈرئەت بىلەن ئۆرلىگەن. دىققەت قىلشىقا ئەرزىيدىغىنى، مۇلازىمىتىر ۋە تور ئەسلىھەلىرىنىڭ بىرلەشمە كىرىمى %16 ، ماشىنا جازىسى مۇلازىمىتىرى %26 يۇقىرى ئۆرلىگەن. ساقلاش مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى ئالدىنقى مەزگىلدىكىگە قارىغاندا %6 ئۆرلىگەن. بىرايىن گالاددېن بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:<<دېل ئىلگىرىكى تارماق شىركەتتىن زورىيىپ، ھازىرقى ئىچكى ساقلىغۇچ ئەسلىھەلىرى ساھەسىدە پىشقان شىركەتكە ئايلاندى، شىركىتىمىزنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچ ئەسلىھەلىرى ئومۇمىي پايدىسى ئۆتكەن ئىككى يىلدىكىگە قارىغاندا بىر ھەسسە يۇقىرى ئۆرلىدى>>. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئابونتلار كىرىمىمۇ %4 ئۆسكەن، چوڭ، ئوتتورا، كىچىك تىپتىكى شىركەتلەرنىڭ چىقىمىمۇ ئوخشاش مەزگىدىلىكىگە قارىغاندا، كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن. ئەمما ئېستىمالچىلارنىڭ چىقىمىدا بولسا %6 تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىشلار بۇلتۇر Windows 7 نىڭ كۆپ مىقداردا ئىشلەپچىقىرىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. دېل چوڭ تىپتىكى شىركەت ۋە مۇلازىمەت كەسپى بۆلۈمىنىڭ باشقۇرغۇچىسى سىتىۋى. چاككېىنبورگ مۇنداق دېگەن:<<دېلنىڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ پايدىسى %1 يۇقىرى ئۆرلەپ، 100 مىليون 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغان يەتتى، بۇ بۆلۈم دېل شىركىتى سېتىۋالغان Perot شىركىتىنىمۇ ئۆز ئىچگە ئالىدۇ. نۆۋەتتە،ئومۇمىي خىزمەتچى خادىملار 40 مىڭ 300 نەپەر بولۇپ، مۆلچەردىكى ئابونت سانىدىمۇ %17 ئۆرلەش كۆرۈلگەن. دېل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مايكول.دېل مۇنداق دېدى:<< تەلەپۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، پايدا ئاز بولغان كەسىپلەرگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى ئازايتىساق، مەزكۇر شىركەتنىڭ يەنىمۇ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بىز دەل مۇشۇنداق بىزگە پايدىسى زور بولغان لايىھە ۋە پىلانلار تىزدىن يۈرۈش قىلىشىمىز كېرەك>>. ئانالىزچىلارنىڭ بۇ سۆھبىتىدە، بىر قىسىم پايدىلىق زاپچاسلارنىڭ باھاسى سورالغاندا، بىرايىن گالاددېن جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:<<كۆرسەتكۈچ (显示器) ۋە ساقلاش ئۆزىكىنىڭ باھاسى مۇۋاپىق>>. ئۇ يەنە، بۇ يىل شىركەتنىڭ تەلەپ ۋە تەمىنلەش مۇناسىۋىتىدە يەنىمۇ كۆپ پايدىغان ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. ئۇنىڭچە، يۇمشاق دېتال ساھەسىگە سېلىنغان مەبلەغ باشقۇۇرۇش سىسىتېمىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى تەمىنلەشكە يېتىدىكەن. مەسىلەن، SecureWorks نى سېتىۋېلىش ئارقىلىق، مەزكۇر شىركەت بىخەتەرلىك ساھەسى ۋە ئەقلىي مۈلۈك سەھىسىدە نۇرغۇنلىغان نەپكە ئېرىشىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى سانسىزلىغان شىركەتلەر ئىچىدە باشقىلارنىڭ ئالاھىدە ئىشەنچىگە ئېرىشكەن. دېلنىڭ بۇ يىلقى ئومۇمىي كىرىمى ئالدىنقى يىلدىكىگە قارىغاندا %5 -%9 كىچە يۇقىرى ئۆرلەش مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، ۋال سترېت كوچىسىدىكى %4.8 لىك سەۋىيىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بەزى ئانالىزچىلار دىلنىڭ قانداق قىلىپ بۇ نىشانغان يېتىدىغانلىقىنى سورىغان. بۇ ھەقتە بىرايىن گالاددې مۇنداق دېگەن:<<بۇ شىركەتنىڭ PC كەسپىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى ئانالىزچىلارنىڭ پۈتكۈل PC بازىرىغا بولغان قىياسىدىن كەلگەن. ھازىر شىركىتىمىز ئامېرىكا بازار ئانالىز قىلىش شىركىتى Gartner نىڭ ستاتىستىكىسىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ>>. ئۇنىڭدىن باشقا، بىرايىن گالاددې يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:<<بىز پايدىىنىڭ نۇرمال ئېشىشى سۈرئىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، تۆتىنچى پەسىلدە ئېستىمال بازىرىدا PC نىڭ مىقدارىنى ئازايىتتۇق، مېنىڭچە، بۇ يىلدىن باشلاپ بىزنىڭ ئېستىمال بازىرىدىكى پايدىمىز تېز سۈرئەتتە كۆپىيىدۇ>>. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دېلنىڭ PC كەسپىدە تۆتىنچى پەسىلدە %2 يۇقىرى ئۆرلەش كۆرۈلگەن. ئەمما ئانالىزچىلارنىڭ بۇ قېتىمقى تېلېفۇن يېغىنىدا، ھەممىنىڭ دېققىتىنى يارتىقىنى مايكېل دېل نىڭ مۇنۇ بىر ئابزاس سۆزى:<<ئومۇمىي پايدا نىبسىتىدىن قارىغاندا، بىزنىڭ ھازىرقى ئۈچتىن ئىككى قىسىم پايدىنىڭ كېلىش مەنبەسى مۇلازىمىتىېر، تور، مۇلازىمەت ۋە يۇمشاق دېتال ۋە باشقا ئەسلىھەلەر. شۇڭلاشقا مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، شىركىتىمىز مۇھىم نۇقتىنى PC كەسپىدىن باشقا ساھەگە يۆتكەشنى قارار قىلدى. نۆۋەتتە، PC كەسپى شىركىتىمىز ئومۇمىي پايدىسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ>>. |