United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> سۈرەتلىك ئۆگۈتۈش
   كومپىيوتېر ئۆگىنىش    
Twitter نىڭ كەلگۈسى كۆچمە خەۋەرلىشىش كەسپى ئىكەن
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com     ئاۋاتلىغى: 104    قۇشۇلغان ۋاقتى: 2011/2/16 13:13:42
TechWeb نىڭ 2-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى تېلېگىراممىسى، چەتئەل ئاخبارات ۋاىسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلغاندا،Twitter نىڭ CEO سى دىك.كاستولو مۇشۇ ھەپتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى 2011-يىلىق كۆچمە خەۋەرلىشىش دۇنياسى چوڭ يېغىنى(Mobile World Congress) دا مۇنداق دېگەن:<<كۆچمە خەۋەرلىشىش كەسپى بولسا Twitter نىڭ كەلگۈسىدۇر>>.
دىك.كاستولو بۇ يېغىندا يەنە مۇنۇلارنى ئاشكارىلىغان:<<ھازىرTwitter ئابونتلىرىنىڭ كۈندىلىك ئۇچۇر يوللاش مىقدارى 100 مىليون 300 دانىدىن ئېشىپ كەتتى>>. ئەمما بۇ تور بېكەتنىڭ ئەمەلىي كىرىمى بولسا تېخىچە بىر سىر ئىكەن. كۆچمە خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ Twitter نىڭ كەلگۈسى بولۇشىدىكى سەۋەب ناھايىتى ئېنىق، چۈنكى نۆۋەتتە %40 ئۇچۇرنىڭ ھەممىسى ئاساسەن Twitter غا كۆچمە ئالاقىلىشىش ئەسلىھەلىرىدىن يوللىنىدۇ. %50 ئابونت مۇشۇنداق بىر خىل سۇپىنى جانلاندۇرۇۋاتىدۇ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئابونتلار ئۈستەل كومپيۇتېرى، خاتىرە كومپىيۇتېر ۋە يانفۇنلار بىلەن ئۆزىنىڭ مىكرو بلوگىغا ئۇچۇر يوللاپ تۇرىدۇ.
ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:<<ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە Twitter ئابونتلىرىنىڭ ئوتتورا ھېساب بىلەن سىكۇنىتىغا يوللىغان ئۇچۇر سانى 4000 پارچىدىن ئېشىپ كەتتى، 2008-يىلى ئابونتلارنىڭ مىكرو بلوگىغا ئوتتورا ھېساب بىلەن ھەر سىكۇنىتىغا يوللايدىغان ئۇچۇر سانى ئاران 27 پارچە ئىدى. Android ، ئالما ۋە قارا بۆلجۈرگەن ئەسلىھەلىرى بىلەن Twitter غا ئۇچۇر يوللىغان ئابونتلارنىڭ ھېس قىلغانلىرى ئوخشاش ئەمەس، ئابونتلار قايتىدىن قانداق سىسىتېما ئىشلىتىشنى ئۆگىنىشكە مۇھتاج بولۇۋاتىدۇ، Twitter يېقىن كەلگۈسىدە بۇ ئابونتلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ>>.
بۇنىڭىدىن سەل ئىلگىرى بەزىلەرنىڭ ئاشكارىلىغان خەۋىرىگە قارىغاندا، Facebook، گۇگېل ۋە باشقا شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن Twitter نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا بىر قېتىملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلار يەنىلا سېتىۋىلىش توغرسىدا سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، تېخى ئۇلار ھېچقانداق بىر ئورتاق پىكىرگە ئىگە بولالىغان ئىكەن>>.
ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان ئەربابلارنىڭ ئىپادە بىلدۈرۈشىچە، Twitter نىڭ 2010-يىللىق كىرىمى 45 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان. ئۇلار گەرچە خادىم قۇبۇل قىلىش ۋە سانلىق مەلۇمات مەركىزى قاتارلىقلار مەبلەغ سالغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا زىيان تارتىش ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش بولمىغان. پەرەز قىلىنىشىچە، Twitter نىڭ بۇ بىر يىللىق كىرىمى 100 مىليون ئامېرىكا دوللىردىن 100 مىليون 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولۇش مۇمكىن ئىكەن. 
 
  &  ئالدىنقى ئۇچۇر:گۇگېل Android نىڭ يېڭى نەشرىنى يېقىن كەلگۈسىدە بازارغا سالىدىكەن
&  كېيىنكى ئۇچۇر:دېل شىركىتى باشقا ساھەگە يۈرۈش قىلماقچى بوپتۇ
  بېكىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرى توردىن توپلانغان بولۇپ بارلىق ھوقۇقى ئەسلى ئاپتورىغا تەۋە ، ئەگەر ھوقۇقىمىزغا دەخلى تەرز قىلدى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ بىز دەرھال چىقىرىۋېتىمىز، رەخمەت!
تور سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشى تۈپەيلى بىر قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرنىڭ ئۇلىنىش سۈرئىتى ئاستا بولۇشى مۇمكىن ، سەۋر قىلىپ ساقلاڭ!  (قوللىغىنىڭىزغا رەخمەت)
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

7